ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش دوكلاتى

خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى- تەرز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى بىردەك ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى- تەرز قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى بىردەك ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. 

 (گېرمانچىدىن تەرجىمە قىلىندى) 

 ئابدۇرەھىمجان

( JULIAN RÖPCKE 14.09.2021 ) 

بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا بەش ئاي قالغاندا، بۇ ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتى « ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. بارلىق پارلامېنت گۇرۇپ باشلىقلىرى، 2- ئايدا خىتاينىڭ كوممۇنىست مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان، قىشلىق ئولىمپىك  مۇسابىقىسىنى سىياسىي بايقۇت قىلىشقا چاقىردى. 

ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىئونلارلا ئەمەس، ھەتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىمۇ،  خىتاي دۆلىتىدىكى ئاپەت خاراكتېرلىك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى، شۇنىڭدەك تەيۋەن، ھوڭكوڭغا قاراتقان ئىنسان ھەقلىرى دەخلى- تەرۇزلىرى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قاراتقان خولىگەنلىك، يولسىزلىق سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن، ئولىمپىك ئويۇنىغا قاتناشماسلىقىنى ئېلان قىلدى . ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى، ئىتتىپاققا ئەزا  27 دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرىنىڭمۇ بىردەك بايقۇت قىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. 

دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار قەيت قىلىنغان: «ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خىتايدىكى، ھوڭ كوڭدىكى ئىنسان  ھەقلىرى ۋەزىيىتى ياخشىلانمىسا، ياكى – ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشەلمىسە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىدا، بېيجىڭدىكى ئولىمپىك قىشلىق مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن تەكلىپنامىنى رەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ».

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، خىتاينىڭ مۇسۇلمانلارغا – ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسىدۇر. بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن : ئۇيغۇرلار « سىستېمىلىق مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش، قىيناش ، غايىب قىلىۋېتىش، كەڭ كۆلەملىك نازارەت قىلىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي يوقىتىش ، ئاياللارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش، ئاياللارغا جىنسىي زوراۋانلىق قىلىش، نەسلى كۆپىيىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە ئائىلىنى ئايرىۋېتىش – قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلدى». 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تالىبان باياناتچىسى: «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى

پە سېنتەبىر 16 , 2021
تالىبان باياناتچىسى: «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ئەزالىرى ئافغانىستاندىن ئايرىلدى

You May Like