ئامېرىكىدىن كېيىن ياۋروپامۇ خىتايغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

ئامېرىكىدىن كېيىن ياۋروپامۇ خىتايغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

 ئامېرىكىدىن كېيىن ياۋروپامۇ خىتايغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 20-فېۋرال

دۈشەنبە كۈنى(20-فېۋرال) خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يىنىڭ رۇسىيەگە يېتىپ بېرىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ رۇسىيەگە قورال تەمىنلەپ بەرمەسلىككە چاقىردى. ئوخشاش بىر كۈندە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تۇيۇقسىز ئۇكرائىناغا بېرىپ زېلىنىسكى بىلەن كۆرۈشتى.

ياۋروپا پارلامېنتى تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى Josep Borrell Fontelles بۇ ھەقتىكى بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېگەن: « ۋاڭ يى نىڭ ماڭا دېيىشىچە، خىتاي تەرەپ رۇسىيەگە قورال تەمىنلەشنى ئويلىشىپ باقماپتۇ، ئەمما بىز ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىزىل سىزىقى.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى شىۋېتسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى Tobias Billstrom ئەسكەرتىپ، ئەگەر خىتاي رۇسىيەگە قورال-ياراغ تەمىنلىسە ئاقىۋەتنىڭ ئىنتايىن يامان بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولغىنىدەك 18-فېۋرال ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بلىنكىنمۇ خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراغ تەمىنلەش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى دەپ ئۆتكەن، ۋە خىتايغا بۇنداق قىلماسلىقى ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گوللاندىيە رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقارماقچى

دۈ فېۋرال 20 , 2023
گوللاندىيە رۇسىيە دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقارماقچى

You May Like