ختاي(خوڭكوڭ)ساقچى دائىرلىرى بەش نەپەر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىنىڭ كاللسىغا مۇكاپات ئىلان قىلدى

ئەركىن، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 14-دېكابىر

14-دىكابىر كۈنى سەھەردە، ختاي (خوڭكوڭ)ساقچى دائىرلىرى ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدە پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان بەش نەپەر خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچىنىڭ ھەر بىرىنىڭ كاللىسغا 1 مىلىيون دوللار مۇكاپات بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى ئىلان قىلدى.

بۇ پائالىيەتچىلەر يىللاردىن بىرى، خوڭكوڭنىڭ دىموكراتىيە ۋە كىشلىك ھوقۇقى ئۈچۈن ھەرىكەت ئىلىپ بىرىۋاتقان بولۇپ، كۆپ قسمى شۇ دۆلەتلەرنىڭ پۇقراسى ئىكەن.

خوڭكوڭ ساقچى كۈچلىرى تور بېتىدە دىيشلىچە, بۇ بەش نەپەر شەخس چەتئەل كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشپ، ختاينى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ياكى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان.

بۇ بەش نەپەر پائالىيەتچى سوسيال مېدىيادا ئايرىم -ئايرىم بايانات ئىلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ختايغا قارشى ھەرىكىتىنى قەتئى توختاتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى جوۋ سيۇ مۇنداق يازغان:« بۈگۈن ئەتتتىگەن مەن، يەنى بىر ئامېرىكا پۇقراسى ، مەن ئۆز دۆلىتىمدە ئۆزۈمنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقۇمنى ئىجرا قىلغانلىقىم ئۈچۈن، خوڭكوڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن بېشمغا بىر مىلىيون دوللارلىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى بىلدىم.مەن يولۇمدىن قەتئى يانمايمەن.ھەرگىز سۈكۈت قىلمايمەن.»

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئىنگىلىزچە خەلقئارا قانىلى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر ئىلان قىلدى.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

سەنئەتكار ئابلىكىم ئەمەت ئاكىنىڭ شەخسى تور بېكتى ئىچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن

يە دېكابىر 17 , 2023
«تۆھپىكار ئۇيغۇرلار »تېمىسدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىلىرىم (6) تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان (ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدىن ئابلىكىم ئەمەت ئاكىنىڭ ئالدىن خەۋىرى يوق) بۈگۈن تېۋىتتردا ئۇچۇر كۆرۋىتىپ، تۇيۇقسز بىر چەتئەللىك كىشنىڭ ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابلىكىم ئەمەت ئاكىنىڭ شەخسى تور بېكىتىنڭ ئادېرسنى ئەۋەتكەنلىكىگە كۆزۈم چۈشتى. تور بېكەتنى ئېچىپ، ۋەتەن مەنزىرىلىرى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ئائىت فوتو-سۈرەتلەر، ۋىدىئولار ، […]
ئابلىكىم ئەمەت

You May Like