«جۇڭگو كىنو بايرىمى» ئۆزبېكىستان تاشكەنتتە باشلاندى
بۇ خەۋەر ختتاي ئىچىدىكى مېدىيالاردىن ئەينەن ئىلىندى،ئىچىدىكى مەزمۇنلار ،ئاتالغۇلار ختتاي تاراتقۇسغا مەنسۇپ! باھا :ختتاي بۇ خىل كىنو-مەزمۇنلار ئارقىلىق ۋەتىنىمىزئۇيغۇر جۇمھۇرىيتى (شەرقى تۈركستان)نىڭ ئەزەلدىن ختتايغا تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرا-ئاسيادا تەشۋىق قىلماقچى !بىز قىرىنداشلىرىمىزنى ختتاينىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتىدىن ئەينەن خەۋەر تاپسۇن دەپ،ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى سلەرگە ئەينەن سۇندۇق.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق كىنو بايرىمىدا تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن «پۇل دېگەن بۇنداق نەرسە» ۋە «گۈلبېكە» ناملىق ئىككى فىلىم قويۇلىدىكەن. «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» ناملىق فىلىمگە ئابدۇكېرەم ئابلىز، دىلشات بارات، مەمەتجان روزى سايىت قاتارلىق ئارتىسلار باش رول ئالغان. بۇ فىلىم شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت تېما قىلىنغان كومېدىيەلىك فىلىم، فىلىمدە شىنجاڭدەك بۇنداق گۈزەل تۇپراقتىكى ساددا، ئاقكۆڭۈل ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى، دوستلۇقى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىمدىكى قىممەت قارىشى تەسۋىرلەنگەن. ھەر بىر ئادەم ئوخشىمىغان ئۇسلۇب ۋە ھەرىكىتى بىلەن «شىنجاڭ روھى»نىڭ ئەھمىيىتى ۋە چىن مەنىسىنى يورۇتۇپ بەرگەن. فىلىم كارتون ئوبرازنىڭ ياردىمىدىنمۇ پايدىلانغان بولۇپ، فىلىمنىڭ قىزىقارلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرغان. بىر قاتار كومېدىيەلىك ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش پېرسوناژ ئىپادىلىگەن ھەر خىل پىسخىكىلىق روھىي ھالەتلەر، ھەر خىل ئىش-ھەرىكەتلەر، خەلقنىڭ ئىستېتىك زوقى ۋە ئېھتىياجىغا چۈشۈپ، ھەقىقىي كومېدىيەلىك ئۈنۈم ياراتقان.
مەزكۇر فىلىمدە كومېدىيە ئېلېمېنتلىرى بولۇشتىن سىرت يەنە ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنى ناھايىتى جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن ھەمدە بەختنى ھالال ئەمگەك بىلەن بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرمۇ رېژىسسورنىڭ ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىپادىلەنگەن. بۇ قېتىملىق پائالىيەت تاشكەنتتىن باشقا يەنە سەمەرقەنت شەھىرىدىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىكەن.