ختتاي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى

ختتاي مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى

ختتاي دۆلەت مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 24-ئاپرىل جۇڭنەنخەيدە، پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى. ختتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە ،ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، بىز «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»تە چىڭ تۇرۇپ، تەمكىن، سەگەك بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇش دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن، پاكىستان جۇڭگونىڭ ھەر مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگو-پاكىستان مۇناسىۋىتى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدا مېڭىشى كېرەك. جۇڭگو داۋاملىق پاكىستاننى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرىدۇ. خەۋەر قىلىنىشچە ،ئاسىف مۇنداق دېگەن: پاكىستان جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە ئېرىشكەن تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدى. بىز پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز، پاكىستان جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىيلىك بىلەن جۇڭگونى قوللايدۇ. كۆزەتكۇچىلەرنىڭ قارىشچە،پاكستان رايوندا ختتاينىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېقتسادى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا،ختتايغا بۇنىڭ ئۇچۇن رايوندىكى ئۇيغۇر قوراللىقلىرى ۋە دىنى ئەسلىيەتچىلەرنىڭ كۇچىيپ تەھدىت پەيدا قىلىشدا پايدىلىنىدىكەن.

ۋاڭ چىشەن پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى
ۋاڭ چىشەن پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاسىف بىلەن كۆرۈشتى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ختتاي :كۈچلۈك تور دۆلىتى قۇرماقچى

چا ئاپرېل 25 , 2018
ختتاي :كۈچلۈك تور دۆلىتى قۇرماقچى

You May Like