ئۆزبېكىستانلىق يوۇتۇبېر مۇرادجاننىڭ خىتاي مەيدانىدا تۇرۇپ قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئۆزبېكىستانلىق يوۇتۇبېر مۇرادجاننىڭ خىتاي مەيدانىدا تۇرۇپ قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

 ئۆزبېكىستانلىق يوۇتۇبېر مۇرادجاننىڭ خىتاي مەيدانىدا تۇرۇپ قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ 

تۆرە

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 29-يانۋار

2022-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈندىن باشلاپ يوۇتۇبې تور بېتىنىڭ зеркало востока يەنى شەرق ئەينىكى سەھىپىسىدە مۇراتجان ئىسىملىك ئۆزبېكىستان پۇقرالىقىدىكى كىشى،ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا، ئۈرۈمچى، قەشقەر، يەركەن قاتارلىق رايونلىرىنى زىيارەت قىلغان سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالغان بولۇپ، مۇراتجان بۇ كۆرۈنۈشلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ باياشات ئەركىن ئازادە مۇھىتتا ئىكەنلىكىنى، مەسچىتلەرنىڭ ئوچۇق، ئىبادەت ئەركىنلىكى بار ئىكەنلىكى قاتارلىق خىتاي تەشۋىقاتىدىكى يادا جۈملىلەرنى توختىماي تىلغان ئالغان. غۇلجىدىكى ئۆزبېك ئائىلىسى، يەكەندىكى ئۆزبېك شائىرى فۇرقەت مەقبەرىسى قاتارلىقلارنى زىيارەت قىلغان مۇراتجان، قەشقەر زىيارىتىدە:« بىز چەتئەلدە تۇرۇپ توردىن كۆرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى بەك خەۋپ ئىچىدە ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قىلىپتۇق، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم» دېگەن.

مۇرادجاننىڭ زىيارىتى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

نەچچە يىلدىن بېرى خىتاي مېدىئا ۋاسىتىلىرى ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى سىستېمىلىق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جىنايىتىنى يوشۇرۇپ ھەم ئاقلاپ كەلگەن تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى دۇنيادا تەسىر قوزغىيالمىدى. ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىشەندۈرەلمىگەن ئىدى. تەشۋىقاتتا ئۇيغۇرلارغا ئۇتتۇرۇپ قويغان خىتاي، ئەمدى چەتئەللىكلەرنى ئىشقا سېلىپ يەنە ئوخشاش تەشۋىقاتنى بۇ قېتىم چەتئەللىكلەرنىڭ ئېغىزى بىلەن تەشۋىق قىلغىلى باشلىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنداق تەشۋىقات ئۇسۇللىرىنىڭ قازاقچە، قىرغىزچە تۈركچە ۋە باشقا مىللەتلەردىكى نۇسخىلىرىمۇ چىقىشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە يۈكسەك مىقداردا قەرز بېرىپ ئۆزىگە قەرزدار قىلىپ قويغان.ئەمدى ئۇنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان ۋاقىت كەلدى. قەرزدارلارنى ئىشقا سېلىپ تەشۋىق خىزمەتلىرىگە سىلىشى بۇنىڭ بىر ئالامىتى. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

دۈ يانۋار 30 , 2023
ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش يولىدا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە

You May Like