ياپونىيە ھۆكۈمىتى ختتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن رابىيە قادىرنىڭ 20 دۆلەت يېغىنى مەزگىلىدە ياپونىيەگە كىرىشگە يول قويدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشچە، بيجىڭ تەرەپنىڭ قاتتىق بېسمغا قارىماي ،ياپونيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىرنىڭ ياپونيەگە كىرىشى ئۇچۇن ۋېزا بەردى ،رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتى ختتاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئوساكاغا G20يېغىنىغا قاتنىشىشغا توغرا كەلگەن بولۇپ ،رابيە قادىر بۇ يەردە ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىگە قارشى نامايىش قىلىدۇ.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ختتاينىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن رابىيە قادىرنىڭ 20 دۆلەت يېغىنى مەزگىلىدە ياپونىيەگە كىرىشگە يول قويدى.

ياپونيە كىيودو ئاگېنتلىقى خەۋىرى،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۈرۈشچە، بيجىڭ تەرەپنىڭ قاتتىق بېسمغا قارىماي ،ياپونيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رابىيە قادىرنىڭ ياپونيەگە كىرىشى ئۇچۇن ۋېزا بەردى ،رابىيە قادىرنىڭ زىيارىتى ختتاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئوساكاغا G20يېغىنىغا قاتنىشىشغا توغرا كەلگەن بولۇپ ،رابيە قادىر بۇ يەردە ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سياستىگە قارشى نامايىش قىلىدۇ.

رابىيە قادىر ئەركىن ھىندى-تىچ ئوكيان ئېتتپاقىنىڭ رەئىسى بولۇپ ،بۇ تەشكىلات تېبەت،ئ‍ۇيغۇر قاتارلىق ختتايدىن قاچقان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ياپونىيە تەرەپنىڭ بىلدۇرۇشىچە،ۋېزا 7-ئىيۇن ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر رابىيە قادىر ياپونىيەگە ئون قېتىمدىن كۆپ زىيارەتكە بارغان ،زىيارەت جەريانىدا ھىچقانداق قانۇنى مەسلە كۆرۇلمىگەن،شۇڭا ياپونىيە تەرەپ بۇنى ئويلىشپ ۋېزا بىرشنى تەستىقلىغان.

رابىيە قادىرنىڭ ياپونىيەدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىلدۇرىشچە،ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ۋېزا ئىلتىماس جەريانى بۇرۇنقى بارلىق ۋاقىتتىنمۇ كۆپ ۋاقىت ئالغان .

ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۇرشىچە،ختتاي تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى  ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك منستىرلىكى ئەمەلدارلىرى ياپونىيە باش ۋەزىرى شنزو ئابىنىڭ ئ‍شخانسغا بىۋاستە ئالاقە قىلىپ،شى جىن پىڭنىڭ ياپونىيە زىيارىتى مەزگىلىدە رابىيە قادىرنى ياپونىيەگە كىرگۇزۇش مەسلىسنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى سورىغان.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئەنقەرە غازى ئۇنۋىرستىدا شەھىد نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غىيابەت جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

شە ئىيۇن 22 , 2019
2019-يىلى 21- ئىيۇندا شەرقىي تۈركستانلىق زىيالىلار جەمىيەتى ۋە ئەنقەرە زىيالىلار جەمىيەتى ( Ankara Aydınlar Ocağı ) نىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى بىلەن ، ئەنقەرە غازى ئۇنۋېرستىتى مەركەز مەكتەپ رايۇنىدا خىتاي جازا لاگىرىدا شەھىد قىلىنغان پىروفېسسور نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غىيابەت جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

You May Like