ياسۇدا جۈمپېينىڭ قۇتۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر قوراللىق ئەترەتلىرىنىڭ ئوينىغان رولى ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇر ۋە مۇلاھىزىلەر

خىتاينىڭ ئىشغالىغا قارشى قولىغا قورال ئېلىشنى تاللىغان ئىنقىلابچىلار، مۇجاھىت ۋە غازىلىرىمىز ھەققىدە ئىگىلىگەن تاغدەك دەلىلى بار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى لايىق تېپىشىمدىكى سەۋەپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قوراللىق ئەترەتلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇر قەھەتچىلىكىنى تۈگىتىش ۋە ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىش. ھەممىدىن مۇھىمى، ھەقىقىي مۇجاھىتلارنى قوغداپ، ساختىپەز ياكى خىتاينىڭ رەزىل ئويۇنچىلىرىنى ئارىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.

[ئەسكەرتىش: يازما مەزمۇنى پەقەتلا يازغۇچىنىڭ شەخسىي كۆز-قارىشىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ]

 

خىتاينىڭ ئىشغالىغا قارشى قولىغا قورال ئېلىشنى تاللىغان ئىنقىلابچىلار، مۇجاھىت ۋە غازىلىرىمىز ھەققىدە ئىگىلىگەن تاغدەك دەلىلى بار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشنى لايىق تېپىشىمدىكى سەۋەپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قوراللىق ئەترەتلەر توغرىسىدىكى ئۇچۇر قەھەتچىلىكىنى تۈگىتىش ۋە ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقلارغا خاتىمە بېرىشكە تىرىشىش. ھەممىدىن مۇھىمى، ھەقىقىي مۇجاھىتلارنى قوغداپ، ساختىپەز ياكى خىتاينىڭ رەزىل ئويۇنچىلىرىنى ئارىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت.

بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان مەزمۇنلارنىڭ دەلىللىرى قولۇمدا تۇرۇپتۇ. ھەر قانداق سىياسىيون، مۇخبىر ۋە تەتقىقاتچىلارغا سۇنالىغۇدەك دەلىللەر قولۇمدا بار. بۇ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئاشكارىلىمايمەن. پەرەزلەرنى پەرەز دەپ قېتىپ قويىمەن، تەسەۋۋۇرنى شەخسلەرگە ھاۋالە قىلدىم.

ۋەقەنىڭ ۋاقتى: 2015-يىلى 6–ئايدىن2018 -يىلى 10–ئايغىچە.

ۋەقە مەزمۇنى: ياپونلۇقنى قۇتقۇزۇش جەريانى ۋە ئۇيغۇر قوراللىق ئەترەتنىڭ ئوينىغان رولى

نەتىجە: ياپونىيەلىك مۇخبىر ساق-سالامەت قۇتقۇزۇلدى. شەرقىي تۈركىستانلىق قوراللىق ئەترەتمۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتلىقنى سۆيىدىغان، تېنچلىقپەرۋەر ۋە شۇنداقلا قورقماس ئىرادىگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى، خىتايغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا تەييارلىقنى ھازىرلاپ بولغانلىقىنى، ئۆز مىللىتىدىن ۋە ھەقىقىي دوستلىرىدىن يېتەرلىك ياردەمگە ئېرىشكەندە خىتاي ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئىرادىسى بارلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى.

بۇ ھەرىكەتتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان مىزۇتانى نالوكو كىم؟

مەن 2008-يىلى ۋەتەندىن ئايرىلىپ، 2014-يىلى 3-ئايدا مالايسىيادىن تۈركىيەگە كەلدىم. مېنىڭ مالايسىيا چېگراسىدىن بىخەتەر چىقىۋېلىشىم ئۈچۈن، تاساددىپىي بىرەر ئىش بولۇپ قالسا دەپ ئاتايىتەن ياپونىيەدىن مالايسىياغا ئۇچۇپ كەلگەن مىزۇتانى نائوكو بولسا 2005-يىلدىن بېرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرى ۋە شەخسلەرنى ياپونىيەدە تونۇشتۇرۇپ كەلگەن ياپونىيەلىك بولۇپ، مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوستۇم. ئۇ خانىم بىلەن 2000-يىلى بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا مۇلازىمەتچى بولۇپ ۋاقىتلىق ئىشلىگەن مەزگىلىمدە تونۇشقان. شۇندىن بېرى باردى-كەلدىمىز ئۈزۈلمىگەن ئىدى.

ئۇنىڭ ئەسلى كەسپى ياپونىيەنىڭ خىتايغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن چاغدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى تەتقىق قىلىش بولۇپ، 1999-يىلى خىتايدا ئوقۇۋاتقان چېغىدا خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيەسىگە چىقىپ، ياپونىيە ئارمىيەسىگە قاتناشقان كونا ئەسكەردىن: «قىرغىن قىلىنغان سانغا دائىر دەلىل-ئىسپات بارمۇ؟ نەنجىڭدا 300 مىڭ ئادەم قىرىۋژتىلدى دەيسەن، ساناپ باقتىڭمۇ، تەكشۈرۈپ باقتىڭمۇ» دەپ ئۇدۇللا يۈزىگە سالغان، چوڭ دەتالاشقا سەۋەب بولغان ۋە شۇ سەۋەبلىك خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپتىكەن ۋە ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي «خىتايدىكى بۇرمىلانغان ۋەتەنپەرۋەرلىك» دېگەن كىتابىدا خىتايدىكى ئاتالمىش ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئەمەلىي ھالىتىنى ئىلمىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ ئاشكارىلاپ بەرگەن. مەن ئۇ خانىم بىلەن تونۇشقاندا ئۆزەمنىڭ قانچىلىك خەتەرلىك ئۇنسۇر بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن خەۋىرىم يوق ئىدى. خىتايدەك ساختىپەزلىك بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغانلارغا نىسبەتەن ھەقنى سۆزلىگەنلەر قولىدا قورال تۇتقانلارغا ئوخشاش خەتەرلىك ھېسابلىنىدىغانلىقى ئەلۋەتتە ھەممىمىزگە ئېنىق.

2008 – يىلى مالايسىياغا چىققاندىن كېيىنمۇ خانىم بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كەلدىم، خانىم ئۆزى تېخى تولۇق تەرجىمە قىلىپ ئۈلگۈرەلمىگەن خام ماتېرىياللىرىنى خالىسانە تەرجىمە قىلىپ بېرەتتىم.  نىھايەت، مالايسىيادىن ئايرىلىدىغان چاغدا «بىخەتەرلىكىڭ ئۈچۈن ھەر ئىمكانغا قارشى سېنىڭ بىلەن بىللە ئۇچاي» دېدى. مېنىڭدىن زىيان چىقىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن دەپمۇ ئويلۇدۇم. راستىمنى ئېيىتسام ھەم ئەنسىرەپمۇ قالدىم. مالايسىياغا كەلگەن 6 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشۇم ئىدى. چەتئەلگە چىقىشىمغا سەۋەب بولغان ئامىللار تۈپەيلى بىخەتەرلىككە بەكمۇ دىققەت قىلاتتىم. نېمىلا دېگەن بىلەن 10 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار بولۇپ، ئەھۋالنى ھەقىقەتەن بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن تۈگىتەلمەيمەن. بۇ ھەقتە خانىمنىڭ 2009-يىلىنىڭ ئوتتۇرالىرى ئېلان قىلغان ماقالىسى ئارقىلىق ھەممىنى ئاشكارىلىغان ئىدىم.

ئىستانبۇلغا ئۇچۇدىغان ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىدىكى تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ جىقلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. باشقا ئېغىزدا  ئىككى–ئۈچ كىشى بولسا، بىزنىڭ ئىشىكتە 10-15كىشى تەكشۈرۈپ تۇرغان ئىدى. ئارىلىقتا ئايروپىلانغا چىقىشنى ساقلاپ تۇرغان ئىككى-ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر بالىنىمۇ ئۇچراتقان بولدۇق. كېيىنكى مەزگىللەردە تەكشۈرۈشنىڭ نېمىشقا ئۇنداق قاتتىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ساختا پاسپورت ئىشلىتىپ چېگرادىن چىقماقچى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ جىقلاپ كەتكەن بولۇپ، ئاتالمىش تۈركىيە بىلەن خىتاي ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنى سۈرىيەگە تۆكۈۋەتتى دېگەن گەپنىڭ ئانچە بەك ئاساسى يوق دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ئوتتۇرالىقتا قولغا ئېلىنغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەنلىكى ۋە ئۇ يول تاقالغاندا سىنگاپور ۋە ھىندونېزىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن شاھىتلارمۇ بار.

مىزۇتانى بۇ ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولغان ئىدى، چۈنكى خىتايغا كىرىشى چەكلەنگەن بۇ خانىمغا نىسبەتەن چەتئەلگە چىققان ئۇيغۇرلاردىن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئالغان ھەر بىر ئۇچۇر قىممەتلىك ئىدى، لېكىن ئۇ بالىلار بولسا بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى. كۆزلىرىدىكى ئەنسىزلىكنى يوشۇرالمايتتى. ئاخىرى ئايروپىلاندا ئۇ بالىلارنى تېپىۋالدىم ۋە خانىمنى تونۇشتۇرۇپ، ئازراق سۆھبەت ئۆتكۈزمەكچى بولدۇق، ئەمما شارائىت يار بەرمىدى. ئايروپىلان ئىستانبۇلغا چۈشۈپلا ئۇ بالىلارمۇ قاياققىدۇر غايىپ بولدى.

«قولىدا پاسپورت يوقلۇقىغا دىققەت قىلدىڭمۇ؟»  دېدى مىزۇتانى. مەندە نەدە ئۇنىڭغا دىققەت قىلىدىغان زېھىن بولسۇن! تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئىگىلىشىمچە خىتاي دائىرىلىرى پاسپورتنى ئاسان بەرمەيدىغان مەزگىللەردە ئادەم بېدىكلىرىگە پۇل بېرىپ ئاران تەستە چەتئەلگە قېچىپ چىقالىغان ئۇيغۇرلارغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ يول خېتى بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈركىيىەە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار كىشىلەر، يەنە بەزىلىرى شۇ چاغدىكى شامالدىن پايدىلىنىشنى ئويلاشقان كىشىلەر.

ئىستانبۇلغا چۈشۈپ سۇلتان ئەخمەتتىكى مېھمانسارايغا كىرە -كىرمەيلا مىزۇتانى قولىدىكى تېلېفوندا بىر خەۋەرنى كۆرسىتىپ «تۈنۈگۈن ئاخشام بىزدىن 20 مىنۇت پەرق بىلەن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان ئايروپىلان يوقاپ كېتىپتۇ» دېدى، ئەسلىدىنلا سەزگۈر مىزۇتانى خېلىلا جىددىيلەشكەن ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان خىتايغا قارشى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمەيدىغان ئۇ چاغلاردا، خىتايدا يۈز بەرگەن ھەر بىر ۋەقەنىڭ كەينىدە ئۇيغۇرلار بارمۇ يوق دېگەن نۇقتا ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتسا، شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ تېنچلىقپەرۋەر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپلا بولدى قىلاتتى. غەرب مېدىياسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى بەك تىلغا ئېلىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان تۈزۈك ئادەم يوق، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ نۇتۇقلىرىمۇ قايىل قىلارلىق ئەمەس ئىدى. ئەمما مزۇتانى سىياسىي پائاليەتچىلەردىن كۆرە قوراللىق كۈرەش يولىنى تاللىغان جەڭچىلەرگە، قوماندانلارغا بەكرەك قىزىقاتتى. ئورتا ئاسىيادىمۇ پىشقەدەم ئىنقىلابچىلارنىڭ ئىزلىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ ماقالە ئېلان قىلغان. ئافغانىستاندىن ئامېرىكاغا دوللارغا سېتىلىپ كېيىن گۇئانتاناموغا قامالغان قېرىنداشلار توغراسىدىمۇ ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، يورۇتۇپ بەرمەكچى بولغان نۇقتىمۇ ئېنىق: بىر نورمال ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئادەمنىڭ قولىغا قورال ئېلىشىغا سەۋەب بولغىنى زادى نېمە؟  مۇسۇلمانمۇ ئەمەس،  دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى دەپ ھىسابلايدىغان ياپونلۇقنىڭ ئاغزىدىن: «سىلەر شۇنچە ئېزىلىپ تۇرۇپمۇ نېمىشقا خىتايغا قارشى تۇرماي ئۆزەڭلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز يەردە خېيىم- خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىسىلەر؟» دېيىشى بىزنىڭ موجاھىتلىرىمىزغا مىللىي ئاڭنى ئەسكەرتكەن بىلەن باراۋەر ئىدى. شۇڭا ئايروپىلان، بېيجىڭ دېگەنلەر مىزۇتانىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىمىدۇ دېگەن خىيالغا كەلتۈرگەنلىكىنى پەرەز قىلدىم، ئەمەلىيەتتە ئۇ ۋەقە تا ھازىرغىچە سىر ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئېچىندىم ھەم مېنى ئاشۇنداق قازادىن ساقلىغان رەببىمگە مىڭ شۈكرى دېدىم ئىچىمدە. ئۆلۈم ھەر زامان ئۆزىنى كۆرسەتسىمۇ، ئۆزىنى بۇنچىۋالا يېقىن كۆرسەتمىگەن ئىدى.

مىزۇتانى نائوكو خانىم ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئىقامەت ئاسانراق چىقىدىغان ھەم تۇرىدىغان يەرنى ئاسان تاپقىلى بولىدىغان قەيسەرىگە بېرىشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۆزى بولسا ئىككى كۈندىن كېيىن ساياھەتكە چىقىپ كەتتى. ئۇ چاغدا تۈركىيەدە بىرلا تونۇشۇم بار بولۇپ، شۇ چاغلاردا خەتەرلىك دەپ ھىسابلانغان مالايسيادىن ئايرىلىپ تۈركىيەگە كېلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان بىر ئاكىمىزنىڭ ياش ئوغلى ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن ئىدى (مالايسىيا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 20 گە يېقىن مەسۇم ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغان شەرەپسىز تارىخقا ئىگە ۋە بۇ خاتالىقىنى يېڭى ھۆكۈمەت تەخىتكە چىققاندىن كېيىن تونىدىيۇ، سىستېما جەھەتتىن بىخەتەر دۆلەت ياكى ئەمەسلىكى تېخىچە نامەلۇم ). مەن خانىمنى يولغا سېلىپ قويۇپلا قەيسەرىگە بېرىشنى ئويلۇدۇم. قەيسەرىدىكى دەرنەكتە مەندىن باشقا يەنە بىرمۇنچە ئادەم بار ئىدى (ئۇ چاغدا كۆپ قىسىم كىشىلەر ئىستانبۇلدا تۇرىدىغان بولۇپ، قەيسەرىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسى 2015-يىلى 1-ئايدا ئېچىلغان). بىز تونۇشتۇق، بىرلىرى پاكىستاندىن كەلدىم دەيتتى، بىرلىرى ۋەتەندىن پاسپورت بىلەن چىققانلار، يەنە بىرلىرى ئىستانبۇلدا ئىقامەت ئالالماي قەيسەرىگە كەلگەنلەر دېگەندەك. تۇرىدىغان جايمۇ تېزلا توشۇپ كەتتى. بەزىلىرى ھەتتا ئىقامەت ئېلىپ بولۇپ ۋەتەنگە قايتىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى مەقسەت قىلىپ چىققان باي تىجارەتچىلەر. (شۇ چاغلاردا نېمىشقا تۈركىيە رەسمىيەتتە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قەيسەرىگە دەۋەت قىلغانلىقى تېخىچە چۈشەندۈرۈشكە تېگىشلىك بىر ھادىسە. ھازىر ئەھۋال پۈتۈنلەي باشقىچە، نورمال رەسمىيەت بىلەن ئىقامەت ئىشلىرىدا قىيىنچىلىق يوق، مەنمۇ بىر قېتىم شەخسەن ئىلتىماس قىلدىم).

ئالاھىزەل ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن مەن قەيسەرىدىن ئايرىلدىم. ئىستانبۇلدا تۈركچە كۇرسقا كىرىشنى لايىق كۆرگەن ئىدىم. تۈركچە كۇرس ئەينى چاغدا قەيسەرىدە تېخى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئىدى. تۈركىيەدىكى تىرىكچىلىككە دائىر ئۇچۇرلارنى مالايسىيادىكى چېغىمدا مىزۇتانى خانىمنىڭ ئاغزىدىن، يەنە ياپونچە يازمىلاردىن ئالاتتىم.  ئۇچۇرلار ساپلا سەلبىي ئۇچۇرلار بولۇپ، مالايسىيادا تونۇشقان يەنە بىرەيلەن تۈركىيەگە كۆچۈشنى تەۋسىيە قىلمايتتى. مەنمۇ رەسمىي شەكىلدە مۇساپىر دەپ قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقىشىنى ساقلىغاچ تىرىكچىلىكنىڭ دەردىدە ئىدىم.

تۈركىيەگە مېڭىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىللەردە تۈركىيەدىكى مېنىڭ كەسپىمگە دائىر شىركەتلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىشقا تىرىشتىم ۋە ئۇلارغا ئەۋەتىدىغان ئېلخەتلەرنىمۇ تەييار قىلىۋالغان ئىدىم. قەيسەرىدىن ئىستانبۇلغا بېرىپ، يۇرت (ئوقۇغۇچىلار ياتىقى)تا تۇرۇپ تۈركچە كۇرسقا قاتناشقاچ خىزمەت ئىزدەشكە كىرىشتىم.  ئالتە ئايدا كەسپىمگە دائىر خىزمەتكە ئېرىشتىم. ئاسيا تەرەپتە ئىدى. ئۆزەمنى خېلى تەلەيلىك ھېس قىلدىم ۋە ئارىلىقتا بىر ياش ئاكتىۋىستنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغان ئوچۇق ئۇچۇرىنى توردىن كۆرۈپ قېلىپ ئىككىلەنمەي بېرىپ يوقلاپ كەلدىم. زەيتىنبۇرنۇدىكىلەرنى ياقتۇرمايدىغان بىرى ئىكەنتۇق، ياقتۇرماسلىقىدىكى سەۋەبىنى بىلمىدىم. كېيىن ئەلجەزىرەنىڭ بىر ھۆججەتلىك فىلىمىدە قەيت قىلىنىشىچە زەيتىنبۇرنۇدىكىلەر كامېرا كۆتۈرۈۋالغان بۇ دوستىمىزدىن بەكرەك كامېرادىن ھەزەر ئەيلەيدىكەنتۇق.

بەزىدە قەيسەرىدە تونۇشقان كىشىلەرنى ئىزدەيتتىم، بەزىدە مۇساپە يىراق بولسىمۇ زىيادە ئاپتوبۇس ئالمىشىش كېرەك بولمىغان سافاكۆيگە لەغمەن يىگىلى باراتتىم. بىر قېتىم ھەتتا زورا ھېيتنى سافاكۆيدە ئۆتكۈزگەن ئىدۇق. كىچىككىنە مەسجىدكە مىغ-مىغ ئۇيغۇر قېرىنداشلار يىغىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئاشۇ كۈنى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىمنى تۇنجى ئۇچراتتىم. جامائەت بىلەن بىللە بولغاچقا ئۇ كىشىگە تۈزۈك تەسىرىممۇ قالمىغان ئىدى، لېكىن مىزۇتانى نائوكونىڭ ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى بىلەن تونۇشىدىغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى.

2015 – يىلى 3–ئايغا كەلگەندە مىزۇتانى نائوكو «ئۇيغۇرلار نېمىشقا يۇرتىنى تەرك ئېتىپ تۈركىيەگە بارىدۇ، ھەتتا سۈرىيەگىچە كىرىپ كېتىدۇ، قانداق سەرگۈزەشتىلىرى بار دېگەننى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى بىر ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىمەكچى، قەيسەرىنىمۇ زىيارەت قىلماقچى، مەسئۇل خادىمنى تېپىپ پاراڭلىشىپ باق، ئوبدان پۇرسەت» دېدى.

مىزۇتانى نائوكو 2005–يىلىدىن بېرى ئىزچىل تۈردە ئىلمىي تەتقىقات شەكلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىر قېتىملىق نامايىشتەك گېزىتنىڭ باش بېتىگە چىقالمىسىمۇ ھەر بىر ماقالىسىنىڭ دەلىل ئىسپاتى بولغاچقا قايىل قىلىش كۈچى زور بولۇپ، غوللۇق تاراتقۇلارنىڭ مەسلىھەتچىلىكىگە تەكلىپ قىلىنىشىغىمۇ مۇشۇ ئەجرى سەۋەب بولغان. خانىمنىڭ ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتقىنى ئۇيغۇرلار مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزلىرى تەر سىڭدۈرۈشى كېرەك. تەر، قان ۋە جان بېرىشى كېرەك. لېكىن قان ۋە جان ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان سۈرىيەدە ئەمەس، ئۆز ۋەتىنىدە تۆكۈلسە قەدرى بولىدۇ، ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ. يەنە كېلىپ سۈرىيەدە ئۇيغۇرلاردەك ئوخشاش جەھەننەم ئازابىنى تارتىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىشمۇ ئادىللىق بولمايدۇ دەپ قارايتتى. شۇڭا زادى نېمىشقا سۈرىيەگە بارغانلىقى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قوراللىق كۈچلەر ئېنىقكى ياپونىيەنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. قەيسەرىدىن رابىيە خانىمنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىمنىڭ زىيارەت قىلىشىغا يول قويالمايمىز دېگەن جاۋاب كەلدى.

مىزۇتانى نائوكو 2006-يىلى دولقۇن ئەيسانى، 2007-يىلى رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيەگە ئورگان ۋە شەخس نامىدىن تەكلىپ قىلىپ، ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر سىياسىي سەھنە ھازىرلاشقا ئۇل سالغان. ياپونىيەدە قانداق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىش، كىم بىلەن دوست بولۇش، نېمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا سەمىمىي نەسىھەتلەرنى بەرگەن ھەمدە خىتاينىڭ بېسىمىدىن قورقماي تىك تۇرغان بىردىن بىر نوپۇزلۇق تەتقىقاتچى سالاھىتىنى تىكلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا دولقۇن ئەيسانىڭ ياۋروپادىن باشقا دۆلەتلەرگە چىقىشىغا يول ئاچقان بىر شەخس ھىسابلىنىدۇ.  ( قولۇمدا دولقۇن ئەيسانىڭ 2006– يىلىدىن بۇرۇن ياۋروپانىڭ سىرتىغا چىققانلىقىغا دائىر ئۇچۇر يوق.) 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنمۇ دەرھال ئاي ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىمنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلىپ، ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىدەك بىر سىگنالنى بەرگەن (ياپونىيەدىكى كونكىرت ئۇچرىشىشلاردىن خەۋىرىم يوق). ئەمما ئەينى چاغدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەر ۋەھاكازالار تۈپەيلى ياپونىيەدىكى پائاليەتلەر مىزۇتانى نائوكونىڭ كۈتكەنىدەك بولمىدى. ئاقىۋەتتىمۇ ،ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەر بىرەر كونكرېت ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى. بۇ ھەقتە ئايرىم بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ،2012 –يىلى توكيودا ئېچىلغان قۇرۇلتاي توغرىسىدا مىزۇتانى نائوكونىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى ئېنىق ئوتتۇىرغا قويۇلغان ۋە شۇنىڭدىن بېرى مىزۇتانى نائوكو بىلەن رابىيە قادىر خانىم ئارىلىقنى ساقلاپ كەلگەن.

