ختاي ئۈرۈمچىدە 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار مۇنبىرى ئۆتكۈزگەن

ختاي ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تەشۋىقات ۋە دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق كۈچلۈك ئىجرا قىلماقتا.

ئۇيغۇرستاننىڭ شەھەرلىرىدە خەلقئارالىق يېغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ختاينىڭ بۇ تەشۋىقاتىدىكى مۇھىم ھەرىكەتلىرىدىن بىرى.

ختاينىڭ ئاۋازى تەڭرىتاغ ختايچە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ختاي ئۈرۈمچىدە 6-نۆۋەتلىك دۇنيا تاراتقۇلار مۇنبىرى ئۆتكۈزگەن.

خەۋەردە مۇنداق دىيلگەن:

«10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەنلىكى، 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات مۇنبىرى شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. 106 دۆلەت ۋە رايون، 208 ئاساسىي ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىسى، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە باشقا ئورگانلار ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەلقئاراللىق تەشكىلاتلاردىن 500 دىن ئارتۇق ۋەكىل شىنجاڭغا يىغىلدى.

چۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي يىغىندا، سۆزلىگۈچى مېھمانلار «سۈنئىي ئەقىل ۋە ئاممىۋى ئاخباراتتىكى ئۆزگىرىش» تېمىسىغا مەركەزلەشتى ۋە ئاممىۋى ئاخباراتنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش يولىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى.

تەڭرىتاغ تورى شىنجاڭلىق بەزى مېھمانلارنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى.»

ختاي بۇ قېتىملىق يېغىنىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويغان:

«بىرىنچى، مۇھىم ساھەلەر ۋە ھالقىلىق ھالقىلاردا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتلىك بىرلىك چوڭ بازارغا ئاكتىپ قېتىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنىي ۋە خەلقئاراللاشقان ئالىي دەرىجىلىك سودى-سېتىق مۇھىتىنى يارىتىشقا تىرىشىمىز.

ئىككىنچى، «توققۇز چوڭ سانائەت توپى» قۇرۇلۇشىنى ئەتراپىدا، مۇھىم سانائەت زەنجىرلىرىنى ئۇزارتىش، تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىي سانائەت سىستېمىسىنى تېز قۇرۇپ، شىنجاڭغا خاس يېڭى خىللىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يېتىلدۈرىمىز.

ئۈچىنچى، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، «مىڭ يۈز مىلليارد يۈەنلىك چوڭ قۇرۇلۇش لايىھەلىرى»نى يولغا قويۇپ، ئاساسىي قۇرۇلما «ئون تورى»نى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

تۆتىنچى، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ يادرو رايونىنى قۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودى-سېتىق سىناق رايونىنى يۇقۇرى ئۆلچەم بويىچە قۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇشقا قاتناشقان دۆلەتلەر بىلەن ھەر ساھەدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز.

بەشىنچى، گۆزەل شىنجاڭنىڭ يېشىل ئاساسىنى توختىماي مۇستەھكەملەپ، كۆك تاغ-سۈيى ئالتۇن-كۈمۈچ تاغقا ئايلاندۇرۇش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋە ياخشى بەھرىمەن بولۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

ئالتىنچى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىيىن نۇقتا، توسالغۇ ۋە ئاغرىق نۇقتىلىرىنى چىن كۆڭلىمىز، سەمىمىي مۇھەببىتىمىز ۋە كۈچ-قۇۋىتىمىز بىلەن ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشى ۋە ئورتاق باياشاتلىققا ئېرىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

You May Like