خىتاينىڭ رەزىل ئەپتى – بەشىرىسى يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى

شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا كىشلىك ھۇقۇقىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋەتەن سىرتىدا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا، گېزىت – ژورنال مۇخبىرلىرىغا ۋە كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىغا توختىماي ئىلتىماس سۇنۇۋاتىدۇ

تەييارلىغۇچى: سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئىستانبۇل

 

2020-08-14

 

شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن 5 مىليونغىچە ئىنسان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا كىشلىك ھۇقۇقىدىن مەھرۇم ياشىماقتا. لاگېردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى ۋەتەن سىرتىدا ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلچىخانىلىرىغا، گېزىت – ژورنال مۇخبىرلىرىغا ۋە كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرىغا توختىماي ئىلتىماس سۇنۇۋاتىدۇ. 2019.يىلى 13.دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى گېرمانىيە ئاۋازى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان ۋە ئائىلە ئەزالىرى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق يەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشقا يېقىندىن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان شۇنداقلا تىۋىتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە ئائىلىسىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىۋاتقانلارغا ئۇچۇر يوللاپ، كونسۇلخانا بىلەن ئالاقە قىلىشىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 


بۈگۈن ئىستانبۇلدا مىرزەخمەت ۋە جەۋلانلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن بىر تۈركۈم ياشلار، ئائىلىسىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكىلارنى كىيىپ ۋە ئۇلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ، ئىستانبۇلنىڭ سارى يەر تىرابىيەگە جايلاشقان خىتاينىڭ باش كونسۇلخانىسىغا بارغان بولسىمۇ، يالغانچى، كاززاپ، ئىپلاس خىتاي خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىدە دېگەن سۆزلىرىنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى. گۇۋاھچىلارنى كونسۇلخانىغىمۇ قوبۇل قىلمىدى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى ئىلتىماسلىرىنىمۇ قوبۇل قىلمىدى. كونسۇلخانىغا چىققان بۇ ياشلار كونسۇلخانا ئالدىدا ئائىلىلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرۈپ، » ئائىلىمىزگە ئەركىنلىك، خىتاي جازا لاگېرلىرىنى تاقا، ئۇيغۇرلارنى ياشىغىلى قوي» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ ئىپلاس خىتايلار ئالدىدا ھەققانىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

ئۇيغۇرغا قارشى خىتاينى قوللىغان 50 نۇمۇسسىز دۆلەت

يە ئاۋغۇست 16 , 2020
ئالدىنقى ھەپتە، "زىمىستان" تورىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىغىنى قوللىغۇچى 37 دۆلەتنىڭ سېپىگە يەنە 13 دۆلەتنىڭ قوشۇلغانلىغى ھەققىدىكى ماقالە شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر، ئېنگلىز ۋە خىتاي يېزىقلىرىدا يېزىلغان تىزىملىگى بىلەن قوشۇپ ئېلان قىلىندى.

You May Like