قەيسەرىدىكى بۇ كىشىنىڭ مىزۇتانى نائوكوغا بەرگەن جاۋابى كىشىنى خېلى پەسكويغا چۈشۈردى. مەن ئامېرىكىدىكى تونۇشنى ئىزدەپ، رابىيە خانىمغا خىزمەت ئىشلەپ، قەيسەرىدىكى ئىشىكنى ئېچىشنى ئىلتىماس قىلدىم. ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارالىق غوللۇق تاراتقۇلار تېخى دىققىتىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك بۇرىمىغان ياكى دىققەت قىلغان نۇقتا پەرقلىق، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان مەزمۇن يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم. نىھايەت قەيسەرىدىكى پائالىيەتچى مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا ماقۇل بولدى. ئەسلى مەن خىزمەت قىلىۋاتقاچقا بۇ قېتىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تەرجىمانلىقى ئىزمىردىكى بىر قېرىندىشىمىزغا تاپشۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى كېيىن ئۇقتۇم.  3-ئاينىڭ ئوتتۇرالىرىغا كەلگەندە مەن ئىشلەۋاتقان شىركەت مەلۇم سەۋەب تۈپەيلى ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىۋەتتى. مەن ئەھۋالنى مىزۇتانىغا دېگەندىن كېيىن ئۇنىڭغىمۇ تازا ياقتى ۋە مېنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمگە تەرجىمانلىق قىلىشىمغا قوشۇلدى. مىزۇتانى نائوكو تېلېۋىزىيە ئادەملىرى كېلىشتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى ۋە كونا تونۇشلىرى بىلەن قايتا تېپىشۋالدى. ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىم بىلەنمۇ قايتا كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشتى ۋە مەقسەت مۇددىئالارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئوبدان پىكىر ئالماشتۇردى.

مىزۇتانى نائوكو 2005-يىلدىن بېرى نەچچە قېتىم تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ،  رىزا بېكىن پاشا بىلەنمۇ سۆھبەتتە بولغان. 2014 -يىللىرىدىن باشلاپ گەرچە ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى سۈرىيەدە قوراللىق ئەترەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە ياكى سۈرىيەدىكى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ياپونلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە كېتىۋاتقانلىقى سىر ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، ياپونىيەلىك مۇسۇلمان ناكاتا ھەسەن كوھ ئىسىملىك بىرى 2014-يىلى سۈرىيەگە ماڭغاندا ماشنىدا ئۈچ  تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى كۆرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ۋە خىتتاينىمۇ ياخشى چۈشىنىدىغان مىزۇتانى بولسا: شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىش ئۈچۈن ئۆزەڭلار كۈچىمىسەڭلار بولمايدۇ، قورال ئېتىشنى مەشق قىلىمەن دېگەن روھىڭلارغا بارىكاللاھ،  لېكىن سۈرىيەدە نېمە ئىشىڭلار بار؟ ھەربىيلىككە كىرىمەن دېسەڭلار غەرب دۆلەتلىرىدە قانۇنلۇق ھەربىي بولالايسىلەر، ئەڭ ئىلغار قورال، تېخنىكا، تاكتىكىلارنى ئۈگىنەلەيسىلەر دەپ دائىم نەسىھەت قىلاتتى،  ئېچىناتتى. شۇنداق بولسىمۇ، قولىدىن كەلگەن چارىنى قىلىپ بىزنى ئاقلاشقا تىرىشاتتى. بۇ قېتىملىق ھۆججەتلىك فىلىمدىمۇ باش مەسلىھەتچىلىكنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، «نېمىشقا شۇنچە جاپانى تارتىپ تۈركىيەگە كېلىپ، يەنە سۈرىيەگە كېتىدۇ؟» دېگەننى ئاددىي ئۇيغۇر پۇقرالارنىڭ ئاغزى ئارقىلىق يورۇتماقچى ئىدى.

شۇنداق قىلىپ قەيسەرىدە 10، 20 كىشى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ يۈزىنى كۆرسىتىشكە ماقۇل بولغىنى قەيسەرىدىكى يېشى چوڭلار، مۇنداقچە ئېيتقاندا تۈركىيە نوپوسىغا ئۆتۈپ بولغانلار ئىدى، يېڭىدىن ۋەتەننى تەرك ئېتىپ چىققانلاردىن ئىككى كىشى ماقۇل بولدى. مۇخبىرلار ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس ئەلۋەتتە. ئىستانبۇلدىمۇ ئاشۇنداق ئەھۋال بولۇشى ئېنىق ئىدى. دەردى بار قېرىنداشلارنى چاقىرىپ كېلەلەيدىغان ۋە سۆزلىتەلەيدىغانغا يەنە ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىمگە ئېھتىياجىمىز بار ئىدى. ئەمما مۇخبىرلارنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئوبيېكتى رەھبەرلەر ئەمەس، پۇقرالار ئىدى. شۇڭا مۇخبىرلار دەسلەپتە ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈشنى بەكمۇ خالاپ كەتمىدى. سافاكۆيدىكى بىر يەرگە ياشلارنى توپلىغاندىن كېيىن، ئاش-تائام يېيىلىپ بولۇپ سۆھبەت باشلاندى:

– خىتاينى ئىنسانلىقنىڭ دۈشمىنى دەمسەن يوقمۇ؟

– ئۇيغۇرلار يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمىمۇ ئەمەسمۇ؟

ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىمنىڭ ئۈچ كىشىلىك گۇرۇپپىغا تىكىلىپ تۇرۇپ سورىغان چاغدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئوبرازى ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلدى بولغاي، «خىتتايلار دۈشمەن، ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە ئىنسان» دېگەن جاۋابنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنلا ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىم ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ماقۇل بولدى. ئۇلار ھەتتا بۇ كىشىنىڭ خاراكتېرىنى ياقتۇرۇپمۇ قالغان ئىدى.  چۈنكى خىتاينىڭ ۋەتەندىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەر توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتۈر تەشۋىقاتلىرى، خەلقئارادىكى ئىسلامغا قارشى بوران–چاپقۇن ھەم 2015-يىلىنىڭ بېشىدا سۈرىيەدە بىگۇناھ قەتلى قىلىنغان ياپونلۇق ۋە باشقا چەتئەللىك، يەرلىكلەر دېگەندەك ئامىللار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى يىرگەندۈرۈۋەتكەن ئىدى. رادىكال بىلەن تېررورنىڭ پەرقىنى ئەلۋەتتە بىلىمىز، ئەمما ئەھۋالنى بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن ئىككىسى بىر بىرىدىن پەرق قىلمايتتى.

سۆھبەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا مۇخبىر ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ تۇغۇلۇپلا خىتتايغا قارشى ئىسيان چىقارغان بىرى ئەمەسلىكىنى بىر مۇنچە ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى ئىگىلەش ئارقىلىق چۈشەندى ھەم خېلى تەسىرلەندى بولغاي، كېيىنكى كۈنلەردە  ئىككى قېتىم تولۇقلاپ كۆرۈشۈش بولدى. ئۇندىن باشقا بىر قانچە يەر بىلەن كۆرۈشۈپ فىلىم ئېلىش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى. (فىلىمنىڭ تەھرىرلەش ئىشلىرى داۋام قىلىۋاتقان شۇ كۈنلەردە تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا، بىر قىسمىنى تۈركىيەگە يۆتكەش ۋەقەسى يۈز بەردى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تايلاندتا بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، گەرچە قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرى ئۇيغۇر دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تا بۈگۈنگىچە ئۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلار قىلدى دېيەلمىدى).

ئەسكەرتىش: خىتاي تاكى 2001-يىلىغىچە گېزىت–ژورنال خەۋەرلىرىدە، سوت ئۇچۇرلىرىدا  تېررورچى، تېررور، جىھاد، غازات دېگەن كەلىمىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلاردا ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ «ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى» دېگەن كەلىمەلەر بەھۇزۇر قوللىنىلغان. گېزىت-ژۇرناللاردىمۇ توپىلاڭ، ئەكسىلئىنقىلابچى دېگەن كەلىمىنى ئىشلەتكەن، ساياھەتچىلەرگىمۇ ئاشۇنداق چۈشەندۈرگەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشغا ئېرىشىشتىن توسۇش، قوشنا دۆلەتلەردە قاتتىق ئۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان، جەڭنىڭ ئىسمى جىھاد بولغاچقا،  ھەم ئەينى ۋاقىتتا تالىباننىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەبچى بولغان ئامېرىكا بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە قوزغىلىپ قوراللىنىشىنى مۇمكىن قەدەر توسۇشقا ئۇرۇنغان ۋە ئەكسىلئىنقىلاب دەپ ئىچىكى ئىش سۈپىتىدە قاتتىق باستۇرغان. بارىن ئىنقىلابى 1990 -يىلى 4-ئايدا پارتلىغان. رۇسىيەنىڭ قوشۇن چېكىندۈرگەن  ۋاقتى 1989-يىلى 2-ئاي، رۇسلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئامېرىكا باشلىق كۆپ قسىم دۆلەتلەر تالىبانلارنى يۆلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ھەم بار. پەقەت رۇسلار چېكىنگەندىن كېيىن مۇسۇلمانلارغا خاس بولغان قوراللىق ھەرىكەتنىڭ ھەتتا ئىسمىنى ئاتاشنىمۇ چەكلىگەن، چۈنكى رۇسلارغا قارشى بەتلەنگەن مىلتىقنىڭ خىتايغا قارىتىلىشىنى خىتاي قەتئى خالىمايتتى، ھازىرمۇ خالىمايدۇ، ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىمۇ ناھايىتى مۇرەككەپ. تۈركىيە ۋە ياۋروپا قوللاپ تۇرۇۋاتقان ئۆزبېكلەر، تۈركمەنلەر، ئافغان ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي، ئەرەبلەر قوللاپ تۇرۇۋاتقان تالىبانلارنىڭ ئارىسى تېخى ئېنىق ئەمەس.

ئەمما سەزگۈر تېما توغرىسىدا فىلىم ئىشلەۋاتقان ياپونلۇق مۇخبىرلارغا بۇ ۋەقەنى تەرىپلەش خېلى تەسكە توختىدىيۇ، بۇ ۋەقەنىڭ ئادىللىق تەلەپ قىلغان بىر ئاجىز كىشىنىڭ كۆرسەتكەن قارشىلىقى دېگەن ئىدىيە ئۇستىلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىلدى. ئاۋازلىق سىنلارنى تەرجىمە قىلىپ يېزىقلاشتۇرۇش ئىشىمۇ ماڭا قالدى. فىلىم 2015-يىلىنىڭ ئاخىرى يېڭى يىل كىرىشىگە توغرالاندى.  ئىنكاس كۈچلۈك بولۇپ قايتا قويۇش تەلەپ قىلىنغاچقا تېلېۋىزىيەمۇ خەلقنىڭ تەلىپىنى ئورۇنداپ بىر ھەپتىدىن كېيىن قايتا قويدى.

ياپونىيەلىك تۇتقۇن ھەققىدە

2015- يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرى شەخسى ئىش سەۋەبلىك چەتئەلگە بىر ئامال قىلىپ چىقىپ كېتىش ئۈچۈن ئاتا تۈرك ئايرودۇرۇمىغا بېرىپ بىلەت ئالالماي قايتىپ كەلدىم ۋە زەيتىنبۇرنۇغا يول ئىزدەپ كەلدىم. ئاسيا ياقىسىدىكى ئىجارە ئالغان ئۆينى قايتۇرۇۋەتكەن بولغاچقا ۋاقىتلىق بىر يەرنى تېپىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەڭ ئاخىرىدا ھەتتا ئادەم بېدىكىگە زاكاز پۇلنىمۇ بېرىپ قويدۇم.

