ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئىمزالىماقچى بولغان بىخەتەرلىك شەرتنامىسى خىتاينى بىئارام قىلغان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرى، ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىماقچى.

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-يانۋار

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرى: ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىماقچى. 

ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى مورىسسوننىڭ دېيىشىچە، ئاۋسترالىيە بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆز -ئارا ئېتىبار بېرىش كېلىشىمىنى (RAA) ئىمزالاش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئىمزالانسا ئىككى دۆلەت مۇداپىئە كۈچلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن ئاساس ھازىرلايدىكەن. مورىسسون باياناتىدا مۇنداق دېگەن: « بۇ شەرتنامە ئىككى دۆلەت دۇچ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىك خىرىسلارنى ئورتاق ھەل قىلىپ، بىخەتەر ۋە مۇقىم بولغان ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.» 

فىرانسىيە خەلقئارا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى تەرەپ يەنە پاكىز ئېنېرگىيە، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ماتېرىياللىرى جەھەتتە ھۆكۈمەت ۋە كارخانا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پۇرسەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئاۋسترالىيەگە قىلماقچى بولغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ، ئۆزگەرتىلگەن پىلان بويىچە ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى 6-يانۋار پەيشەنبە كۈنى تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مەزكۇر شەرتنامىنى ئىمزالىماقچى ئىكەن. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر شەرتنامە ھەقتىكى سورىغان سوئاللىرىغا جاۋابەن مۇنداق دېگەن: « بىز ھەر زامان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىنى قوللايمىز، بۇ خىلدىكى ھەمكارلىشىشلار رايوندىكى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ۋە ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.» ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: « ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە تۈزمەكچى بولغان مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ ئۈچىنچى بىر تەرەپنى نىشانماسلىقى ۋە ياكى ئۈچىنچى تەرەپ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى كېرەك.»

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باش تېما قىلىنغان ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

چا يانۋار 5 , 2022
ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار: سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق» باش تېما قىلىنغان ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى

You May Like