خىتاينىڭ يەنە بىر تارىخى سەپسەتىسى: ئۇيغۇر تارىخىنى توغرا تونۇش كېرەك

ئىلاۋە: ساختلىق ، يالغانچىلىق ۋە نۇمۇسسىزلىق تارىختىن بېرى خىتاي دۆلەت سىياستىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنى باشقىلار قانداق شەكىلدە ئىلمي ئاتاشقا تىرشسۇن ، لىكىن ئەڭ بىۋاستە، قىسقا ۋە چۈشىنشلىك ئاتاش ئۇسۇلى يۇقارقىدەك ئاتاشتۇر. خىتاي تارىخىدىكى ئەمىنيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن ھىيلە ـ نەيرەڭۋازلىق ، ئالدامچىلىق ، ۋاستە تاللىماسلىق، قارانىيەت ۋە قېلىنلىق ئاللىقاچان خىتاي ھاكىمىيەت سىستىمسىنىڭ دەستۇرىغا ئايلىنىپ كەتتى ۋە خىتاي بۇلارنى پەم ـ پاراسەت ۋە قالتىس تاكتىكا دەپ ماختىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ قايسى سۇلالسى ياكى ھۆكۈمىتى ھاكىميەتنى قولغا ئىلشىدىن قەتئىينەزەر ، ئوزۇقلانغ

تەييارلىغۇچى: كۆلتېگىن

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

ئىلاۋە: ساختلىق ، يالغانچىلىق ۋە نۇمۇسسىزلىق تارىختىن بېرى خىتاي دۆلەت سىياستىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى بولۇپ كەلمەكتە. بۇنى باشقىلار قانداق شەكىلدە ئىلمي ئاتاشقا تىرشسۇن ، لىكىن ئەڭ بىۋاستە، قىسقا ۋە چۈشىنشلىك ئاتاش ئۇسۇلى يۇقارقىدەك ئاتاشتۇر. خىتاي تارىخىدىكى ئەمىنيە ۋە يېغىلىق دەۋرىدە شەكىللەنگەن ھىيلە ـ نەيرەڭۋازلىق ، ئالدامچىلىق ، ۋاستە تاللىماسلىق، قارانىيەت ۋە قېلىنلىق ئاللىقاچان خىتاي ھاكىمىيەت سىستىمسىنىڭ دەستۇرىغا ئايلىنىپ كەتتى ۋە خىتاي بۇلارنى پەم ـ پاراسەت ۋە قالتىس تاكتىكا دەپ ماختىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ قايسى سۇلالسى ياكى ھۆكۈمىتى ھاكىميەتنى قولغا ئىلشىدىن قەتئىينەزەر ، ئوزۇقلانغان مەنبەسى يۇقارقى دەستۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ماھىيتىدە ھىچقانداق ئۆزگىرش بولۇپ باقمىدى. پەسكەشلىك ۋە ساختىپەزلىك يەنە داۋام قىلىپ كېلىۋەردى.

خىتاي ھۆكۈمرانلىرى گەرچە ئوچۇق سۆزلىيەلمسىمۇ ، خىتاي دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئەسلىدە ئېتنىك بىرلىكنى ئاساس قىلماستىن، مەدەنىيەتنى ئاساس قىلغان ساختا مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇ ۋە بۇ ساختا مىللەت (يەنى مەدەنىيەتنىڭ) چەمبىرىكى قانچە چوڭ بولسا ، ئۆزلىرىنىڭ ھاكمىيەت تېرىتورىيەسىنىڭمۇ شۇنچە چوڭ بولدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھاكىميىتى ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە تەسىر دائىرسىنى ئاشۇرۇش ئۇچۈن خىتاي مەدەنيتىنى داۋاملىق كىڭەيتشنى ئۆزىگە نىشان قىلدۇ. بۇ مەدەنىيەت كىڭەيمىچىلىك ئىستراتگيسى بولسا تارىختىن بېرى نۇمۇسسزلىق ، قارانىيەتلىك ۋە ساختىلقنى ئۆزىگە دەستۇر ۋە قورال قىلغان ئاساستا، مەدەنىيەت ئاسلىملاتسىيسى ئېلىپ بېرىش ئارقلىق ئەمەلگە ئاشماقتا ياكى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تېرشىلماقتا.