دەل مۇشۇ كۈنلەردە كۈتمىگەن بىر خەۋەر كەلدى. مىزۇتانى نائوكونىڭ ئېيتىشىچە بىر ياپونلۇق سەييارە مۇخبىر سۈرىيە بىلەن تۈركىيە چېگراسىنىڭ سۈرىيە تەرىپىدە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانمىش. ھاياجاندىن ئۆپكەم ئاغزىمغا كېلەي دېدى. بىر تارىخى پۇرسەتكە شاھىت بولغانلىقىمنى ئويلىسام ھازىرمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىمەن. ھەممىدىن مۇھىمى ياپونىيەلىكنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشى ئىدى.  ئالىي مەكتەپتىكى چېغىمدا ماڭا مېھنەتسىز ياپونچە ئۈگەتكەن ياپونلۇقلارغا قايتۇرغان جاۋابىم بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. مەيلى پۇل بېرىپ قۇتقۇزغىلى بولسۇن ياكى باشقا چارىسىنى قىلىپ بولسۇن،  ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ۋە ئۇلارنىڭ تېنچلىقپەرۋەر، دوستانە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تېپىلغۇسىز پۇرسەتمۇ ھېسابلىناتتى.

قەيسەرىدە تونۇشقان، پاكىستان ۋە ئىران ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن بىرەيلەننىڭ سۈرىيەگە ئادەم دەۋەت قىلىپ يۈرگىنىنى كۆرگەن ئىدىم.  ھەتتا مېنىمۇ ئايروپىلان ھەيدەپ،  تانكا ھەيدەپ كېلىمىز دەپ سۈرىيەگە ئۈندىگەن ئىدى(م.ئې).  ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلىپ قويۇپلا ئىستانبۇلغا قايتىپ كېتىدىغان ۋاقىتتا تېلېفون نومۇرىنى ئېلىۋالغان ئىدىم. مەن ئۇ چاغدا «قىلغۇدەك بىر مۇنچە ئىشىم بار، شۇلارنى تۈگىتىپ بولاي» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىم. نېمىشقىدۇر ئۇ ئۆزىنىڭ سۈرىيە سەپسەتىسىنى دەرنەكتىكىلەرگە بىلدۈرۈشنى خالىمايتتى.  ھەتتا نېرۋىسى بىر ئاز ئاجىزراق بىر ياشنىڭمۇ ئېگىز-پەس گەپ قىلىپ سەپسەتە سۆزلىگەنلىكىگە قاراپ ئاغزىمنى ئېچىپ قالغان ئىدىم، ئەلۋەتتە دەرنەكتە ئىشلەيدىغانلارنىڭمۇ سانى چەكلىك بولۇپ ھەممە ئىشتىن خەۋەردار بولۇپ كېتىشى ناتايىن. كېيىن مۇخبىرلار سۈرىيەگە كەتكەن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق دەرنەكلىرىدىن بۇ سوئالنى سورىغاندىمۇ، ئادەمنىڭ جىددىي كۆپىيىشى نەتىجىسىدە ئۇ ئېقىننى توسۇشقا ئۈلگۈرەلمىگەن، ھۆكۈمەتتىن كەلگەن ياردەم يېتىشمىگەن. ئۆزىمىزدىكى ئىقتىساد كەمچىل، پۇرسەتپەرەسلەر ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولۇۋېلىپ، ياردەمسىز قالغانلار سۈرىيەگە كېتىشنى تاللىغان ئىدى. كېيىن ئۇ پاكىستان ئارقىلىق كەلگەن ياش بالىمۇ رەسمىي كوچا چىڭدايدىغاندىن بىرسى بولۇپ چىقتى.  2017–يىلى تۈركىيە ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ئىسىمدا ئىقامەتكە ئىلتىماس قىلغانلىقىدىن شۈبھىيلىنىپ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا باشلىغان ئىكەن. ھېلىقى نېرۋىسىدىن سەل كېتىپ قالغان بالا(ش.ئە) بولسا تۈركىيەنىڭ ئۇ شەھەر بۇ شەھىرىدە لەيلەپ يۈرۈيدۇ.

مىزۇتانى تەمىنلىگەن ئۇچۇر بويىچە، غايىپ بولغان ياپونلۇققا يول باشلىغان سۈرىيەلىك ئەرەبكىمۇ(مۇسا) چالا پۇچۇق ئىنگلىزچە، گۇگىل تەرجىمە يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق گەپ قىلىپ يۈرۈپ بىرەر ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشتىم. ئۇ پاكىستاندىن كەلگەن بالىغىمۇ ئىككىلەنمەيلا ئاغزىمنى ئاچتىم.  سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت بەكلا مۇرەككەپ بولۇپ، ئىككى ئۈچ ئائىلە بىرلىشىپلا كىچىك گۇرۇھ تەشكىللىۋالىدىغان قالايمىقانچىلىق ۋەزىيەتتە، كىمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىشمۇ تەس ئىدى. ئىشقىلىپ بىر ئامال قىلىپ ئۇرۇش مەيدانىدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر جاننى قۇتقۇزۇشقا ۋەسىلە بولۇش ھەممە كىشىگە نىسىپ بولمايدۇ.

بۇ سۈرىيەلىك ئەرەب ياپونلۇقنى ئەلنۇسرانىڭ تۇتقۇن قىلغانلىقىدىن باشقا،  ياپونىيەدە ياشايدىغان بىر سۈرىيەلىك دوكتۇرنى(شىھاپ) بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلغانلىقىنى ئېيتتى. نىھايەت بۇ دوكتۇر ئىستانبۇلدا مىزۇتانى بىلەن كۆرۈشكەنمۇ بولدى. مىزۇتانى خانىم تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىستانبۇل باش كونسۇلى ۋە ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ رەسمىي ۋەكىلىنى ئۇچراشتۇردى.   باش كونسۇللۇقتىن 3 كىشى، ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن 2 كىشى، مىزۇتانى ۋە مەن ئىستانبۇلدىكى خالى بىريەردە ئۇچراشتۇق. باش كونسۇل تۈركىيەدە ئۇزۇن مەزگىل خىزمەت ئۆتىگەن بىرى بولۇپ، تۈركچىگە ئۇستا ئىدى. رەسمىي ۋەكىللەر ئەلچى بولۇشقا، مۇمكىن بولسا بىر تىيىن پۇل ئالماي ياسۇدا جۈمپېينى قۇتۇلدۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ياپونىيە بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئەمەس دېگەن سىگنال ناھايىتى ئوچۇق بېرىلگەنلىكىدە شۈبھە يوق ئەلۋەتتە.

تۇتقۇن قىلىنغان ياپونلۇق ئالاھىدە بىر كىشى بولۇپ، 2005- يىلدىن بېرى ئىراقتا نەچچە قېتىم تۇتۇلۇپ،  ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئاران دىگەندە قۇتۇلدۇرۇپ قويسا «مېنىڭ مۇخبىرلىق خىزمىتىمگە دەخلى- تەرۇز قىلدىڭلار» دەپ ھۆكۈمەت تەرەپنى ئەيىپلەپ بايانات بەرگەن.  شۇنىڭدىن كېيىنمۇ ياپونىيە نېمە سەۋەپ بولسۇن ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان رايونغا پۇقرالىرىنىڭ بېرىشنى چەكلىگەن ۋە ياپونىيە جەمىئىيىتىدىمۇ «ئۆزەم تاپقان بالاغا، نەگە باراي داۋاغا» دەپ ئەيىپلەشكە يول قويۇلۇپ، پۇقرالارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ باج پۇلىنى ئىسراپ قىلىشقا قارشى بولغاچقا، بۇ ئىشلارنى ئىنتايىن مەخپىي قىلىشقا مەجبۇر قالغان ئىدى. (ئۇرۇش بولۇۋاتقان جايدىكى كىشىلەر يۈزلىنىۋاتقان رىئاللىقنى ئاشكارىلاشنى ئۆزىنىڭ شەخسى بۇرچى ھېسابلىغان بۇ كىشىنىڭ روھىغا ئاپىرىن دېمەكتىن باشقا گەپ يوق ئەلۋەتتە.

2015 – يىلىدىكى شارائىت بولسا، ئون نەچچە يىللاپ مەۋجۇت بولغان ئىراقتىكى دائىش گۇرۇپپىسى سۈرىيەگىچە كېڭىيىپ  2014 -يىلى دۆلەت ئېلان قىلغان، سۈرىيە ۋە ئىراقتا كۈرت، تۈركمەن، ئەرەب، مۇسۇلمان، خىرىستىيان دېمەستىن قىرغىنچىلىقنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمدە 2015-يىلىنىڭ بېشىدىلا ئىككى نەپەر ياپونلۇق ئۈچۈن 200 مىليون دوللار تەلەپ قىلىپ، تەلەپ رەت قىلىنغاندىن كېيىن ئىككى ياپونلۇقنى قەتلى قىلغان مەزگىل ئىدى.  ياپونىيە ھۆكۈمىتىمۇ «باج تۆلەۋاتقان پۇقراسىنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىدى» دېگەن قارىلاشقا قېلىشنى خالىمىغانلىقى ئېنىق بولۇپ، ھەر تەرەپتىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشىۋاتاتتى. ئۇيغۇرلارمۇ مۇھىم بىر ئۇچۇر مەنبەسى ھېسابلىناتتى.  ھەركىم ئۆزىنىڭ ھېسابىنى قىلىۋاتاتتى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھېچقانداق بىر تېررور گۇرۇپپىسى بىلەن مۇزاكىرە قىلىشنى خالىمايتتى. ناۋادا سودا قىلسىمۇ ياپونىيە تېررورچى دەپ ھېسابلىمايدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن قىلىشنى خالايتتى(ياپونىيەنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان گەپ). ئادەمنىڭ ھايات قېلىشىنى ئۈمىت قىلاتتى. مۇمكىن قەدەر ئاستىرتتىن ئۇچۇر ئىگىلەپ، ئامال بار خىراجەتنى ئاز خەجلەشنى ئارزۇ قىلاتتى ھەم مەخپىي ئېلىپ بېرىشنى خالايتتى. ئەلۋەتتە تۈركىيەگە غەيرىي ياكى رەسمىي شەكىلدە ئىلتىماسنى قاچان سۇنغانلىقىغا دائىر بىرەر دەلىل يوق، بۇ نۇقتىنى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا تىلغا ئالىمەن.

ئەرەبلەر بولسا پۇلدىن باشقىسىنى تونۇمايتتى ۋە تۇتۇلغان ياپونلۇقنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئەۋەتىلگەن ھەقىقىي جاسۇس ئەمەسلىكى ئىسپاتلانغۇچە تۇتۇپ تۇرۇدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئادەمنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك بەرگەن ئىدى – يۇ، ياپونلۇقنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچ بىر ئۇچۇر بەرمەي تۇرۇۋالغان ئىدى.

ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى بولسا سۈرىيەدە تۆلىگەن بەدەلگە تۇشلۇق سىياسىي جەھەتتىن بىرەر ياردەمنى ئېلىپ خىتايغا بىرەر ئەجەللىك زەربە بېرىشنى پىلان قىلاتتى. دېمىسىمۇ يىراقنى كۆرەر سىياسەتچىگە نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىمى سادىق ئىتتىپاقداش توپلاش بەكمۇ مۇھىم. خىتايغا دۈشمەن كۆرۈنىدىغان ياپونىيەنىڭ قولىدا ھەر تۈرلۈك ئىمكان مەۋجۇت بولۇپ، ناۋادا ئۆزئارا رەسمىي دۈشمەنلەشكەندە قارشى تەرەپنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن بارلىق چارىلەرنى ئىشقا سالىدىغىنى مۇقەررەر. مەن ئۇيغۇر قوراللىق ئەترىتىدىكى«قىسقا مۇددەتلىك جىددىي ياردەم تەلەپ قىلغۇچىلارغا»  ئەھۋالنى تولۇق چۈشەندۈردۈم. مىزۇتانى نائوكومۇ ئەلۋەتتە ئۇلار بىلەن بىرىنچى قېتىم ئۇچراشمىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى كۆرۈشۈشتىمۇ ئەنە شۇنداق سوئاللارغا دۈچ كەلگەن بولۇپ، سىلەرنىڭ قانچىلىك كۈچۈڭلار بارلىقىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىڭلارنى دەلىللىمەي تۇرۇپ، سىلەرگە ياردەم قىلماقچى بولغان كىشىنى قانداق قايىل قىلماقچى دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما يۈزمۇ يۈز دېمىگەن ئىدى،  مەن بۇ نۇقتىنىمۇ بۇ قېتىم يەنە ئۇچراشقان بۇ ئىككەيلەنگە ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قانچىلىك كۈچى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەت دەپ بىلىشىنى سورىدىم، ئەلچىنىڭمۇ ئەلچى بولۇشىغا تۇشلۇق قابىلىيىتى ۋە كۈچى بولۇشى كېرەك ئەلۋەتتە. سۈرىيەلىك دوكتۇر ۋە شىۋېتسىيەدىكى بىر ئىستىخبارات شىركىتى بولسا ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پۇل ئۈندۈرۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ ئابرۇيىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلاتتى. مىزۇتانى نائوكونىڭ ئويلىغىنى بولسا ياپونلۇقنىڭ بىچارە ئائىلىسىگە قولىدىن كېلىدىغان ياردەمنى قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ تېررور گۇرۇپپىلىرىدىن ئۇزاق تۇرغان بىر ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقىش ئىدى. مېنىڭ ئويلىغىنىم بولسا بىگۇناھ ئادەمنى جەڭ مەيدانىدىن قۇتقۇزۇشقا ۋەسىلە بولۇش ۋە ئەسلىدىنلا تېررورچىلار بىلەن ئەركىنلىكىمىز، مۇستەقىللىمىز ئۈچۈن زۆرۈر بولغان جەڭچىلەرنى ئايرىپ، مۇمكىن بولسا خىتايغا قارشى ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىدىغان بىر ئاساس تىكلەيدىغان ئىقتىسادىي مەنبەگە تۈرتكە بولۇش ئىدى، بۇ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتسادىي جەھەتتىكى ئۈنۈمىنى ھەممىدىن ئەلا بىلگەن ئىدىم. ئەلۋەتتە ئۇرۇش مەيدانىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەبلىك ئادەم ئۆلۈپ تۇرغاچقا، «ياپونلۇقنىڭ تاسادىپىي ئۆلۈپ كېتىشى» نىمۇ ئاخىرقى مىنۇتقىچە كۆزدىن يىراق تۇتمىدىم.

بىرلا ۋاقىتتا ھەم سۈرىيەلىك تەرجىمان، ھەم مىزۇتانى ھەم ئۇيغۇر گۇرۇپپىلار ئارىسىدا قېلىش ئاسانغا چۈشمىدى. 2015– يىلى 7–ئايدىن باشلاپ، «ياپونلۇقنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئائىت دەلىل ئىسپات» نىڭ ھەممىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكرار تەكرار ئەسكەرتىشىمگە قارىماي، تاكى 2018-يىلى 4-ئايغىچە ئۇيغۇر گۇرۇپپىلاردىن ھېچ بىر دەلىل چىقمىدى.  بۇ 3 يىل جەريانىدا 2 قېتىم سىن ئېلان قىلىندى. ياپونلۇق قىزغۇچ رەڭلىك كىيىم بىلەن «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ نالە قىلدى. ئەمما بۇ سىن توردا ئاشكارا ئېلان قىلىندى، ئۇيغۇر ئەترەتنىڭ قولىدىن چىقمىدى. ئېنىقكى ئۇيغۇرلارنىڭ نالىسىنى تېخى ئېنىق تونۇپ يەتمىگەن ئەرەبلەرگە ئەھۋال چۈشەندۈرۈشمۇ ئاسانغا توختىمىغاندەك قىلاتتى. ياپونىيە تەرەپ بولسا ئاساسىي جەھەتتىن بۇ ياپونلۇقنى تاشلاپ قويغاندەك قىلاتتى-يۇ، ھەر قېتىم سىن ئېلان قىلىنغاندا مىزۇتانى نائوكودىن تېلېفون كېلەتتى، ياكى ئۇيغۇر گۇرۇپپىدىكىلەر مېنى ئانچە-مۇنچە ئىزدەپ ھال-ئەھۋال سورايتتى.

سۈرىيەدە تۇتقۇن ئاستىدىكى ياپونلۇقنىڭ ئازات بولغاندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا دېگىنىگە ئاساسلانغاندا، ئۆز جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمان ئېيتقانلىقى مەلۇم، ھەم بۇ ئەھۋالنى2016-يىلى مەن بىر كىشى بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئەگەر ياپونلۇق مۇسۇلمان بولۇپ بولغان بولسا ئالدىراپ ئۆلتۈرمەيدۇ، قازى بار، ھاكىم بار دېگەندە ئازراق خاتىرجەم بولدۇم ۋە كېيىن بۇنى مىزۇتانىغا «ئەگەر ياسۇدا ئەقىللىق بىرى بولسا ھايات قالالايدۇ، كىم بىلىدۇ بۇنچە يىل مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈرۈپ ئاخىرى ئىسلامنى قوبۇل قىلدىمۇ» دەپلا ئۆتۈپ كەتتىم، چۈنكى ئۇ چاغدا كۆرسەتكىدەك دەلىل چىقمىغان ئىدى.

بۇيەردە دىققەت قىلغان يېرىم، ئەرەبلەر بولسۇن ياكى تۈركمەنلەر بولسۇن، ئۇيغۇرلارنى قانچىلىك ئەتىۋارلىغانلىقىنى بىلىۋالغانلىقىم بولدى. شۇنچە قان ۋە جانلارنى بەرگەن ئۇيغۇرلارغا 20 مىليون دوللار ئۈچۈن خىيانەت قىلغان ئەرەبلەرنىڭ خىيانىتىنى ھېس قىلدۇرغانلىقىم بولدى، ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ جان بېرىمىز دېيىشكەن ئۈممەتنىڭ 20 مىليون دوللارنىڭ ئالدىدا قانداق ئۆزگەرگەنلىكىنى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىگە بىلدۈرۈش ھەممىدىن مۇھىم ئىدى.

ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بىر ئىككى ئادەمنىڭ سالاسى بىلەنلا ھەرىكەتكە كېلىشىگە ئىشەنمىگەن بولساممۇ، بىر پۇقراسى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم ئىدى. پۇل تۆلەشكە تېگىشلىك بولسىمۇ قۇتقۇزايلى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇرچى دېگەن خالىس نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەر شەكىلدىكى خىزمەتلىرى نەتىجىسدە ياپونىيە تەرەپمۇ سودا قىلىشقا ماقۇل بوپتۇ-يۇ، رەقەم پەرقى چوڭ بولغاچقا ھۆكۈمەت تەرەپ يېقىن كەلمەپتۇ، باش مىنىستىرنىڭ ئىمزاسى كېرەك بولغان ھۆججەتكىچە تەييار بولغانلىقى ئېنىق ئىدى. بۇ شور پىشانە ياپونلۇقمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم تۇتۇلغان بولغاچقا ھۆكۈمەتنىڭ ئاخىرقى قارارنى ئېلىشى خېلى تەسكە توختىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى بۇ ياپونلۇقنىڭ ھايات قېلىشى ئىدى. 2016-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2017-يىلغىچە بىر يىل ئىچىدە ھەتتا رۇسلارنىڭ بومباردىمانىدا ئۆلەپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن، دائىشقا سېتىلغان بولۇشى مۈمكىن دېگەندەك ئۇچۇرلارمۇ ئۇچۇپ يۈردى.

بىر چاغدا سۈرىيەدىكى چوڭ-كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ قولىدا ياپونلۇقنىڭ رەسىمى ئۇچۇپ يۈرگەن بولۇپ، ئۇنى تونىمايدىغان گۇرۇپپا قالمىغان دېگەن خەۋەرمۇ قۇلاقلارىمغا يەتتى. ياسۇدامۇ بۇنىڭ راسىتلىقىنى دەلىللەيدۇ.  دەسلەپتە دېگەندەك، بىر ئوچۇم قاراقچى ياسۇدانى تۇتۇۋېلىپ نۇسرا فرونتىغا دۆڭگىشى نۇسرانىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتپاقدىشى ھېسابلانغان(ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم) نۇسرا ئۇيغۇر گۇرۇپپىسىغا پۈتۈن زىنداننىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ تەكشۈرۈشىگە تاپشۇرغان. ئەڭ دەسلەپتە مەن ۋە مىزۇتانىمۇ بۇ ئىشلارنى بىر مەزگىل تاشلاپ قويدۇق، ئەمما ياپونىيەنىڭ بىردىن بىر ئادەم ئەۋەتىپ كۆرۈشكەن تەرەپ ئۇيغۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەمدە خېلى ئىشەنچ بار ئىدى. ئارىلىقتا 2016-يىلى بىۋاسىتە ئەرەب تەرجىماننى ئىزدەپ پۇل ئۈندۈرمەكچى بولسا ياپونلۇقنى تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ياكى ئۆزى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ،  ياپونىيەنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئىسم كارتىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان يېرىنىلا رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتىپمۇ بەردىم،  بۇ خەقنى ئازراق پەسكويغا چۈشۈرۈش كېرەك ئەلۋەتتە.

تۈركىيەدىكى تارىخى ۋەقەلەردىن ياپونلۇق ھەققىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش توختاپ قالمىدى-يۇ، يە بىز ئالاقە قىلغان ئادەمدىن «تىرىككەن، دەلىلى مانا» دەيدىغان ئىسپات چىقمىدى،  ھەتتا توردا ئېلان قىلغان سىننى كۆرسەتسەم ھەيرانلىق ئىچىدە قالغان ئىشلارمۇ بولدى.

ئەرەب ئۈممەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكى ئېنىق ئىدى. يا ئۆتۈپ كەتكەن دۆت خەق ياكى ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىكىنى ئاشكارىلاپ تۇرسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا باشقا ئامال يوقتەك ئىدى. ئاش كەلسە ئىمان قېچىپتۇ دەپ ئۇيغۇرلارنى سېتىشقا تەمشەلگەن ئەرەب ئۈممەتچىلەر ياكى باشقا ئۇيغۇرنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن ماۋۇ خەقلەرگە دەرس بېرىدىغان پۇرسەتنىڭ چىقشى بولسا مېنى بىر يېرىمدىن خۇشھال قىلاتتى. ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇردىن باشقسىنى تۇنۇمايمەن دەپ تۇرۇپ بېرىشىمۇ خېلى ئۈنۈملىك رول ئالغان ئىدى.

