جىددى: قەشقەر 8-ئوتتۇرا مەكتەپتە گۇمانلىق ئادەم دەسسەش ۋەقەسدە 14 ئادەم ئ‍غىر يارىلانغان

ختاينىڭ خەلق تورى خەۋەر قىلىشچە، «11-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 15 تىن 25 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتلاردا، قەشقەر شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ 5-نومۇرلۇق ياتاق بىناسى (ئوغۇللار ياتىقى)دىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتۇش بىناسىغا دەرس ئاڭلىغىلى كېتىۋاتقاندا، بىر ئوقۇغۇچى ياتاق بىناسىنىڭ 1-قەۋىتى ئالدىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈشى بىلەن، دەسسىلىش كېلىپ چىقىپ، ئۈچ ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ھازىر ئۇلار پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلۇۋاتىدۇ، 11 ئادەم يېنىك يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا كۆزىتىلىۋاتىدۇ.»

ختاي بۇ ۋەقە ھەققىدە تەپسلى خەۋەر بەرمىگەن. ئەمما بۇ ۋەقە پۈتۈنلەي گۇمانلىق بولۇپ، بىر ئادەمنىڭ يېقىلىشى بىلەن 14 ئادەمنىڭ دەسسلىشى ئەقىلگە سغىمايدۇ.8-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ۋە ختاي ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرى ئارىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆزەتكۇچىلەردىن مەمەتجان بۇ ۋەقەنىڭ ختاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى توپلىشپ ئۇرۇش ۋەقەسى بولۇشى ئىھتىماللىقىنى، ختاينىڭ بۇنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىلگە سىغمايدىغان ئادەم دەسسەش ۋەقەسنى ئويدۇرۇپ چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ختاي مەنبەلىرىدىن: https://baijiahao.baidu.com/s?id=1816066037749037984&wfr=spider&for=pc

新疆喀什市第八中学发生踩踏 造成3人重伤

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

مۇھاجىرەت ئۇيغۇرلىرى ئارسىدا ھەقىقى رىشتە

شە نويابىر 23 , 2024
تاھىر ئ‍ىمىن ئۇيغۇرىئان ئەگەر كىشلىك مۇناسۋەتتە رىشتە قۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنى ئ‍سلاھ قىلمىساق، كەسپى مۇناسۋەت ۋە ئاممىۋى پائالىيەتلەردىلا ئالاقە قىلىدىغان فۇنكسىيەلىك يەنى مەقسەتلىك مۇناسۋەتكىلا مەركەزلىشمىز، ئارىمىزدىكى ئ‍نسانى باغلىنىش تۈگەيدۇ. ئۆتكەن 7-8 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىدا كۆزىتىپ، كۆپ قسم ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئ‍ۆز-ئارا ساغلام ۋە كۈچلۈك رشتە قۇرۇلمىغانلىقىغا شاھىت بولدۇق. كۆپىنچە مۇناسۋەت ناھايتى ئەۋرىشىم […]
خەلق ئاۋازى

You May Like