ئامېرىكىلىقلار پۇل ئۈچۈن ختتايلارغا كۆپلەپ يەر ساتقان: ختتاينىڭ فۇفىڭ گۇرۇھى ئامېرىكا ھاۋا ئارميە بازسىغا يېقىن يەردىن زىمىن ستۋالغان

ئامېرىكىلىقلار پۇل ئۈچۈن ختتايلارغا كۆپلەپ يەر ساتقان: ختتاينىڭ فۇفىڭ گۇرۇھى ئامېرىكا ھاۋا ئارميە بازسىغا يېقىن يەردىن زىمىن ستۋالغان

 ئامېرىكىلىقلار پۇل ئۈچۈن خىتايلارغا كۆپلەپ يەر ساتقان: خىتاينىڭ فۇفىڭ گۇرۇھى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىن يەردىن زېمىن سېتىۋالغان

تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 2-فېۋرال

ياخو خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا شىمالى داكوتا شتاتىدا ، خىتاينىڭ فۇفىڭ گۇرۇھى 700 مىليون دوللار خەجلەپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىن يەردىن گۈرۈچ زاۋۇتى قۇرۇشقا يەر سېتىۋالغان. مەزكۇر سودا دەسلەپتە پۇل ئۈچۈن ھەممە شتاتتا يۈز بېرىۋاتقان خىتايغا يەر سېتىش ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەنە بىر جىددىي ۋەقە بولۇپ، قىززىق يېرى بۇ جاي ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يېقىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھازىر 20 دىن ئارتۇق شتاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدىن كۆپلەپ زېمىن سېتىۋېلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۆتكەن 20 نەچچە يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە شىركەتلىرى ئامېرىكىدىن غايەت زور مىقداردا يەر سېتىۋالغان بولۇپ، تېكساس، كالىفورنىيە، فىلورىدا شتاتلىرىدا دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، زاۋۇتلارنى قۇرغان، كىيىن بىر قىسمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن چېتىشلىقى بايقالغان.

ئامېرىكىلىقلار تېخىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاكتىكىلىرىنى بىلمەي، ھەرخىل نام، ئاتاق ئاستىدا ئىلىپ بېرىۋاتقان سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىگە يول ئاچماقتا ئىكەن.خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سودا، مەبلەغ سېلىش، يەر سېتىۋېلىش، تەتقىقات ئورۇنلىرىغا جاسۇس ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىگە ئامېرىكا تېخى بايقاپ يېتىشىپ بولالمايۋاتىدۇ.

 

UT-Uyghur Reporter 5

Next Post

ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنغان « تۈرك دۇنياسى شېئىرلىرى توپلىمى» غا ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى

پە فېۋرال 2 , 2023
ئەزەربەيجاندا نەشر قىلىنغان « تۈرك دۇنياسى شېئىرلىرى توپلىمى» غا ئۇيغۇر شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلدى

You May Like