2016–يىلىنىڭ ئاخىرى قەيسەرى شەھىرىگە كۆچۈپ بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتۇشنى پىلان قىلغاچ تۇردۇم. 2016–يىلى ۋە 2017–يىلى مەن ئۈچۈن ھەممىدىن ئۇنتۇلغۇسىز بولدى. تۇرۇۋاتقان ئۆيۈم ئستانبۇل قارتال رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىنىڭ نەق قارشى تەرىپى بولۇپ، 2016–يىلى 7–ئاينىڭ 15–كۈنى كېچەسى ساقچى ئىدارىسىغا ئېقىپ كەلگەن ئاممىنىڭ جىقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان ئىدىم. يەرلەر تەۋرەپ كەتكەن ئىدى، ئەتىسى كوچىلاردىكى تىمتاسلىقنى كۆرۈپ ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان مەيۈسلىك مەۋجۇت ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈركىيەدىكى ئىشلاردا چوڭ ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نىسبەتەنمۇ چوڭ داۋالغۇشلار ھېسابلىنىدۇ ئەلۋەتتە.

2016–يىلى خىتتاي ھۆكۈمىتى پۇرسەتنى قاچۇرماسلىق ئۈچۈن ئابدۇلقادىر ياپچاننى باھانە سەۋەب بىلەن ئەيىپلەپ تۈركىيەگە مىسلى كۆرۈلمىگەن بېسىم ۋە چىرايلىق ۋەدىلەر بىلەن ئابدۇلقادىر ياپچاننى خىتايغا قايتۇرۇش ياكى تۈركىيەدە تۇرغۇزماسلىقنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئابدۇلقادىر ياپچانغا ئەڭ يېقىن سەبداش ھېسابلىنىدىغان 3 كىشىدىن ئوخشاش كۈندە ماڭا تېلېفون كېلىشى ھەرگىز تاساددىپىي بىر ئىش ئەمەس ئىدى. «تۈركىيە بەك تەرلىتىۋەتتى بىزنى، بىر يەنى تېپىڭلار دەيدۇ ئابدۇلقادىركامنى ئەكىتىدىغانغا دەيدۇ، خانىمغا (مىزۇتانى نائوكو) دەپ باقسىڭىز، ياپونىيە نېمە دەيدىكىن؟» ئەھۋالنىڭ قانچىلىك جىددىي ئىكەنلىكى مەلۇم ئىدى. مىزۇتانى نائوكو خانىم شەخسەن ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىم ۋە سەبداشلىرىنى ھۆرمەت قىلاتتى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ خىتايغا قارشى بىر ئىش قىلىش روھى ئۇنى قايىل قىلاتتى. خەقنىڭ جۇۋىسىدا تەرلايدىغانلارنى جىق ئادەم ياقتۇرمايدىغانلىقى ئېنىق. ئۇلار كونا دوستلار ھىسابلىناتتى، شۇ ۋەجىدىن باشقا كۈن چۈشكەندە ئىزدىگەنلىكىمۇ تامامەن نورمال بىر ئەھۋال ھېسابلىناتتى. مىزۇتانى نائوكو بىر شەخىس بولۇش سۈپىتى بىلەن قولىدىن كېلىدىغان نېمە بولسا ئايىمايدىغانلىقىنى مۇشۇ كەمگۈچە كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنچىلىك چوڭ بىر ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمۇ دەپ ئويلىساممۇ،  بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭغا يەتكۈزۈشتە ھېچ ئىككىلەنمىدىم. «ياپچاننى كىم باقىدۇ ياپونىيەگە كەلسە؟» دەپ قايتۇرۇپ سورىغان ئىدى، نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم. «تىل بىلمىسە، بىر يەردە ئىشلىيەلمىسە، مېنىڭ باققۇچىلىك ھالىم يوق، ياپونىيە نېمىشقا باقىدۇ بىكاردىن بىكار؟ نېمىشقا تۈركىيە سىلەرنىڭ ئۇرۇق- تۇغقان تۇرۇپ ئىگە چىقمايدۇ؟» سوئاللارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلۇق. 2016–يىلىغىچە ياپونىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ جەمەتلىشىش ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى خانىمغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. تۈركىيە ئېغىر دەپ ئېلىشنى خالىمىغان يۈكنى ياپونىيە نېمىشقا كۆتەرسۇن؟ شۇنداق بولسىمۇ مىزۇتانى بىلەن بولغان 15 يىللىق دوستلۇق نەتىجىسىدە ئىگىلىگەن تەجرىبەمنى ئىشلىتىشتىن باشقا چارىسى يوق ئىدى. يۇقىىرقى سوئاللارغا جاۋاب ئېلىپ بولۇپ مىزۇتانىدىنمۇ ئوبدان جاۋابنى ئالغان بولدۇم. تېلېفون قىلغان ئۈچ كىشىگە ئوخشاش قىلىپ، «تۈركىيە ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىمگە يول خېتى كېسىپ بەرسە ۋە يول خېتىنى ياپونىيەنىڭ تۈركىيە ئەلچىخانىسدا ئۇزارتىپ بېرىشكە ماقۇل بولسا ياپونىيە ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ كېلىشىگە قوشۇلدى» دېگەن جاۋابنى بەردىم. جاۋاب ئىگىسىگە باراتتى ئەلۋەتتە. يوقاپ كەتكەن ياپونلۇقنىڭ مەسىلىسى تۈپەيلى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىلا ئەمەس بەلكى ئەركىنلىك ئۈچۈن، مۇستەقىللىق ئۈچۈن قۇلۇڭغا قورال ئال، دۈشمەننى چاپ دەپ كېلىۋاتقان ھەقىقىي جەڭچىلەر، جەننەت تاماسى قىلىپ يۈرگەن تېررورچىلار ۋە ساختا داۋاچى، قويمىچى دەۋاچىلارنىڭ پەرقى ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىكى بىيوكراتلارمۇ بۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ تۇراتتى.

ئابدۇلقادىر ياپچان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى برىنچى ئورۇنغا قويۇپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى مۇھىم ئىدى. بىر شەخىس چېغىدا بىھۇدە ئاۋارە بولۇشنى خالىمايدۇ، بىر ھاكىمىيەت ئەلۋەتتە تېخىمۇ دىققەت قىلىدۇ. كېيىن ئاڭلىسام تۈركىيە گېپىدىن يېنىۋاپتۇ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئابدۇلقادىر ياپچاننى قوبۇل قىلىشىنىڭ تۈركىيىگە تەسىرى بەك چوڭ بولۇپ كېتەرمىش،  باشقا دۆلەتلەردىمۇ ئاكتىپ جاۋاپ ئالغانلىقى روشەن ئىدى. ئىچىمدىن بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىشقا تۈرتكە بولغانلىقىمغا سۆيۈنسەم يەنە بىر تەرەپتىن ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىمنىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ھالدا تۇرىۋاتقانلىقىغا ئېچىناتتىم. تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولالمىغانلىقىغا ئېچىناتتىم.

2016 – يىلىنىڭ ئاخىرى رەينادىكى تېرورلۇق ۋەقەسىنى ئىستانبۇل قەيسەرى سەپىرىدىكى دەم ئېلىش يېرىدە تېلىۋىزوردىن كۆردۈم. تۈركىيە خەلقىنىڭ تېرورلۇق ۋەقەسىگە قانچىلىك نەپرەت ئوقۇغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم. ئىچىمدە بىگۇناھ كىشىلەرنى ئوققا تۇتقان تېرورىستقا لەنەت ئوقۇدۇم. قەيسەرىگە كىلە – كەلمەيلا قەيسەرىدىكى ئېرجىيېس ئۇنۋېرسىتېتىغا يېقىن يەردىكى ھەربى گازارمىغا قىلىنغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ خەۋىرى چىققاندا ھەر تەرەپتىن ئەيىپلەش يېغىپ كەتكەن ۋە مەنمۇ شۇ تېرورغا قارشى ئەيىپلەش يىغىلىشىغا قاتناشقان ئىدىم. ئەپسۇسكى رەينادىكى ۋەقەدە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى گۇماندارنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا غايىپ بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دۇكانلىرىدىن گۇماندارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلار ئېقىپ يۈرگەن مەزگىلدىمۇ تېرورغا قارشى بىر ئېغىز لەنەت ئوقۇمىغانلىقى مېنى ئويغا سالدى ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولغاندا ئوچۇق قىلىپ «دائىشتا ئۇيغۇرلا ئەمەس، ھەتتا ياپونىيەدىن كەلگەنلەرمۇ با، تۈركلەردىنمۇ بار،  لېكىن تېرورىستنىڭ مىللىتى يوق، نەگىلا باسا تېرورىست،  بۇنى ئېنىق ئايرىيلى» دېگىنىم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.

2016- ۋە 2017 – يىللىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن داۋالغۇشلۇق بىر مەزگىل ئىدى. تۈركىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ياۋروپا غەرىپتە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن، ياۋروپا ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار تۈركىيىدىكى، ئورتا ئاسيادىكى ئۇيغۇرلاردىن باتنايدىغان ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقى ئېغىزدا دىيىلمىسىمۇ ئەمەلىيەتتە كۆرۈلۈپ تۇراتتى. لېكىن شۇ كۈنلەردە شاھىت بولغان ئىككى ئىش بار ئىدى. ياپونلۇقنى قۇتقۇزۇشقا خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەق يولدا ، ھەققانى كۈرىشىنى ئاقلاشقا پۇرسەت ئىزدەۋاتقان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ۋە ئاشۇ شېھىتلرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئۆز مىللىتىم دەپ قەدىرلەپ، ئۇلارغا ئۇيغۇر مىللى روھىنى سىڭدۈرۈشنى نىيەت قىلغان ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالىلىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بولدى. زىيالىلىرى بىلەن موللىرى بىرلەشكەن ئۇيغۇرلارنى ھېچكىم قۇل قىلالمايدۇ ، كۆز ئالدىدا ئاشۇنداق بىر مەنزىرە تۇراتتى، ئاللاھقا مىڭ شۈكرى دەيتتىم. بۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇشتا ئىزدىمىگەن ئادەم قالمىدى دىسەم ئاشۇرىۋەتكەن بولىمەن، لېكىن تۈركىيىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ئىزدەپ تۈركىيەنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشنىمۇ ئويلىدىم. ئەپسۇس مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزىنى تارتتى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى ئىزدىسۇن دىگەنلەرمۇ بولدى. ئالدىمغا ئۆزىنى ئىنقىلاپى كۆرسەتكەنمۇ، مۇجاھىت كۆرسەتكەنمۇ چىقتى، مەيلى كىم قۇتقازسۇن بۇ ھەركەتنىڭ ئۆزىلا بىر قېتىملىق ئەمەلىي كۈچنى سىنايدىغان كىمنىڭ ھەقىقى كۈچى بار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكى ئېنىق ئىدى. سۈرىيەدىكى نەچچە مىڭ ئۆزبەكنى، ئۇيغۇرنى ئۇيان – بۇيان قىلىپ خىتتايغا قارشى ئاتلاندۇرۇشقا كۈچى يېتىدىغان ئادەمنىڭ بىر ياپونلۇقنى قۇتقۇزۇشقا ئەلۋەتتە كۈچى يېتەتتى،  ئەمما ئۇمۇ قۇرۇق گەپ بولۇپ چىقتى.  ئۇيغۇر ئەركىنلىك جەڭچىلىرىدىن ھىچ خەۋىرى يوق پو ئېتىپ مىللىتىمىزنى ئالداۋاتقانلارمۇ ئوتتۇرىدا قالدى. بىر ياندىن ياپونلۇقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىسام، يەنە بىر تەرەپتىن 2014 –يىلىدىن بېرى ئارۇپىلان ھەيدەپ كېلىمىز، تانكا ھەيدەپ كېلىمىز دەپ سۈرىيەگە ئادەم ئەۋەتىپ ئۆزى زەيتىنبۇرنۇدا گۆش گىردە مۇجۇپ ئولتۇرغان ساختا مۇجاھىت، كوچا چىڭدايدىغان لالمىلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. يەنە بىر تەرەپتىن بولسا بۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇشقا رىياسەتچىلىك قىلغان، ئەسەدكە قارشى تۈركمەن بىرلىكىدە سەپ تۇتقان بىر ئاكىمىزنىڭ شېھىت كەتكەن ئوغلىنىڭ ۋاتسئاپ ھىسابىدىكى باش سۈرىتى ھىچ كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى. رۇسىيەنىڭ بومباردىمانىدا قازا قىلدىمۇ، ياپونلۇقنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا شېھىت بولدىمۇ بىلمەيتتىم.

