ختتاي ۋە تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىلى:شى جىن پىڭ بىلەن ئەردوغان تەبرىك يوللاشتى:

6-ئاۋغۇست، 2021-يىلى

 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ختتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

 

 

ختتاي ۋە تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىلى:شى جىن پىڭ بىلەن ئەردوغان تەبرىك يوللاشتى:

ئافراسياپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

6-ئاۋغۇست، 2021-يىلى

 

 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ختتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

ختتاينىڭ خەلق توريدا خەۋەر قىلىشچە، شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دىگەن: «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ختتايتۈركىيە مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدى. 2010-يىلى ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن كېيىن، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. بۇلتۇردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۆزئارا قوللاپ، ۋاكسىنا ھەمكارلىقىدا مول نەتىجەئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. مەن ختتايتۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پىرەزدىنت ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، بىربىرىمىزنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ختتايتۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن

 

 ئەردوغان تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: تۈركىيەختتاي ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ياخشى ئاساسقا ئىگە. ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە، تۈركىيە بىلەن ختتاينىڭ سودا، سېلىنما، قاتناش، ساياھەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون ۋە پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا ئاكتىپ تەسىر شەكىللەندۈردى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى. تۈركىيە تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، تۈركىيەختتاي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملار قوللانمىسى (1)پېرىنسپ- مەزمۇنلار

جۈ ئاۋغۇست 6 , 2021
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈچ پرىنسىپى بار بولۇپ، «ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بولۇش، توغرا بولۇش، ھەققانى بولۇشتىن ئىبارەت. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاساسلىق شوئارى: «مەڭگۈ ئۇيغۇر ئۈچۈن سۆزلەيمىز!!»

You May Like