ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-ئېيۇن
ختاي رەئىسى شى جىنپىڭ سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (SCO) غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇ كۆرۈشۈش SCO تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن.
شى جىنپىڭ نۇتقىدا SCO نىڭ 24 يىللىق تارىخىنى تەكىتلەپ، «شاڭخەي روھى»نىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى «سىياسىي ئىشەنچ»نى تەرىپلىدى. ئۇ يەنە بۇ يىل تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان SCO باشلىقلار يىغىنىنى تىلغا ئالغام.
**تەنقىدىي نۇقتىلار:**
شى جىنپىڭ «رايون خەۋپسىزلىكى» ھەققىدە توختالغان ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى كەڭ كۆلەملىك نازارەت سىستېمىسى، لاگېرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتى داۋام قىلىۋاتىدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى-ختاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ئۈچۈن قۇرغان رايون خاراكتىرلىك بېخەتەرلىك ۋە ئېقتسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولۇپ، نۆۋەتتە مەزكۇر تەشكىلات يەنە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسرىنى چەكلەش ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلماقتا.
شى جىن پىڭ چاقىرىۋاتقان «ئۆزئارا ئىشىنىش» چاقىرىقى بىلەن ئۆز پۇقرالىرىغا بولغان باستۇرۇش سياسىتى دىققەت تارتىدۇ.
بۇ كۆرۈشۈش يەنە بىر قېتىم شۇنى كۆرسەتتىكى، خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە چىرايلىق سۆزلەر ئارقىسىدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى يوشۇرۇلماقتا.