خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان لاگېرلىرى كۈنسېرى زورايماقتا!

بېيجىڭنىڭ تۇتۇش تورىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان لاگېرلىرى كۈنسېرى زورايماقتا

بېيجىڭنىڭ تۇتۇش تورىنى كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قامىغان لاگېرلىرى كۈنسېرى زورايماقتا

China’s Uighur Camps Swell as Beijing Widens the Dragnet

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى:2018-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى

ئ‍ەسلى خەۋەر مەنبەسى: ۋول كوچىسى گېزىتى

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: تارىم ئۆتۈكەن

تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

رەسىم مەنبەسى: ۋول كوچىسى گېزىتى

  سۈنئى ھەمرادا تارتىلغان رەسىملەردە كۆرسىتىلىشىچە شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) دىكى «قايتا-تەربىيەلەش» جازا لاگېرلىرى داۋاملىق كېڭەيمەكتە.   خەۋەر تەييارلىغۇچىلار: ئىۋا دوۋ (بېيجىڭ)، جەرەمىيي پېيج (قازاقىستان، ئالمائاتا)، جوش چىن (تۇرپان) 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 41 مىنۇت.   خىتاي دۆلىتى جازا لاگېرلىرىنى شىددەت بىلەن كېڭەيتمەكتە. بۇ خىلدىكى جازا لاگېرلىرى ئەسلىدە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى «ئاشقۇنلار»نى نىشان قىلغان. ئەمما، ھازىر بۇ جازا لاگېرلىرىغا تۇتۇش نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ناھايتى زور ساندىكى دىندىن-خالىيلار، ياشانغانلار ۋە ئاجىزلارغىمۇ قارىتىلماقتا.   ئامېركا قوشما شىتاتلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)ندىكى 1 مىليۇن كىشىلەر ياكى پۈتۈن شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت) مۇسۇلمان نۇپۇسىنىڭ 7 پىرسەنتى  ھەدەپ كېڭىيىۋاتقان ۋە تورلاشقان «سىياسى قايتا-تەربىيەلەش» مەركەزلىرىگە قامالغان.   جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ زورىيىشى بىلەن بىرگە چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغقانلىرى تۇتۇپ تۇرۇلۇش جەريانىدا ياكى قويۇپ بېرىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن. ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى ياشانغانلار ئىكەن.   ۋول كوچىسى گېزىتى ۋە بىر رەسىم ئانالىزقىلغۇچى مۇتەخەسسىسنىڭ دەلىللىگەن سۈنئ‍ى ھەمرا سۈرەتلىرىدىن ئېنىق بۇلىشىچە جازا لاگېرلىرى ھازىرمۇ كېڭىيىۋاتقان. بەزى جازا لاگېرلىرىدا ئۆتكەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە قەشقەر شەھىرىنىڭ غەرىبىدىكى بىر جازا لاگېرىنىڭ كۆلىمى ئۆتكەن يىلى نويابىردا مۇخبېرلار زىيارەت قىلپ كەلگەن چاغدىكى كۆلىمىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە زورايغان.   ئىلگىرى كۆپلىگەن ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتنى ئاشكارلاشتىن ئەنسىرىگەنلىگى سەۋەبلىك جازا لاگېرلىرىنىڭ ھەقىقى ئەپتى-بەشرى ئۇزۇندىن بېرى دۇنياغا ئاشكارلانمىغان. ھازىر كۈنسېرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتماقتا.بۇنىڭ ئىچىدە ۋول كوچىسى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان 6 كىشى ئۆزلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدا قىيناش ئورۇندۇقلىرىغا باغلاپ قويۇلغانلىقى ۋە تاماق بېرىلمەي ئاچ قويۇلغانلىقى جەريانىنى ئېيتىپ بەردى.   يۇقۇردىكى زىيارەت قىلىنغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ فامىلىسىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان 22 ياشلىق ئابلىكىم ئىسىملىك بىر سابىق مەھبۇس جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: جازا لاگېرىدا بىزگە دىن توغۇرلۇق مۇنداق گەپلەرنى قىلىدۇ. سەن نېمىشقا دىنغا ئىشىنىسەن دەيدۇ. ئاللاھ مەۋجۇت ئەمەس دەيدۇ.   