ياۋروپا ئىتتىپاقى: تۈركىي مۇسۇلمانلارنى خىتايغا قايتۇرۇش ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ

بىرۇسسىل: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىچكى- تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا:» ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا خورلۇققا ئۇچراش خەۋپىگە قارىتا تولۇق، ئادىل، ئالاھىدە باھا چقىرىشتىن بۇرۇن بۇرۇن ئۇلارنى خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرماسلىق كىرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى

ئەردەم تەرجىمىسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018- يىلى 3- دىكابىر

  بىرۇسسىل: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى بۈگۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىچكى- تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا:» ياۋروپا ئىتتىپاقى تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلسا خورلۇققا ئۇچراش خەۋپىگە قارىتا تولۇق، ئادىل، ئالاھىدە باھا چقىرىشتىن بۇرۇن بۇرۇن ئۇلارنى خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرماسلىق كىرەكلىكىنى بىلدۈردى.   ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تۈركىي مۇسۇلمان پاناھلانغۇچىلار توغرىسىدا خەت ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر خىتايلىق تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرىنى تىزلەشتۈرۈشى، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردىكى تۈركىي مۇسۇلمانلارغا تەھدىت سىلىش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك. بىر قىسىم ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلىرى ئاللىقاچان تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى قايتۇرىۋىتىشنى ۋاقتىنچە توختاتتى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بۆلۈمى مۇدىرى لوت لېخىت:» بىراق بۇ تەدبىر تاكى خىتاي شىنجاڭدىكى ئوموميۈزلۈك باستۇرۇشنى توختاتقانغا قەدەر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەيدانىغا ئايلىنىشى كىرەك» دېدى. ئۆتكەن بىر يىلدا، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسىنىڭ ئىزچىل ناچارلىشىۋاتقانلىقىدىن دوكىلات بەردى. ئىشەنچىلىك دوكىلاتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر مىلىيونغا قەدەر كىشىلەر خالىغانچە تۇتۇلۇپ، ھەر قايسى جايلاردا يىڭىدىن قۇرۇلغان » سىياسىي تەربىيەلەش» لاگىرلىرىغا قامالغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش ئورگىنى بۇ لاگىرلار ۋە باشقا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يۈز بىرىۋاتقان تەن جازاسى ۋە خورلاش قىلمىشلىرى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە دىنى ئەركىنلىكنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى يىقىندا قوزغىغان » قاتتىق زەربە بىرىش» ھەرىكىتىنىڭ يىقىندا دۆلەت ئىچىدىلا داۋاملاشماستىن، ھەر قايسى جايلاردىكى تۈركىي مۇسۇلمان مۇھاجىرلارنىمۇ ئاۋارە قىلماقتا، ئاساسلىق مەقسىتى ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلاش. رايون، دۆلەت   ئاسىيا    خىتاي ۋە تىبەت   ياۋروپا ئىتتىپاقى تېما: دىنىي ئەركىنلىك سىياسىي پاناھلانغۇچىلار   مەنبە:   https://www.hrw.org/news/2018/12/03/eu-suspend-deportations-turkic-muslims-china

UT-Uyghur Reporter 14

Next Post

ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋېلىنىڭ غايىپ جىنازە نامازى ئوقۇلدى

جۈ دېكابىر 7 , 2018
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن 28 يىلدىن بېرى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرلىۋاتقان ئابدۇلكەرىم ئابدۇۋەلى ( كىرەم قارىم )، يىقىندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن شەھىت .قىلىنغان ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنى كۆزىتىش جەريانىدا بۇ خەۋەرنىڭ راسىتلىقى دەلىللەنگەن

You May Like