ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 13- دېكابىر
12-ئاينىڭ 11، 12، 13-كۇنلىرى ياپونىيە كاناگاۋا ئۆلكىسىنىڭ زىشىشەھرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۇزۇلدى. بۇ كۆرگەزمىنى زىشى شەھەر پارلامىتنىڭ باشلىقى مارۇياما ئەپەندىم بىلەن ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان . بۇ كۆرگەزمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدىنىيىتى، شەرقىي تۇركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى، بايلىقلىرى، ئەڭ ئاساسلىق قىلىنىپ شەرقىي تۇركىستانلىقىلارنىڭ خىتاي ئىشغالىيىتىدە ئۇچۇرغان زۇلۇملىرى گەۋدىلەندۇرۇلگەن .
بۇ كۆرگەزمىگە نەچچە يۇزلىگەن ياپۇنلۇقلار قاتناشتى، رەسىملەرگە ياخشى باھالارنى بەردى ھەم ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۇردى.ياپۇننىڭ گىزىتلىرىدىمۇ بۇ توغرىسىدا خەۋەر بېرىلدى.
![](https://iuyghur.com/wp-content/uploads/2020/12/BCDF3C95-AC50-46A9-B054-D0BECE449726.jpeg)
كاناگاۋا گىزىتىدىن ئارىيە
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ كۆرگەزمىنى ئورانلاشتۇرغان مارۇياما ئەپەندىمگە ۋە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئۇزلۇكسىز تىرىشىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا چەكسىز رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمىز.
ئىلىك تەرىپىدىن يېزىلدى.