گېزىتىمىز جازا لاگېرىغا تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن تەركىب تاپقان 36 كىشىنى زىيارەت قىلدى.بۇنىڭ ئىچىدە 5 كىشىنىڭ ئائ‍لە ئەزالىرى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقاندا ياكى قويۇپ بېرىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرنىڭ ئىزدېرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.   خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىرلىك سەپ خىزمەت مىنىستىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى خۇلىيەنخېي بۇ ھەپتىدە تۇنجى قېتىم بۇ خىلدىكى جازا لاگېرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.ئەمما، بۇ خىتاي ئەمەلدارى بۇلار ئەسلى «كەسپى تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ تۇرىۋالدى.   خىتاي دۆلىتى تۈركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «بۆلگۈنچىلىك»نى يوقۇتۇشتا كۆپ مەسىلىگە دۇچ كەلدى. ئ‍ۇيغۇرلار 1930-يىللىرى ۋە 1940-يىللىرى بىر مەزگىل مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان. شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت) نىڭ 11 مىليۇنغا يېقىن ئۇيغۇر نوپۇسى ئىچىدىكى بىر قىسمى ھازىرغىچە بۇ نېفىتقا باي زىمىندا شەرقى تۇركىستان دەپ ئاتىلىدىغان مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىماقتا.   بېيجىڭ ئ‍ۇيغۇر «بۆلگۈنچىلەر»نى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان نۇرغۇن قېتىملىق ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان دەپ ئەيىپلەيدۇ، ھەمدە ئۇيغۇرلارنى جىھاتچى تەشكىلاتلار بىلەن زىچ مۇناسىۋېتى بار دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى خىتايغا قارىتىلغان بەزى ھۇجۇملار  قۇيۇق جىھاتچىلىق تۈسىنى ئالغان. تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش مۇتەخەسىسلىرىنىڭ دىيىشىچە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى»گە قاتناشقان.   شۇنداقتىمۇ، كۆپلىگەن نوپۇزلۇق  ئۇيغۇر رايونى مۇتەخخەسسىسلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە رايۇندىكى مۇقۇمسىزلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق ئىدارە قىلىشى، دىننى پائالىيەتلەرگە قويۇلغان ئېغىر چەكلىمىلەر ۋە رايۇندىكى ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىش سىياسەتلىرى.   خىتاي دۆلىتى ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان چەكلىمىلەرنى تېىخمۇ ئېغىرلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇشىنى چەكلەش، ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىشىنى چەكلەش ۋە نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىدا دۇنيا بۇيىچە ئەڭ دەھشەتلىك بولغان ئېلىكترونلۇق نازارەت پروگىراممىسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلار بار.   جازا لاگېرلىرىنىڭ زور كۆلەمدە كېڭىيىشدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى بېيجىڭ ھازىر ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇشۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمانلىق سالاھىيتىنى يىلتىزدىن يوق قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشچە بۇ پروگرامما 1950-يىلدىن بېرى خىتايدا يولغا قويۇلغان ئەڭ زور كۆلەملىك قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشى ئىكەن.   گېرمانىيەدىكى «ياۋرۇپا مەدەنىيەت ۋە ئىلاھىيەت مەكتىپى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئ‍ەدرىئەن زەنز مۇنداق دىگەن: «قايتا-تەربىيەلەش» بىر يېڭى پەللە. قاتتق قوللۇق ئىدارە قىلىشقا ناھايتى كۆپ مەبلەغ كېتىدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ قارىشىچە يىراقنى كۆزلىگەن چارە بولسا قاتتىق قوللۇق ئىدارە قىلىش ئەمەس بەلكى «كىشىلەرنى ئۆزگەرتىش»نى يولغا قويۇش.     