2018 – يىلىنىڭ باشلىرىدا ئاخىرى بىر تېلېفۇن كەلدى «جىددى ئىستانبۇلغا كەلسىڭىز» دەپ گەپ ئەۋەتىلگەن ئىكەن. مىزۇتانىغا خەۋەر بېرىپ قويۇپ دەرھال ئىستانبۇلغا باردىم ۋە 3 كىشى بىلەن مەخپى كۆرۈشتۈم. «ئادەم ھايات ئىكەن، ياپونلۇقلار قانداق ئويلايدىكەن بىر سوراپ باقسىڭىز» دىگەن ئۇچۇرنى ئالدىم. بۇ ئۈچ كىشى بىلەن بۇ مەسلە ئۈستىدە تۇنجى قېتىم يالغۇز،  مىزۇتانىغا ۋاكالەتەن سۆھبەت قىلىۋاتقان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ كىم ئىكەنلىگى ھەممىگە ئېنىق ئىدى، ئارىسدا ئوغلىنى شېھىت بەرگەن ئاكىمىزمۇ بار ئىدى. ئۈچ يېرىم يىللىق سۆھبەت مەزمۇنىنى يىپتىن – يىڭنىسغىچە بۇ ئۈچەيلەنگە يەتكۈزدۈم. ئىنتايىن سەمىمى ۋە قېرىنداشلارچە سۆھبەتتە ياپونلۇقنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرنى ھەقسىز تەمىنلەشكە ماقۇل بولدى ۋە ياپونىيە، سۈرىيەدىكى تۇتقۇن قىلغان قاراقچىلار ئوتتۇرسىدىكى ئشەنچىلىك ياراشتۇرغۇچى بولۇشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. دىيىشىۋالغىنىمىز بويىچە ياپونلۇق ئايالىغا بىر پارچە خەت يازىدىغان، خەتنىڭ مەزمۇنى ياپونلۇق بىلەن ئايالى ئوتتۇرىسىدىكى سىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك ئىدى.  يەنى خەتنى يازغان كىشىنىڭ كىملىكىنى دەلىللەيدىغان بىردىن – بىر ئۇسۇل ئىدى. (بۇندىن بۇرۇنمۇ ياسۇدانىڭ تۇنۇشلىرى ۋە ياپونىيەدىكى سۈرىيەلىك ئەرەپ دوكتۇر دىگەنلەر بىر پارچە خەت ئۈچۈنمۇ بىر مۇنچە دوللار تەلەپ قىلغان، ئۇنىڭغا دائىر شاھىتلار بار). ياپونلۇق ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن ئۆز ئاغزىدىن چىققان سۆزلەرگە ۋە ئۇندىن بۇرۇن ئاشكارلانغان بەزى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەن قولغا چۈشۈرگەن ئۇچۇردىن باشقا ئىككى-ئۈچ قېتىم ئائىلىسىگە خەت يازغان.  لېكىن ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپ قاراقچىلارنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ۋە ھىچبىر شەكىلدە ھەركەت قىلمىغانلىقى مەلۇم بولدى. ياپونلۇقنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرىدە بولسا نەچچە قېتىم سولاقخانا ئالماشقان بولۇپ، 2018 – يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ مەھەللىسگە يۆتكەلگەن ۋە سامسا، لەغمەن، پولو يىگەن. خىتتاينىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىگە دەلىل بولالايدۇ. ياپونلۇق 4 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ مەنىلىك ئۆتكەن ۋاقتى دەل مۇشۇ 2018 – يىل ئىكەنلىگىنى يوشۇرمايدۇ.

ئۇزۇن ئۆتمەي ياپونىيە تەرەپتىن خەتنىڭ ياسۇدا جۈمپېينىڭ قولىدىن چىققانلىقىنى دەلىللىگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر كەلدىيۇ، قاراقچىلارنىڭ تەلەپ قىلغىنى ئادەتتىن تاشقىرى بىر سان ئىدى. ياپونىيە بولسا، بۇندىن بۇرۇنمۇ قاراقچىلار بىلەن قىلىنغان سودىلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ باھا تالاشقىلى باشلىدى. ئەپسۇس قارار بېرىش ھوقۇقى ئۇيغۇرلاردا ئەمەس ئىدى. قارار قىلىش ھوقۇقى ئۇيغۇرلاردا بولغان بولسا ئىدى، ئۇيغۇرلار ھەقسىز ئازات قىلىشقا ئەڭ دەسلەپتە ياپونىيەلىك ئەلچى بىلەن كۆرۈشكەندىلا ماقۇل بولغان ئىدى. ياپونىيە تەرەپمۇ ئەگەر ئۇيغۇرلار ھەقسىز قويۇپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، ياپونىيە مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ بىر فابرىكا قۇرۇپ بېرىش توغرىسدا سۆزلەشكەنلىكى خانىمنىڭ ئاغزى ئارقىلىق مەلۇم بولدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئۇيغۇرلارنىڭ قارار بېرىش سالاھىيتى يوق ئىدى. ئوتتۇردا بىر قېتىم خەۋەرچى قېرىندىشىمىز بىلەن دەرتلىشىپ قېلىپ «شۇنچە جان بېرىلدى، ھەم بېرىۋاتىمىز، نىمىشقا بىر ياپونلۇقنى بىزگە بەرمەيدۇ؟» دەپ سوراپ كېتىپتىمەن. ئۇلارمۇ ئوتتۇرىدىكى ئەلچى بولغاچقا باشقا ئامالى يوق ئىدى. باھادا كېلىشىپ بولالماي ئاخىرى خەۋەرچى قېرىندىشىمىز بىلەنمۇ ئالاقە توختاپ قالدى.

ئارىدىن ئىككى يېرىم ئاي ئۆتۈپ مېدىيادا ياپونلۇقنىڭ ئازاتلىققا ئېرىشكەنلىكى توغرىسدا خەۋەر تارقالدى، قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ ئارىچىلىقى بىلەن قۇتقۇزۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ خەۋەر تارقىلىشتىن تەخمىنەن بىر ئاي بۇرۇن شىركەتكە كەلگەن بىر تۈرك خېرىدارمۇ سۈرىيەنىڭ تۈركمەن تېغى ئەتراپىدىكى تۈركمەن قوشۇنلىرى بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلار ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن ئىدى. ئۇندىن بۇرۇنمۇ تۈركىيەدىن ئايدا بىر قانچە كۈن سۈريەدىكى تۈركمەنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بېرىپ – كېلىپ تۇرىۋاتقان شىركەت ساھىبىدىنمۇ ئۇ يەردىكى ئەھۋالدىن ئازدۇر-كۆپتۇر خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى.  ئىچىمدە بولسا ئۇيغۇر قوراللىق ئەترىتىنىڭ بىخەتەر رايوندا ئىكەنلىگىدىن سۆيۈنەتتىم. (تۈركىيە، ئىران، رۇسيەنىڭ ئاستانا كېلىشىمىگە ئاساسەن ھاۋا ھۇجۇمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تۈركىيە كۈزەتكۈچى ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈن) شۇنداق بولسىمۇ، ئاشۇ كوچا چىڭدايدىغان جىھاتچىلىرىنىڭ قولىدا كەتسە كەلمەس يولغا كىرىپ كەتكەن قېرىنداشلارغا ئېچىناتتىم. رەينا قەتلىئامىنىڭ قاتىللىرى، ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومىنى بومبىلىغان، بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېرورىستلارغا غەزىپىم تولۇپ تاشاتتى. مەيلى توردا بولسۇن ياكى كۆز ئالدىمدا بولسۇن رەھىم قىلماي تەنقىتلەيتتىم. 2015 – يىلدىن بېرى سۈرىيەگە بېرىپ كەلگەنلەر بىلەنمۇ، بېرىشنى پىلان قىلغانلار بىلەنمۇ ئولتۇرۇپ ھەمسۆھبەت بولۇشقا پۇرسەت كۆپ چىقتى. بەزىلىرى 5 ئەزاسى ساپساق، قولىدا مېلى پۇلى بار، جىھادى ئىبادەتنى قىلىۋېلىشىتىن ئىبارەت چىرايلىق ئىسىملارغا ئالدىنىپ كىرىپ كەتكەنلەرمۇ، تۈركىيىدىكى تۇرمۇش قاتتىقچىلىقى سەۋەبىدىن كىرىپ كەتكەنلەرمۇ، كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاشقا پۇرسەت بولماي ئوق يەپ ئۆلەي دىگەنلەرمۇ بولدى. ئەمما ئۇلار بىلەن تېخىمۇ ئىلگىرلەپ سۆھبەتلەشكەندە ئۇلارنىڭ ئەسلى پىلانى بولسا بىر ئامال قىلىپ ئاشۇ جېنىنى ۋەتەن ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا ئاتىماقچى بولغان ساپ قەلبى بولدى.

ئاغرىپ قالغان قېرىنداشلارنى دەرھال داۋالايدىغان ئۆزىمىزنىڭ دوختۇرخانىمىز، جىھادى ئىبادىتىمنى قىلىۋالاي دىگەن قېرىنداشلىرىمىزغا ئىشلەيدىغان قورال – ياراق زاۋۇتىمىز، تۇرمۇشتا قىينالغانغا سەدىقە ئەمەس، ئۆز كۈچىنى، ھۈنىرىنى جارى قىلدۇرىدىغان بىر خىزمەت، يىتەرلىك مۇئاشى، ئىقتىساد ئىگىلىرىگە بولسا تېخىمۇ ئوبدان خىزمەت قىلىش پۇرسىتى، ھەقىقى ۋەتەن ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان مۇجاھىتلارنى تەربىيلەيدىغان پۇرسەتلەر بولسا ئىدى، ۋەتەننىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندا چەتئەلگە چىققان نى- نى كىشىلىرىمىزنى چەتئەلدە تۇتۇپ قالالايتتۇق. كومپىيوتۇر مۇتەخەسىسلىرىمىز، دوختۇرلىرىمىز، دېھقانلىرىمىز، تىجارەتچىلىرىمىز يولدىن ئادىشىپ سۈرىيەدە ئۇنچە بەدەل تۆلەپ كەتمەيتتى. ئەلۋەتتە بۇ شارائىتلار پۈتۈنلەي يوق دىگىلى بولمايدۇ، پەقەت يېتەرلىك ئەمەس. «خىتتاينىڭ تۇيۇقسىز ئىشىكنى ئېچىپ بېرىپ ئۇيغۇرلار سۈرىيەگە كەتسۇن دەپ پىلان قىلدى» دىگەن گەپنىڭ بىر قىسمى توغرا، يەنە بىر قىسمىنى قوبۇل قىلىش خاتا. چۈنكى دائىش سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بىر تەشكىلات، خىتتاي قويۇپ بېرىشنى ئويلىغان بولسا ئاللىقاچان قويۇپ بېرەتتى،  خىتتاينىڭ ئەسلى مەقسىدى ۋەتەن ئىچىدىكى توختىمايۋاتقان قارشىلىق كۈرەشلەرنىڭ ئۇلغۇيىشىدىن بەكرەك، يۇمشاق كۈچنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقىنى بىر ھەقىقەت، مەيلى ھازىرقى شارائىتتىمۇ لاگىردىكى ياش، ئوتتۇرا ياشلارنى قىيىن – قىستاققا ئالغان بولسىمۇ، ئۇچۇق ئاشكارا ھالدا قىرغىن قىلىش يولىنى تاللىغىنى يوق، يېشى چوڭلاردىن بىر شەكىلدە خەۋەر ئېلىۋاتقانلار بار ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايلى. خىتتاينىڭ ئەسلى مەقسىدى، سۈرىيە ۋە ئافغانىستانلاردىكى مالىمانچىلىقنى، چەتئەلدىكى بولۇپمۇ تۈركىيە ۋە باشقا ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرىدىغان دۆلەتلەردىكى ئەھۋال بىلەن خىتتايدىكى ئىگىز بىنالارنى سېلىشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى سېلىشتۇرۇپ خىتتاينىڭ ئەۋزەللىكىنى تۇنۇپ يەتكەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىكىدىن قايتىپ كېلىپ خىتتاينىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ دەپ پىلان قىلغان. چەتئەلگە چىقىش قويۇۋېتىلگەن مەزگىللەردە ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىگە ئائىت ۋىدىئولارنىڭ كۆپ قىسمى خىتتاينىڭ چاكىنا ۋىدئولىرى بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن، ۋىدىئونىڭ تېمىسى تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى، ئۆزى بولسا چاكىنا ۋىدىئولار، سەۋەبى ئېنىقكى تۈركىستان ئىسلام پارتىيسىنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش، ئۇچۇرنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت.

