ختاي ئېنېرگىيە شىركىتى ئاتالمىش «شنجاڭ»كۆمۈرلىرىنى سىرتقا سېتىشتا تارىخى رىكورت ياراتقان

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 12-ئاپرىل

ختاي دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ختاي دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاتالمىش «شىنجاڭ »ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 2- ئايدا ئاتالمىش «شىنجاڭ» سىرتىغا 2 مىليون 850 مىڭ توننا كۆمۈر سېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 210 مىڭ توننا ئاشۇرۇپ سېتىپ، ئېشىش نىسبىتى %73.8 كە يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ياراتقان.

ھازىرغىچە، مەزكۇر ختاي دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى «شىنجاڭ ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى»نىڭ كۆمۈرنى شىنجاڭدىن چىقىرىش رايونى چىڭخەي، نىڭشيا، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، يۈننەن، گۇيجوۋ، ئىچكى موڭغۇل، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن، شىزاڭ قاتارلىق 14 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى قاپلىغان.

ختاي ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئانا يۇرتى ئۇيغۇرستان تۇپراقلىرىنى مۇستەملىكە قىلغاندىن بۇيان بۇ يەرنىڭ زېمىن-بايلىقلىرىنى ختاي ئۆلكىلىرىنى تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبە سۈپىتىدە ئ‍شلىتىشنى ، يەرلىك ئىگە خەلقنى ئېكسپالاتاتسيە، تالان-تاراج قىلىشنى داۋام قىلماقتا.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئ‍ۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگەككە نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكەتلىرى

جۈ ئاپرېل 12 , 2024
تاھىر ئىمىن ئ‍ۇيغۇرىئان ئېىنىقىلىما: ئۇيغۇر مەجبۇرى (قۇل) ئەمگىكى نۆۋەتتە ختاي ھۆكۈمىتى ھامان بىر كۈنى تەلتۆكۈس يوقتىشنى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بار-يوقىنى مۇسادىرە قىلغاندىن كىين جسمىدىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىش ئۈچۈن يولغا قويغان سياسىتى بولۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادا ئەڭ كۆپ تىلغا ئىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت سياسى تېمىدۇر. ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگەككە قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ رولى: مەجبۇرى […]
ختاي-مەجبۇرى ئەمگەك

You May Like