«خوڭكوڭ كىشلىك ھۇقۇق ۋە دىموكراتىيە قانۇن » نىڭ خىتايغا بولغان زەربىسى ۋە خوڭكۇڭلۇقلارغا بولغان ياردىمى

19 -نويابىر چۈشتىن كېيىن «خوڭكوڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاندى. ئىككى پارتىيەدىكى مەجلىس ئەزالىرى ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمدى تىرامپ ئىمزالىسا ئىجرا قىلىنىش باشلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغۇچى : سايئوغلى

 

2019-11-21

 

19 -نويابىر چۈشتىن كېيىن «خوڭكوڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى» ماقۇللاندى. ئىككى پارتىيەدىكى مەجلىس ئەزالىرى ماقۇللىنىشتىن ئىلگىرى ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمدى تىرامپ ئىمزالىسا ئىجرا قىلىنىش باشلىنىدۇ. بۇ قانۇننىڭ تەستىقلىنىشى ئامېرىكانىڭ كىشلىك ھۇقۇق ۋە دىموكىراتىيەنى قوغداشتا ھەقىقەتەن قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمدى ھۈكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش قانداق بولىدۇ بۇ مۇھىم ئامىل ھىساپلىنىدۇ. 1994-يىلى پىرزدىنىت كىلىنتون خىتايغا قارىتا كىشلىك ھۇقۇقنى تەكشۈرۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولۇپ ھازىرغا قەدەر تەنقىتكە ئۇچراپ كەلگەن. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىشمۇ مۇھىم. بۇ قانۇن گەرچە سەل كېچىكىپ ماقۇللانغان بولىسمۇ يەنىلا خوڭكوڭلۇقلار ئۈچۈن پايدىلىق ھىساپلىندۇ. كېچىكتى دىيىشتىكى مەقسەت خوڭكوڭدا تۇتۇلغان نامايشچىلار خېلى كۆپ بولۇپ پويىز دا ئادەم يۆتكەۋاتقان ھەققىدە خەۋەر تارقىغان. دېمەك خوڭكوڭدا تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى يېتىشمەي شېنجىن قاتارلىق شەھەرلەرگە يۆتكەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇنى ماقۇللانماي تۇرۇپ خىتاينىڭ بۇ ئىشنى قىلىشى قانۇنغا ھېچ بويسۇنمايدىغانلقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق جېڭ ۋېنجې BBCنىڭ مۇخبىرىغا دىيىشچە ئۇ خوڭكوڭغا كىرىش ئېغىزىدىن خىتايغا قايتۇرلۇپ تۇتۇلغان ۋە ئون نەچچە خوڭكۇڭلۇق بىلەن قامالغان. دېمەك خىتاي ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا خوڭكۇڭلۇقلارنى تۇتقان. خوڭكوڭ ساقچى تەرەپتىن خىتايغا ئۇلارنىڭ ماتىريالنى بەرگەن بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى.
بۇ قانۇننىڭ ماقۇللۇنىشى خىتايغا ئەمدى خوڭكوڭدا قاتتىق قول ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش رولى بولۇپ، خوڭكۇڭلۇقلارنى قالايمىقان تۇتۇش، خىتاي تەرەپكە ئۆتكەنلەرنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق ئىشلاردىن ساقلاپ قالىدۇ.
24-چىسلا ئۆتكۈزۈلدىغان ئالاھىدە رايۇن سايلىمى ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلمىسە ياكى سايلامدا ساختىلىق ئىشلىتىلىپ سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىنسا بۇ قانۇن رولىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
يەنە بىرى خىتاي خەلىق قۇرۇلتىيى ۋە خوڭكوڭ-ئاۋمىن ئىشخانىسى قالايمىقان باياناتتىن توختىشى مۇمكىن.
بۇ قانۇننىڭ ئىجابى تەرەپلىرى سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك كۆپ بولۇپ، سەلبى تەرىپى خوڭكوڭ ئىقتىسادىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىشى مۆلچەرلەنمەكتە كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلار خوڭكوڭنىڭ ئامېرىكا -خىتاي ئوتتورسىدىكى سودا ئۇرىشىنىڭ پىشكىسى بولۇپ قېلىپ زىيان تارتىشتىن قورقۇپ مەبلىغنى يۆتكەپ كېتىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن. ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرزىنتى ئەگەر خىتاي تەرەپ خوڭكوڭدا قاتتىق ھەرىكەت قوللانسا سودا كېلىشىمى ئىمزالانمايدۇ دىگەن سۆزى بىر سىگنال دەپ قارالغان.

 

مەنبەسى : ۋىنجاۋنىڭ مۇلاھىزىسى

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

بىرۇسېلدا شەرقي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتيىسى ۋە شەرقي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىشخانىسى ئىچىلدى.

جۈ نويابىر 22 , 2019
2019-يىلى 12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى، بېلگىيە پايتەختى- ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى بولغان برۇسسېلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم يىغىنى بولدى.

You May Like