خىتاينىڭ شىنجاڭ گېزىتى: ئۈچ يىلدا جەمئىي 5 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر «كەسپىي تەربىيەلەنگەن»

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31 – ئۆكتەبىردىكى سانىدا دېيىلىشىچە، «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەنلەر» يىلىغا ئوتتۇرىچە 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

ئەردەم
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 31- ئۆكتەبىر

 

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 31 – ئۆكتەبىردىكى سانىدا دېيىلىشىچە، «كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەنلەر» يىلىغا ئوتتۇرىچە 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.

 

خەۋەردە يىزىلىشىچە: «2016- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز 4 مىليون 719 مىڭ 600 ئادەم قېتىمنى تۈرلۈك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرغان».

 

«2018- يىلىدىن 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە، جەمئىي 660 مىڭ 400 ئادەم قېتىم نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا 554 مىڭ 600 ئادەم قېتىم تەربىيەلەنگەن.» «2018- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بازىسىدىن جەمئىي 21ى، ماھارەت ئۇستىسى خىزمەت ئىشخانىسىدىن 35ى قۇرۇلدى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بارغانسېرى كۆپ نامرات ئەمگەك كۈچى ماھارىتىگە تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان بولدى».

 

خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىۋاتقانلىقى، مەجبۇرىي ئەمگەك ئۈچۈن قانۇنسىز زاۋۇت-كارخانىلارغا ئۇيغۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن خىتتاي ئ‍ۆلكىلىرىگە ئۈزلۈكسىز يۆتكەۋاتقانلىقى ئۆزلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن پاش بولماقتا.

 

مەنبە: شىنجاڭ گىزىتى
http://uy.xjdaily.com.cn/system/2020/10/31/036486665.shtml

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدىكى سايلام ئۆمىكى تۈزۈمى ھەققىدە

يە نويابىر 1 , 2020
ئامېرىكا سايلىمى تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى. 3- نويابىر ئامېرىكىلىقلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېنتىنى سايلايدۇ.

You May Like