ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە خىتايغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى قارارنامىنى ماقۇللىدى

ياۋروپا پارلامېنتى 10-ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ «ياۋروپا- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى» نامىدىكى قارارنامىنى ماقۇللىغان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 08-ئۆكتەبىر

 

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: ياۋروپا پارلامېنتى 10-ئاينىڭ 6- كۈنىدىكى ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ «ياۋروپا- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى» نامىدىكى قارارنامىنى ماقۇللىغان. خەۋەر قىلىنىشىچە: مەزكۇر قارارنامىدە ئاساسلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە جەنۇبى  شەرقى خىتاي دېڭىزى، خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن ئورتاق پىكىردە بولۇش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن. خەۋەر قىلىنىشىچە مەزكۇر قارارنامە 550 بېلەت قوللاش، 83 بېلەت قارشى تۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن ماقۇللانغان.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىدا يەنە نۆۋەتتىكى يولغا قويۇلۇۋاتقان «ھىندى- تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسى» دىكى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق ئورتاق دېموكراتىك شېرىكلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە كۆرسىتىلگەن.  

7-ئۆكتەبىر تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قارارى توغرىسىدا بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «تەيۋەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۈرگۈزگەن بۇ كونكرېت ھەرىكەتلىرىگە چىن قەلبىدىن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدۇ ۋە قىزغىن قارشى ئالىدۇ. خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇرۇشى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ شۇنداقلا رايوننىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدۇ شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىگە يۈكسەك ھالدا دىققەت قىلىشى زۆرۈر.تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە خىتاينى مەزكۇر رايوندىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق ھەربىي تەھدىتلەرنى توختىتىشقا چاقىرىدۇ. خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەن تەيۋەن ھۆكۈمىتى شۇنداقلا 23مىليون 500 مىڭ تەيۋەن خەلقى بىلەن بىر سەپتە «ھىندى -تىنچ ئوكيان» رايونىدىكى مەسئۇلىيەتچان شۇنداقلا تىنچلىقنى سۆيىدىغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە تىنچلىقنى قوغداش ئىرادىسىگە قەتئىي بويسۇنىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىقتىدارغا ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق ئورتاق پىكىردىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى داۋاملىق تۈردە چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.»

 

تەييارلىغۇچى: ئارمان

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مەتبۇئاتلاردا تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلانغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك دېلوسى

جۈ ئۆكتەبىر 8 , 2021
رېيتېر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك دىلوسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر

You May Like