فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: ياۋروپا خىتاينىڭ تېخنىكىسىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالدى

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: ياۋروپا خىتاينىڭ تېخنىكىسىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالدى

فىنلاندىيە باش مىنىستىرى: ياۋروپا خىتاينىڭ تېخنىكىسىغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 18-نويابىر

خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 18-نويابىر فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن Slush خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش كۆرگەزمىسىگە قاتناشقان فىنلاندىيە باش مىنىستىرى مارىن ساننا خانىم سۆزگە چىقىپ ياۋروپانىڭ نۆۋەتتە پەن تېخنىكا جەھەتتە خىتايغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالغانلىقىنى شىكايەت قىلغان. 

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېگەن: « شۇنى ئىقرار قىلىشىمىز كېرەككى، بىزدە نۇقسانلار كۆرۈلۈشكە باشلىدى(ياۋروپا ئىتتىپاقىنى دېمەكچى)، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە مەركىزى ئۈزەك ساھەسىگە نەزەر سالساق ھەددىدىن زىيادە سىرتقا تايىنىپ قالغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ…ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە جەھەتتىكى رۇسىيەگە تايىنىپ قېلىشى نۆۋەتتىكى ئېنېرگىيە كرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ۋىرۇس تارقالغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى تېببىي ئەسلىھەلەرنىڭ يېتىشمەسلىكى ئەسلى بىزگە ساۋاق بولۇشى كېرەك ئىدى…بىز چوقۇم يېڭى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئەقلى ئىقتىدارنىڭ بولۇشىغا كاپالەت بېرىشىمىز، ھەرگىزمۇ خىتاي ۋە باشقا دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرگە تايىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ دۆلەتلەرنىڭ لوگىكىسى دېموكراتىيە دۆلەتلىرى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.»

ئۇ يەنە ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى سۈنئىي ئەقلىي ئىدراك تېخنىكىسى ۋە ئاتوملۇق ھېسابلاش تېخنىكىسىغا ئوخشاش يېڭى ساھەلەرگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئالدىنقى ئايدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئېچىلغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مۇزاكىرە يىغىنىنىڭ نەتىجىسىدە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ لېدىرلىرى بىردەك ھالدا ئورتاقلىققا كېلىپ مۇنداق يەكۈن چىقارغان. يەنى: بېيجىڭ بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىدا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرقانداق توقۇنۇش، دۇنيانىڭ تېخنىكا تەمىنلەش زەنجىرىدە ئېغىر دەرىجىدىكى ئۈزۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

جاللات شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ پەسكەش تەبىئىتىنى خەلقئارا سەھنىدە يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

جۈ نويابىر 18 , 2022
جاللات شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ پەسكەش تەبىئىتىنى خەلقئارا سەھنىدە يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

You May Like