رەسىم: خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىگە يېقىن بىر جايدىكى تۇرپاننىڭ يېڭى رايونىغا جايلاشقان جازا لاگېرىنىڭ يېنىدىكى ساقچىخانا. بۇ يەردە يەنە بىر قانچە قاراۋۇللۇق مۇنارى ۋە تۇتقۇنلارنى يوقلاپ كەلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى تىزىملىتىدىغان بىر ئۆي بار. ۋول كوچىسى گېزىتى. جوش چىن فوتوسى.   قەدىمى يىپەك يولىغا جايلاشقان بوستانلىق شەھىرى تۇرپاندىكى بىر جازا لاگېرىنىڭ تېمىغا خىتايچە مۇنداق خەتلەر يېزىلغان: پارتىيەگە تەشەككۈر ئېيتىش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش. بىر مۇخبىر بۇ لاگېرغا قاراپ يېقىنلاش ئۈچۈن ماڭغاندا ئۈستىدىكى قاراۋۇللار ۋارقىراپ ھەيدىۋەتكەن.   ئامېركىدىكى .Planet Lab Inc ناملىق بىر شىركەتنىڭ تورىدىن ئېرىشكەن سۈنئى ھەمرا سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە بۇ جازا لاگېرىنىڭ تۆت ئەتىراپىنى قاراۋۇللۇق مۇنارلىرى ۋە تەخمىنەن 4.5 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئۈستى تىكەنلىك پولات سىم بىلەن توسۇلغان تام قورشاپ تۇرىدىكەن. بۇ ئەسلىھە ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىن باشلاپ كېڭەيتىلىشكە باشلىغان، ھەمدە ئەڭ يېڭى قۇرۇلۇشنىڭ تېىخ مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە سېلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.   تۇرپانلىق ئابلىكىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئەسلى قازاقىستاندا خەلىقئارا مۇناسىۋەت كەسپىدە ئ‍وقۇيدىكەن. بۇ يىل 2-ئايدا ساقچىلار ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)غا قايتىپ كېلىشىنى، بولمىسا ئائىلىسىدىكىلىرگە ئاۋارەچىلىق كېلىدىغانلىقىنى ئ‍يېتقان.   قازاقىستاندىن قايتىپ كېلىشىگە ئۇ ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قېىلىنىپ تۇرپان شەھەر سىرتىدىكى تاملىرىنى بىسلىق پولات سىم ۋە قاراۋۇل قاپلىغان بىر ئورۇنغا يالاپ كېلىنگەن.   ئابلىكىمنىڭ ئېيتىىشىچە ئۇيەردە ساقچىلار ئۇنى ئۇدا بىر قانچە كۈن سوراق قىلغان. ئۇلار ئابلىكىمنى بىر ئورۇندۇققا ئ‍ولتۇرغۇزۇپ ئۇشۇقىنى ئۇنىڭغا باغلاپ قوللىرىنى ئارقىچە قىلىپ كويزا سېلىپ قويۇپ( يەنى خىتاي ساقچىلىرى سوراقتا ئ‍شلىتىدىغان «يولۋاس ئورۇندۇق»قا ئولتۇرغۇزغان-ت) بەزىدە بىر كۈندە ھەتتا 9 سائەت توختىماي سوراق قىلغان. سوراقچىلار ئۇنىڭ چەتئەلدە دىننى تەشكىلاتلار قاتناشقان ئىشىنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەكچى بولغان. ئۇ مەن قاتناشمىدىم دىگەن.   ئاخردا ئۇنى باشقا مەھبۇسلار بىلەن بىللە سولاپ قۇيغان.ئابلىكىمنىڭ دېيىشىچە سولاقتىكى مەھبۇسلار ھەركۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە ئويغۇتۇلدىكەن. 45 مىنۇتلۇق يۈگۈرەشتىن كېيىن كومپارتىيە ياخشى دەپ شۇئار توۋلايدىكەن. يەيدىغىنى شوۋگۈرۈچ بىلەن ھورنان ئىكەن.     رەسىم: 2017-يىلى روزا ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇن قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى  يېنىدىكى كەچلىك بازاردا خىتاي ساقچىلىرى كوچا چارلىماقتا. فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى. يوخاننىس ئىيسەلە فوتوسى.   ئۇنىڭدىن كېيىن مەھبۇسلار سىياسى ئۆگۈنۈش قىلىدىكەن. كوممۇنىزىمغا ئائىت ماتېرياللارنى ئۆگۈنۈش، شىجىنپىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئ‍ۈن-سىن كۆرۈش، پارتىيەنى مەدھىيلەيدىغان «كۇمۇنىستىك پارتىيە بولمىسا يېڭى جوڭگو بولمايتى.»  دىگەندەك قىزىل ناخشىلارنى ئېيتىش قاتارلىقلارنى ئۇدا 4 سائەت داۋام قىلىدىكەن.   زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان ئابلىكىم ۋە باشقا سابىق مەھبۇسلارنىڭ دېيىشىچە ئۇلارنىڭ ناماز ئوقۇشى،  يېنىدا قۇرئان ساقلىشى ۋە رامىزاندا روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن. ھەتتا بەزىلىرى ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەن چوشقا گۆشىنى يىيىشكە مەجبۇرلانغان.   ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر سابىق مەھبۇس مۇنداق دېگەن: ئۇلار ( خىتاي ساقچىلار) بىزگە ئاللاھقا رەھمەت ئېيتماي، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكىرتارى شىجىنپىڭغا رەھمەت ئېيتىڭلار دېدى.   ئۆتكەن ئايدا ئامېركا دۆلەت ئىشلىرى مېنىستىرى يۈزمىڭلىغان بەلكىم مىليۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ناھايتى ئەنسىرگەنلىكى تۇغرىسىدا تارىختىن بۇيان شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) مەسىلىسىگە قارىتىلغان ئەڭ كۈچلۈك بايانات بەردى. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە جازا لاگېرىدا يەنە ئۆلگەنلەرنىڭمۇ بارلىقىدىن خەۋەردار بولغان.   خىتاي دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەرىپىدىن فاكىستا ئەۋەتىلگەن بىر يازما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)دىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىناق-ئ‍ىتىپاق ياشاۋاتىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە مۇنداق دېگەن: پىتنە تارقاتقان ۋە تۆھمەت قىلغاننىڭ پايدىسى يوق. خىتاي دۆلىتىنىڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرى ۋە شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) رايونلۇق ھۆكۈمىتى ياكى ساقچى ئورگانلىرى بىزنىڭ پىكىر بېرىش تەلىپىمىزگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.   فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئەسلى تۇرپانلىق خالمۇرات ئۇيغۇر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دوختۇرنىڭ دېيىشىچە ئۆتكەن يىلى دادىسىدىن ئاڭلىشىچە ئۇنىڭ57 ياشلىق ئاپىسى «ئۆگۈنۈش مەركىزى»گە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۆگۈتۈش ئۈچۈن تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن.  ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ھۆكۈمەت تەرجىمانى بولۇپ ئىشلەپ پىنسىيەگە چىققان دادىسىمۇ ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا جازا لاگېرىغا تۇتۇپ كېتىلگەن. تۇتقۇن قىلىنغاندا خالمۇراتنىڭ دادىسىنىڭ دىئابىت كېسىلى بار ئىكەن.   ئۇنىڭ دېيىشىچە ئاتا-ئانىسى تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن ھازىرغىچە ھېچ قايسى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغان. گەرچە تۇرپاندىكى دوستلىرىدىن تۇرپاندا ئۈچ جازا لاگېرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ نەدە قانداق تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدىكەن. تۇرپان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىق ئىدارىسى بىزنىڭ پىكىر بېرىش تەلىپىمىزگە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.   مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا تۇرپاندىكى ھاممىسى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ قايسى جازا لاگېرىدا ئ‍كەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپالمىغان.     رەسىم: فىنلاندىيە پۇقراسى مۇرات خارى ئۇيغۇر( خالمۇرات ئ‍ۇيغۇر) ، 33 ياش. ئاپىسى گۆھەرخان تۆمۈر، 57 ياش، سابىق ھۆكۈمەت مەمۇرى ھەم تۇرپان شەھەرلىك بىر گېزىتنىڭ مۇخبېرى. ئۆتكەن يىلى «قايتا-تەربىيەلاش مەركىزى»گە تۇتۇپ كېتىلگەن. خالمۇرات دوكتۇر دەسلەپتە دادىسى (سېيىتنىياز غۇپۇر)نى قوغداش ئۈچۈن سۈكۈت قىلغان.ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا ئۇنىڭ57 ياشلىق دادىسىمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن. 2017-يىلى 2-ئايدا شاڭخەي ئايرۇدرومىدا خالمۇرات ئايرىم سوراق ئۆيىدە قىپ-يالىڭاچ قىلىنىپ سوراق قىلىنغان ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئ‍وقۇغان ئاۋازى لېنتىغا ئېلىۋېلىنغان. ئ‍ۇنىڭ فىنلاندىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىش تەلىپى رەت قىلىنغان. مۇرات خارى ئۇيغۇر فوتوسى.     خالمۇرات ئۇيغۇر ئەپەندى مۇنداق دېگەن: ئۇ يەر (جازا لاگېرى) بىر قارا ئۆڭكۈر(ئاسترونومىيە فىزىكىسىدىكى ئۇقۇم-ت)گە ئ‍وخشايدۇ. ئادەملەر ئۇ يەرگە كىرىدۇ، ئەمما ھېچ كىم يېنىپ چىقالمايدۇ. مەن ھازىر ئەڭ ناچار ئەھۋالدىن ئەنسىرەيمەن.     رەسىم: چەتئەلدىكى تۇغقانلىرى 6-ئ‍يۇن 67 ياشلىق ئادالەت تېيىپنىڭ تۇرپاندىكى ساقچىلار تەرەپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقاندا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى توغۇرسىدا  خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالغان. ئۇنىڭ كانادادا ياشايدىغان ئادالەت رەھىم ئىسىملىك كېلىنىنىڭ دېيىشىچە ئادالەت تېيىپ بىر يىل بۇرۇن «قايا-تەربىيەلەش مەركىزى»گە تۇتۇپ كېتىلگەن. كېلىنى يەنە مۇنداق دېگەن: بىز پەقەت قېينئانامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىگىنلا بىلىمىز، لېكىن ساقچىلار ئۇنىڭ مېيىتىنى كۆرسەتمەپتۇ.   گېرمانىيەدىكى بىر تەتقىقاتچى زەنز ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە شىنجاڭ(شەرقى تۈركىستان-ت)نىڭ قىسمەن جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى 2014-يىلدىن باشلاپل«ئەسەبىيلىك»نى تۈگۈتۈش ئۈچۈن «تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىش» مەركەزلىرىنى بەرپا قىلىشقا باشلىغان.   زەنز ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان-ت) رايۇنلۇق ھۆكۈمەت 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ « ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى»نى ئ‍ېلان قىلىش بىلەن بىرگە پۈتۈن رايوندا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇشنى رەسمى ئومۇملاشتۇرغان.   سابىق مەھبۇسلار ۋە تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئىگەللىنىشىچە جازا لاگېرلىرىغا تۇتۇپ كېتىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك: چەتئەلگە چىققانلار، خىتاينىڭ سىرتىدىكى تۇغقانلىرنى زىيارەت قىلغان ياكى ئ‍ۇلار بىلەن ئالاقە قىلغانلار ۋە تېلىفۇنىدا Whatsappئەپ دېتالى بارلار.   34 ياشلىق كانادادا ياشايدىغان ئۇيغۇر ئادالەت رەھىمنىڭ دېيىشىچە 2018 يىل 6-ئايدا تاپشۇرۇپ ئالغان خەۋىرىدە  ئۇنىڭ 63 ياشلىق قېيىنئانىسى ئادالەت تېيىپ 3 ئاي ئىلگىرى جازا لاگېرىدا ساقچىلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنىۋاتقاندا قازا قىلغان.   ئۇنىڭ دېيىشىچە ئادالەت تېيىپ بىر يىل ئەلگىرى ئېرى بىلەن بىرگە تەربىيەلەشكە تۇتۇپ كېتىلگەندە تەن سالامەتلىكى ناھايتى ياخشى ئىكەن.   ئ‍ۇ يەنە مۇنداق دېدى: بىز ھازىرچە پەقەت قېينئانامنىڭ قازا قىلغانلىقىنىلا بىلىمىز، ئەمما ئۇنىڭ جەسىتىنى ساقچىلار قايتۇرۇپ بەرمەپتۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە قېيىنئاتىسى تېىخىچە جازا لاگېرىدا ئىكەن.     -خوڭكوڭدىن كىرىستال تاي ۋە پاۋلو بوسونىن بۇ خەۋەرگە توھپە قوشقان (ۋول كوچىسى گېزىتى).     مەنبە: https://www.wsj.com/articles/chinas-uighur-camps-swell-as-beijing-widens-the-dragnet-1534534894                    

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنى 2018-يىللىق يېغىن خۇلاسسى

دۈ ئاۋغۇست 27 , 2018
غۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنىنىڭ خۇلاسىسى مەزكۈر ئەنجۈمەن 2018-يىلى 27- ۋە 28-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ ۋاشىڭتون شەھىرىدە غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

You May Like