ياۋرۇپا پارلامېنتى «ياۋۇرپا -خىتاي دوكلاتى» ئارقىلىق خىتاينى كىشلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلدى دەپ ئەيىپلىدى

ياۋروپا پارلامېنتى يېغىنىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يېڭى « ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات » ماقۇللاپ چىقتى . 30 بەتلىك بۇ دوكلات ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ ، ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتى ، ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەقلىرى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ياۋرۇپا پارلامېنتى «ياۋۇرپا -خىتاي دوكلاتى» ئارقىلىق خىتاينى كىشلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىش بىلەن ئەيىپلىدى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقىت: 2018يىل 14-سېنتەبىر

تەرجىمان: ئىقبال

 

ياۋروپا پارلامېنتى يېغىنىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن يېڭى « ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات » ماقۇللاپ چىقتى . 30 بەتلىك بۇ دوكلات ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ ، ئىقتىساد – سودا مۇناسىۋىتى ، ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەقلىرى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى ) دوكلاتتا مۇنۇلار تەكىتلەندى : جۇڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت قۇرۇپ چقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ياۋرپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يادروسى بولۇشى شەرت . دوكلاتتا يەنە ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ، تېخىمۇ قەتئىي ، تېخىمۇ ئاشكارە بولغان سىياسەت قوللىنىشى تەلەپ قىلىنىدى. خىتايدىكى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشۋاتقان تەھدىتلەرنى ، ئىنسانى ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى ،مۇخبىرلار، ئالىملار شۇنداقلا ئىشچىلار ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قاماش ۋە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىنى ناۋروپا پارلامېنتى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ بۇ يېڭى « ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى دوكلاتى » نى گوللاندىيە تەۋەلىكىدىكى ياورۇپا پارلامىنت ئەزاسى باسىل بارد باش بولۇپ تەييارلىدى. ئاخىرقى بىلەت تاشلاشتا 300 ئاۋازنىڭ قوللىشى ، 53 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى ، 55 ئادەمنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى . سەيشەنبە كۈنى ئاۋازغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزىلىدىغان پارلامېنت مۇنازىرىسدە ، بېيرد بۇ دوكلاتنىڭ مەقسىتى بايان قىلدى ، ئۇ مۇنداق دېدى : « رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇتلەقلەشتۈرۈلگەن رەھبەرلىكىدە ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھازىر مەيلى ئىچكى – مەيلى تاشقى جەھەتتە بولسۇن ناھايتى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ۋە جانلىق شەكىلدە تەرەققىي قىلىدى. پەقەت بۇ مۇرەككەپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىنچىكە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپش ۋە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارغاندىلا ياۋروپا ئاندىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئۇيغۇن ئۇسۇل بىلەن بېيجىڭ بىلەن بولغان يىقىن مۇناسىۋىتىنى رىئاللىقا ئايلاندۇرالايدۇ . بېيرد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : «ياۋروپا نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، شىزاڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى ، دىن ئەركىنلىكى ئەھۋالى، جەنۇبى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ،ھەربىيلەشتۈرۈش ۋە تەيۋەنگە قارىتىلغان بىسىم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ .» ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى . موگېرىنى سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : « يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، خىتاي دۇنيا سەھنىسىدە ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتى . مەنپەئەت بىردەكلىكى بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە ، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ھەمكارلاشقۇچىمىز دەپ قارايدۇ . بىزنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىمىز ئىنتايىن قويۇق بولۇپ : بىز ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى قوغداشقا بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز ؛ بىز چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە ئۇنى يادروسىزلاشتۇرۇش سۆھبىتىنى قوللايمىز ؛ بىز ھەممىمىز ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز . . . » گىرمانىيە پارلامېنت ئەزاسى بۇمەت دىكى فەرغانە ( B ü ) موگېرىنىنىڭ سۆزىدىن چوڭقۇر ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى . ئۇ مۇنداق دېدى : « موگېرىنى خانىم ، سىز جۇڭگوغا مەدھىيە سۆزلىرىنى ياغدۇرۇۋەتتىڭىز . سىز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە تولغان بىر خىتاي توغرۇلۇق گەپ قىلىۋاتىسىز ،مەن بولسام بىر مۇتتەھەم خىتايدىن . سىز تەيۋەن بوغوزى سۆھبىتى توڭلىتىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ دەيسىز ، ئەمما مەن خىتاينىڭ تەيۋەننى بوغۇشقا تىرىشۋاتقانىلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن. سىز خىتاي بىزنىڭ بارلىق پىرىنسپلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدۇ دىدىڭىز، ئەمما پاكىت… خىتاي بىز ھۆرمەت قىلىدىغان ئالى پىرىنسىپلىرىمىزنى تامامەن رەت قىلدى. سىز بىزنىڭ ئورتاق مەيدانىمىز بار ، خىتاي ھەرگىز بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ دەيسىز، ئەمما مەن خىتاينىڭ ھەممە ياققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمەن. مەن سىزنىڭ قايسى خىتاي توغرىسىدا گىپ قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەلمىدىم. مىنىڭچە بىز مەيدانىمىزنى ئىنىق قىلىپ، خىتايدىن بىر ياۋۇرپا ئىتتىپاقى سىياسىتى بويىىچە ھەركەت قىلشنى تەلەپ قىلىشىمىز كىرەك. شۋېتسىيە خەلقئارا ئىشلار تەتقىقات ئورنىدىكى R ü تىم لۈ « دىپلوماتىيە » ژۇرنىلىغا ماقالە يېزىپ ، 2015 – يىلى ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان « ياۋروپا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات »بىلەن سىلىشتۇرغاندا ، يېڭىدىن ماقۇللىغان دوكلات ئېنىقلا تېخىمۇ تەنقىدىي ۋە تېخىمۇ كەسكىن پىرىنسىپچانلىققا ئىگە . ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئۆزگىرىش يۈز بېرىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ، شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى خىتاينىڭ بارغانسېرى مۇستەبىتلىككە قاراپ يۈزلىنىشى ، خىتاينىڭ ئىسلاھ بولۇشىغا ئۈمىد باغلىغان ياۋروپادىكى كۆزەتكۈچىلەرنى قاتتىق ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن.   مەنبە: https://www.dw.com/zh/欧洲议会通过欧中报告-谴责中国侵犯人权/a-45489314?&zhongwen=simp

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

نىيۇيوركتا ختتايغا قارشى ئۇيغۇر،تبەت،موڭغۇل ،تۈرك،تەيۋەن-خوڭكوڭ بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى!

چا سېنتەبىر 19 , 2018
2018-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 73-نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىىشى باشلىنىش يېغىنىغا ئۈلگۈرتۈپ ۋاشنگىتون ۋە نىيۇيورك ئەتراپىدا ياشايدىغان نۇرغۇن ختتايغا قارشى تەشكىلاتلار نامايىش ئىلىپ باردى.

You May Like