ختتاي تارىم ئويمانلىقىدا 30 مىلىيون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك گاز بازىسى قۇردى

ختتاينىڭ ھۆكۈمەت تورى-خەلق تورى ئاشكارىلىشچە، شەرقى تۈركستان-ئۇيغۇر تۇپرىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان تارىم نېفىتلىكى بۇ يىل60 مىليون 100توننا سۇيۇق نېفىت، 30 مىليارد 159 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىپ، نېفىت-گاز ئېكۋىۋالېنتى 30 مىليون31 مىڭ 200 توننىغا يەتتى. بۇ، تارىم ئويمانلىقىنىڭ 30 مىليون توننىلىق چوڭ نېفىتلىك-گازلىق ۋە 30 مىليارد كۇب مېتىرلىق چوڭ گازلىقرايونىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ،ختتاينىڭ نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئىز باسما رايونغا ئايلانغانلىقىدىندېرەك بېرىدىكەن..

تۇرسۇنجان تۇراپ

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

ختتاينىڭ ھۆكۈمەت تورى مۇنداق دىگەن :

«بۇ يىلدىن بۇيان، تارىم نېفىتلىكى بوز-چوڭ شىمال، تارىم شىمالىي نېفىتلىكى فۇمەن رايونىدا ئىككى 1 مىليارد توننا دەرىجىلىك مەركەزلىكئىشلەپچىقىرىش رايونى قۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 8000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا مول نېفىت-گاز بايلىقىنى تېپىپ، 133 ئېغىز نېفىت-گازقۇدۇقى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق نېفىت-گاز ئېقىمىغا ئېرىشىپ، پۈتۈن يىللىق نېفىت-گاز مەھسۇلاتىدا يەنە يېڭى رېكورت ياراتتى. ھازىرغىچە،تارىم نېفىتلىكى ئىشلەپچىقارغان نېفىت-گاز 400 مىليون توننىدىن ئېشىپ، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش بويىچە تەمىنلىگەن گاز 260 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تارىم ئويمانلىقىنى ئايلىنىدىغان جەنۇبىدىكى تەبىئىي گاز ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشقۇرۇلۇشى تۇرۇبا تورى قۇرۇلۇپ، يىلدا جەنۇبىدىكى بەش ۋىلايەت، ئوبلاستقا 4 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلۈپ، 4 مىليون 300 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى».

ختتاي ۋەتىنىمىزدىكى بايلىقلارنى قېزىش،بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش سۈرئىتىنى داۋاملىق تىزلەتمەكتە.بۇ ئارقىلىق دۆلەت مالىيسگىلائەمەس،ۋەتىنىمىزنى باستۇرۇشقا قاتناشقان شركەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسدىگە يەتمەكچى ئىكەنلىكى ئاشكارا.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

«يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ»ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

چا دېكابىر 23 , 2020
ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلاربىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يىغىنغا دۇنيادىكى نەچچە مىڭ يەھۇدىي قاتناشتى. يىغىنغا ياۋروپا يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇيغۇر ئەركىنلىك ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى رىياسەتچىلىك قىلدى.

You May Like