خىتاي تارىخدىكى قارانىيەتلىك ۋە نۇمۇسسزلىقنىڭ ئەڭ چوقسىغا چىققان خىتاي كومىنسىت ھاكىميتى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن قىسقىغىنا 70 يىلدا مانجۇ ، جۇاڭزۇ، مىياۋزۇ دەيزۇ ۋە مۇڭغۇل (قىسمەن ) قاتارلىق چوڭ مىللەتلەر ۋە جەنۇپتىكى نۇرغۇنلىغان ئازسانلىق مىللەتلەرنى خىتاي مەدەنيتىگە ئاسملاتسىيە قىلىپ بولدى. ھازىر بولسا تەخىرسىز بىر شەكلىدە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىگە چاڭ سالماقتا. ئەلۋەتتە ، بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي يەنە شۇ ئاتا مىراس كونا دەستۇرى بولغان يالغانچىلىق ، ساختىپەزلىك ۋە نۇمۇسسىزلىق قاتارلىق ۋاستىللىرىنى ئىشقا سالماقتا. شەرقىي تۈركستاننى ھىچقانداق دەلىل ئىسپاتسىز ئەزەلدىن خىتاينىڭ زىمىنى دەپ كۆكەمىلەرچە جار سالماقتا ۋە بۇيەرنىڭ ئىگىلىرى بولغان تۈركلەرگە (ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز، ئۆزبىك ۋە تاتار) ئىنسان قېلپدىن چىققان زۇلۇملارنى سالماقتا. خىتاي كومىنست ھاكىميتى بۇ يەردىكى تۈرك كىملىكىنى يوق قىلشقا ھەممە تەرەپتىن تەڭ ھوجۇم قىلغان بولۇپ، ئىقتسادى جەھەتتىن نامراتلاشتۇرۇش، جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن خورلاش ، سىياسي جەھەتتىن ئېتنىك تازلاش ئېلىپ بېرىش ، مەدەنىيەت جەھەتتىن بولسا ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە.

يېقىننڭياقى خىتاي ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس ئاسلىملاتسىيە قىلش ئۈچۈن تارىخىمىزنى بۇراشقا باشلىدى. ئەسلىدە تارىخىمىزنى بۇرمىلاش بەك بۇرۇنلا باشلانغان بولسىمۇ يالغانچىلىق ۋە نۇمۇسسىزلىقتا بۇ دەرىجىگە يەتمىگەن ئىدى. ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ قېرنداشلىرىدىن ئايرىش ۋە يىتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك كىملىكىگە قاتتىق ھوجۇم قىلماقتا. چۈنكى بىر توپلۇمنىڭ ھامان بىر تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدىغانلىقى ۋە بۇ خىل تەۋەلىك تۇيغۇسى بىلەن ھەركەت قىلدىغانلىقىنى خىتاي ئوبدان بىلىدۇ. تۆۋەندە ئەنە شۇ قارانىيەت ۋە شۇم پىلاننىڭ بىر پارچسى بولغان، خىتاي كومىنست پارتيسىنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ۋە يول كۆرستىشى بىلەن يېزىلغان « ئۇيغۇر مىللىتنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇش كېرەك » دېگەن ماقالە بېرىلدى. بۇ ماقالە «دۆڭكۆۋرۈك خاتىرلىرى» دېگەن ئۇندىدار سالونىدىن ئېلان قىلنغان بولۇپ ، مەقسىدى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك كىملىكىنى قەستەن بۇرمىلاش ئارقلىق ، بىزنى يېتم، تايانچسىز ۋە ياردەمچىسىز قويۇش ۋە ئەڭ ئاخىرى ئاتالمىش «جۇڭخۇا چوڭ ئائىلسى » شۇئارى ئاستىدا خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت

 

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىنى توغرا تونۇش كېرەك

ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتىكوم دائىمي كومىتىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز

 

ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۆرەش قىلشىمىز كېرەك.

 

مەنبە:

https://mp.weixin.qq.com/s/6kVevrzO5OTkqSKQndnL0g

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

مەمەت توختى :تۈركىيەدىن كاناداغا كىلىدىغانلارغا ئۇقتۇرۇش

يە نويابىر 11 , 2018
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان كاناداغا ئولتىراقلىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنى تىزىملاش 11-ئاينىڭ 12 - كۈنى دۈشەنبە باشلىنىدۇ . يىراق يېقىندىكى ھەممەيلەننى كۆزدە تۇتۇپ ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملاش ۋە نەق مەيداندا تىزىملاش ئىككى خىل بولىدۇ . نەق مەيداندا تىزىملاش ۋاقتى : 11-ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ ھەپتە ۋاقىت .( تىزىملاشقا ئىككى ھەپتە كېتىدۇ ، ئوتتۇرىدىكى بىر ھەپتە مۇخپىرلار بىلەن كۆرۈشۈش، ئەنقەرەدىكى كانادا ئەلچىخانا خادىملىرى ، ب د ت ۋەكىللى

You May Like