ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل سېنتەبىردە «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش» قارار لايىھىسىنى تەستىقلىماقچى

ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل سېنتەبىردە «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش» قارار لايىھىسىنى تەستىقلىماقچى

 ياۋروپا پارلامېنتى بۇ يىل سېنتەبىردە «مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى چەكلەش» قارار لايىھىسىنى تەستىقلىماقچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-مارت

ئارمان

ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى رافائەل گلۇكىسمەن ئەپەندىمنىڭ ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدىكى ئاشكارىلىغان ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى ئەڭ كېچىككەندىمۇ بۇ يىل 9- ئايغىچە مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق گۇمانى بار مەھسۇلاتلارنى ياۋروپا بازىرىدىن چەكلەش توغرىسىدا قارار لايىھىسىنى ئېلان قىلماقچى ئىكەن. 

رافائەل گلۇكىسمەن ئەپەندىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ فەيسبۇك بېتىدە مۇنداق يازغان: 

« قىلغان ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى! بىر قانچە يىللاردىن بۇيان بىز ئىزچىل ھالدا قۇللۇق ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلدۇق. مانا ئەمدى «ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش»نى قولغا كەلتۈردۇق. ھازىر ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيونىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىق ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلدىم، ئەسلى پىلان بويىچە 2024-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان لايىھىنىڭ ئەسلى تېكىستى 2022-يىلى كۈزدە پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان بولدى.

بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ناھايىتى ئاددىي، يەنى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۇكانلاردا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكچىلىرىنىڭ قولى تەگكەن ھەرقانداق كۆينەك، ئاياغ ۋە ياكى ماشىنىلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىق! تاموژنىلىرىمىزدىن مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە چېتىشلىقى بولغان ھەرقانداق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا زېمىنىغا كىرىشىنى چەكلىشىنى ئىلتىماس قىلىشتۇر! 

بۇلتۇر 9- ئايدا Ursula Von der Leyen خانىم (ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى رەئىسى) ياۋروپا بازىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ھەرقانداق مەھسۇلاتنى چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ئىدى. بىز ئەمدى بۇ ۋەدىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كۈتىمىز، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ قارار 9- ئايدا روياپقا چىققۇسى! ياۋروپا پارلامېنتى بۇ ھەقتە 6-،7- ئايلاردا قارار بېرىش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ، بۇ كەلگۈسىدىكى رەسمىي قانۇننىڭ روياپقا چىقىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. مەن بۇ لايىھىنىڭ تۈزگۈچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھاياجانلىق ئىلىكىدە بۇ مىنۇتلارنى كۈتىمەن!

ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدە ئۇيغۇر ئەمگەكچىلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشقا قاتنىشىۋاتقان ZARA、NIKE، خۇاۋېي قاتارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەر ئېنىقكى ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بۇ لايىھىنىڭ تەستىقلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويمايمىز. ئالدىمىزدىكى كۈرەش ناھايىتى مۈشكۈل ئەمما بىز چوقۇم غەلىبە قىلىمىز.

كۈرىشىمىز داۋام قىلىدۇ!»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن

چا مارت 30 , 2022
ئىككى نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ ئاۋسترالىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن

You May Like