ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە سايلام ئارقىلىق يېڭى رەھبەرلىك كوللىكتىۋى بارلىققا كەلدى

مەنبەسى: ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى سوسيال مېدىيا ھساۋاتى

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2009 ـ يىلى گوللاندىيەدە رەسمى ئەنگە ئېلىنىپ قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھەر ئۈچ يىلدا بىر سايلام ئېلىپ بارىدىغان بولۇپ، 2024-يىلى 1- ئاينىڭ 1 – كۈنى 6- قېتىملىق سايلام ئېلىپ باردى. سايلام ئىچكى سايلام بولۇپ، سايلامغا ئىدارە ۋە ئىستىشارە ھەيئەتتىكى بارلىق ئەزالار تولۇق قاتناشتى. سايلامدا جەمئىيەت رەھبەرلىرى ۋە بۆلۈم مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلدى. سايلام مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئاياغلاشتى. 7 – يانۋار يېڭى سايلانغان مەسئۇللارنىڭ رەسمىي ھالدا ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋە يېڭى يىللىق پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدە يېغىن ئۆتكۈزۈلدى.

سايلامدا ۋەزىپىگە سايلانغانلار:

جەمئىيەت رەئىسى: ئوبۇلقاسىم ئابلىز

مۇئاۋىن رەئىس: ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ، ئابدۇلۋاھاپ ئابدۇلباقى

جەمئىيەت كاتىبى: ئەلىشىر ئەزىز

مەركەز مەسئۇلى: مەخمۇتجان تۇرسۇن

دەۋەت بۆلۈم مەسئۇلى: ئەيسا ساۋۇت

تەلىم-تەربىيە بۆلۈم مەسئۇلى: يۈسۈپجان ئەھەد

ياشلار بۆلۈم مەسئۇلى: مۇھەممەد ئۆمەر رەجەپ

مالىيە كىرىم مەسئۇلى : ئابدۇللاھ ئابدۇراھمان

مالىيە ساندۇق مەسئۇلى: ئەھمەدجان ئەزىز

مالىيە چىقىم مەسئۇلى: مۇھەممەد ئۆمەر رەجەپ

تەپتىش بۆلۈم مەسئۇلى: ئۆتكۈر يۇنۇس

تەشۋىقات بۆلۈم مەسئۇلى: مۇھەممەد ئەلى مۇھەممەد سىددىق

جىنازە ئىشلىرى مەسئۇلى : ئابدۇراھمان ئابدۇللاھ

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاينىڭ ۋەتەنگە بارغىلى قويۇش قىلتىقى

دۈ يانۋار 8 , 2024
گۈلنار ئىمام توردىن ئىلىنغان يازمىلار ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ) خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا «مانا ۋەتىنىڭ. ۋىجدانسىز بولساڭ كەل» دەپ چوڭ يەمچۈكنى تاشلىدى. ئەمدى ئېنىقكى ئىككىگە ئايرىلىمىز. ئۆتكەن يەتتە يىلدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى يازسا نەچچە كىتابمۇ يەتمەيدۇ. شۇنچە خورلۇقلارنى ئۇنتۇپ، مۇشۇنداقلا بولدى قىلىپ ۋەتەنگە بېرىپ كېلىشنى – بارلىق تارتقان خورلۇقلىرىمىزنى، تۇتۇلغان، قىينالغان، […]
خەلق ئاۋازى

You May Like