ئاغزىدىن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى دىسىلا مۇجاھىت بولۇپ قالىدىغان مەزگىللەرمۇ بولۇپ ئۆتكەن. تۈركىيىدە خىتتاي پۇقراسىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقانلىقىدىن گۇمان قىلىپ تۇتۇلغان بىرىمۇ ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدىن شۈبھەم يوق. ھەقىقى غوللۇق ئەزالىرىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇتقۇزۇش ھەركىتىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە سىياسى سەزگۈرلىكى مەندە ئىنتايىن ياخشى تەسىر قالدۇرغىنى راست ئەلۋەتتە.

ھەر قېتىم ياپونلۇقنڭ ۋىدىئوسى ئاشكارلانغاندا ئۇچۇر ئالاقىغا بىۋاستە مەسئۇل بولغان قېرىندىشىمغا ئۇچۇر يوللاپ گۆرۈگە ئېلىۋالغانلارنىڭ مەقسدىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى سورىغىنىمدا كەلگەن جاۋاپمۇ ئەڭ دەسلەپتەياپونلۇق ئەلچى بىلەن قىلغان سۆھبىتى بىلەن ئوخشاش چىقاتتى: «بىزنىڭ دۈشمىنىمىز خىتتاي، ياپونلۇققا زىيان سالساق ئۆزىمىزنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقان بىلەن ئوخشاش تۇرسا، مەن بىر سۈرۈشتە قىلاي.» ھەقىقەتەنمۇ ئەھۋال ياپونلۇق ئۆزى ئاشكارلىغاندەك ئىدى. باشتا دىگەندەك ئالتە ئايغا يېقىن ئۇيغۇرلار بىلەن تۇرۇش جەريانىدا ئۇ ياپونلۇققا قىلچە زەرەر كەلمىگەن ئىدى، ئېلان قىلغان ۋىدىئومۇ پۇل دىسە كۆزى كالىنىڭكىدەك ئېچىلىپ كېتىدىغان قاراقچىلارنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، «ۋىدىئو ئىشلىگەندە كۈلۈپ كەتسەم، كۈلسەڭ بولمايدۇ، يىغلىغاندەك كۆرسەت ئۆزەڭنى» دەپ قايتا – قايتا ئىشلىگەنلىكى ياپونلۇقنىڭ ئاغزىدىن دەلىللەندى. ياپونلۇق بىر يېرىم سائەت ۋاقتىنى ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق جايغا كېلىشتىن بۇرۇنقى كەچۈرمىشلىرىنى، تاتقان جاپالىرىنى سۆزلەشكە ئىشلىتىدۇ ۋە ئەينى كامېردا نۇسرا فىرونتى، ئاھرار شام، دائىشلارغا قېتىلغان چەتئەللىكلەرنى سوراق قىلىش ۋە قىيىن قىستاقلارغا ئېلىشلارغا شاھىت بولغانلىقىنى سۆزلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قايسى گۇرۇپپا تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. ئەرەپ قاراقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلدىمۇ بۇنىسى ئېنىق ئەمەس. پەقەت بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم ئۇ ياپونلۇق ئاخىرقى ئالتە ئاي ئۇيغۇرلار بىلەن تۇرغان ۋاقتىدىكى سەرگۈزەشتىسىنى پەقەتلا 12 مىنۇت ئىزاھلايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تائاملىرى بىلەن بېقىلغانلىقىنى يۇشۇرمايدۇ. 2018 – يىلى 9- ئاينىڭ 28 – كۈنى قايتىدىن ئەرەپلەرگە تاپشۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ ۋە 10 – ئاينىڭ ئاخىرى ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.9 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن قويۇپ بېرىلگىچە بولغان ئارىلىقتا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر شەكىلدە پۈتۈشكەنلىكى ئېنىق بولۇپ، ياسۇدا جۈمپېيمۇ 9 – ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ھۆكۈمەت بىلەن ئايالى ئوتتۇرسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى دەلىلەيدۇ. 10 – ئاينىڭ بېشىدا ئەرەپ تۈرمە باشلىقىمۇ ياپونلۇققا قىسقا ۋاقىتتا ئازات بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. يەنى، 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرى ئەرەپلەر ھىچ ئامال قىلالماي، ئاخىرى ئۇيغۇرلارغا بۇ ئادەمنى تاپشۇرغان ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۈنۈملىك ئۇچۇر ئالاقىسى قىلالىغان. ئەمما ئەرەپ قاراقچىلارنىڭ قويغان تەلىپى ھەددىدىن زىيادە چوڭ بولۇپ، 20 مىليون دوللار تەلەپ قىلغان، ھۆكۈمەت بۇنى رەت قىلسىمۇ، ياپونىيەدە قۇرۇلغان ئاۋامدىن تەشكىل تاپقان ياسۇدا جۈمپېينى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى پۇل ئىئانە قىلىشنى ئويلاشقان، پەقەت بۇ ئۇيغۇرلار نەپ ئالسۇن دەپ قىلىنغان پىلان بولۇپ، ھۆكۈمەت قەتئى رەت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا قۇلىدا بار نەرسىنى بېرىپ ياسۇدانىڭ تىرىك قويۇلۇپ بېرىشىگە كۈچىگەنلىكىدىن ئىبارەت سەمىمىيىتى خالاس. خەۋەرلەردە دىيىلىشچە قاتار ۋە تۈركىيەنىڭ ئارلىشىشى ئارقىلىق ياسۇدا جۈنپېي ئازاتلىققا ئېرىشكەن، يەنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قوراللىق ئەترىتىنىڭ قولىدىن ئىشەنچىلىك ئۇچۇرنى يەنى ئايالىغا يېزىلغان شەخسى مەكتۇپنى ئالغاندىن كېيىنلا ياپونلۇقنىڭ بىخەتەر جايدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ۋە ئاندىن بىر شەكىلدىكى سودىغا ماقۇل بولغان. تىپىك ياپونلۇقلارغا خاس خاراكتىر ۋە مەزلۇم ئۇيغۇرلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە. شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قوراللىق ئەترىتى بۇ قېتىملىق ھەركەتتىن باشتىن ئاخىرغىچە قانچىلىك بەدەل تۆلەپ، قانچىلىك ئەمىلى نەپ ئالدى بۇ تەرىپى نامەلۇم، ئەمما سىياسى جەھەتتىن ئالغان پايدىسىنىڭ بولغانلىقىدا شۈبھەم يوق. شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى زامانغا، ماكانغا قاراپ ئوخشىمىغان كەلىمەلەرنى ئىشلەتسىمۇ، ئەمما خىتتاي ئۆز پۇقرالىرىنى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلار قوشۇنى، خەلقئارا جەمىئەتنى ئالداپ تېرورىست دىگىنىدەك بىر ئوچۇم قاراقچىلاردىن تەشكىل تاپقان كىچىك گۇرۇپپا بولماستىن، قۇرئاننى قانۇن قىلىشنى كۆزلىگەن، ھەق ناھەقنى ئايرىغان، زالىمغا قارشى جېنىنى تىككەن، مەزلۇمنىڭ بېشىنى سىلايدىغان، سىياسى ئاڭ سەۋىيەسى يۇقۇرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پارتىزانلىرى ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. خاتىرىمىزدا بار بولغۇنىدەك، ئامېركىمۇ گۇئانتانومۇدا بىگۇناھ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىمۇ پۈتۈن سانى بىلەن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك دۆلەت ئۆزلىرىگە دۈشمەن ھىساپلىمىغان ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنى بىز ئۇيغۇرلار چەتكە قېقىشىمىز مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس، ھەتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە تېگىشلىك دەپ قارايمەن.

خىتتاي ئىشغالچىلىرىنى شەرقى تۈركىستاندىن قوغلاپ مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئەلۋەتتە خەلقئارانىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىمىز ئېنىق. ئەمما خەلقئارالىق كۈچلۈك ياردەملەر بىزنىڭ تەييارلىقىمىز پۈتكەندىلا ئاندىن قولىمىزغا كېلىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئېتىنىك قىرغىنچىلىق قىلدى دەپ شىكايەت قىلىپلا بىرەر دۆلەتنىڭ خىتتايغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشىنى تەلەپ قىلىش ۋە تەلمۈرۈشنىڭ بىر نەرسىگە يارىمايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئەمىلى ھەركەتلىرى توغرىسىدا ئۇيغۇر ۋە غەرپ زىيالىلىرىدا چوڭ ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم.

بۇ رىئال ۋەقەنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسىدىم، زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇر قوراللىق گۇرۇپپىلىرىغا بولغان سەلبى ئوبرازىنى تۈزۈتۈشكە تۈرتكە بولۇش ۋە چالا ئۇچۇرلار ئارقىلىق خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىش. شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرى زىيالىلارنىڭ قىلىۋاتقان ھەركەتلىرىنى چەتكە قاقمىغان ئىكەن، زىيالىلار ۋە سىياسى پائاليەت قىلىۋاتقانلارمۇ قوراللىق ھەركەتنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىققا قارشى قانۇنلۇق قوغدىنىش ھەركىتى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق ئېتراپ قىلىشى ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ كۈچىيىپ، خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن خىتتايغا قارشى قاخشاتقۇچ زەربە بېرىپ ئۆزىمىزگە سىياسى كوزۇر ھازىرلىشىمىز زۆرۆر.

ئەنگىليىدىن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان گەندى، ماندېلا نوبېل تېنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارىخىغا قارايدىغان بولساق ئۇلارمۇ قوراللىق ھەركەتنى چەتكە قاقمىغان، ھەتتا ماندېلا 2008 – يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ قارا تىزىملىكىدە ئېلىنغان. دىننى سۈيئىستىمال قىلىدىغان سىياسەتچى ۋە ياكى دىنى تونغا ئورۇنىۋالغان ساختا مۇجاھىتلارنى ئۈنۈملىك ئىلغاپ خىتتايغا قارشى ئومومىي يۈزلىك سەپ قۇرۇش خەلقىمىزنىڭ تەققەززاسى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

سېرىلانكىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 207 ئادەم ئۆلدى

يە ئاپرېل 21 , 2019
سېرىلانكىدا 21-چىسلا يەكشەنبە كۈنى سېرىلانكىنىڭ پايتەختى كولومبو، ئۇنىڭ ئەتراپتىكى نىگەنبو ۋە سىرلانكىنىڭ شەرقىدىكى باتىكولو قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئۈچ چىركاۋ ۋە تۆت مېھمانخانىدا زەنجىرسىمان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .

You May Like