خىتاينىڭ ئىچكى ماتېرياللىرىدا ئۇيغۇر دېئاسپوراسى-تارىخ تەكرارلىنىۋاتامدۇ؟

يېقىنقى مەزگىللەر ئىچىدە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا يۈز بەرگەن ئانورمال ھادىسىلەر كەمىنەنى بۇ كونا خاماننى قايتا سورۇپ، بۇھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بەز ھادىسىلەر يۈر بەرمەكتە ۋە بۇنىڭ ئاقىبىتىدىن نەسىۋىسىنى ئالىدىغانلار شەكسىز ئەسىر شەرقى تۈركىستان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردۇر!

 خىتاينىڭ ئىچكى ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر دېئاسپوراسى-تارىخ تەكرارلىنىۋاتامدۇ؟

ھەبىبۇللا ئىزچى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 5-ئاپرېل

يېقىنقى مەزگىللەر ئىچىدە ئۇيغۇر دىئاسپوراسىدا يۈز بەرگەن بىنورمال ھادىسىلەر كەمىنەنى بۇ كونا خاماننى قايتا سورۇپ، بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ بەز ھادىسىلەر يۈر بەرمەكتە ۋە بۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن نېسىۋىسىنى ئالىدىغانلار شەكسىز ئەسىر شەرقى تۈركىستان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردۇر!

1993-يىلى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى «پانتۈركىزم ۋە پانئىسلامىزم تەتقىقاتى» ناملىق بىر چوڭ كىتاب ۋە جاڭ زېمىننىڭ: «شەرقى تۈركىستان ۋە چەتئەللەردىكى شەرقى تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى ھەققىدە دوكلات» ناملىق بىر دوكلاتى كىتاب قىلىپ نەشر قىلىندى.

بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ئىچكى ماتېرىيال ئىدى. بۇ كىتابلاردا ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دېئاسپورادىكى پائالىيەتلىرى توغرىلىق كەڭ دائىرىدە ئۇچۇر بېرىلگەن ئىدى. بۇ كىتابنى ھەر دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىغا پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە تارقىتىلدى. 

ئىككىنچى كىتابتا بەك مۇھىم مەزمۇنلار بولۇپ، بۇنىڭدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلار ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ قارشى تەدبىرلىرى ۋە تۈركىيەدىكى بىر قىسىم خىتاي جاسۇسلىرىنىڭمۇ ئىسىملىرى بار بولۇپ، بۇ ئىسىملار باسمىدا ئۆچۈرۈلگەن ئىدى.

جاڭ زېمىننىڭ دوكلاتى سۈپىتىدە، يەتتىنچى نومۇرلۇق ھۆججەت ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەزمۇنلارمۇ بۇ كىتابتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتابتا جاڭ زېمىننىڭ شۇنداق بىر ئابزاس سۆزى بار: «ئەگەر ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى خەتەرلىك پەيتلەرگە كەلسە ،ئۇلارنى چار رۇسىيە ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى تارىختا يەھۇدىيلارنى رېشاتكا رايونىغا ئايرىپ كونترول قىلغانغا ئوخشاش بەلگىلىك رايون ۋە چېگرا ئىچىدە باشقۇرۇشقىمۇ بولىدۇ.  ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا بىر قىسىم ئادەملەرنى مەخسۇس يېپىق رايون قۇرۇپ، شۇ يەردە باشقۇرۇشقىمۇ بولىدۇ» دېيىلگەن ئىدى.

ھازىرقى شەرقى تۈركىستاندا ئىجرا قىلىنىۋاتقان رېشاتكا رايونى قورۇلۇشى، ۋە لاگېرلار شۇ دەۋردىلا جاڭ زېمىن تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسا،  شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئەمەلىي ئىجرا قىلىنغان بولدى. ئەگەر خىتاينىڭ ئاداۋەتخورلۇقى، ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان بىلەن ئىش قىلىدىغىنىنى نەزەرگە ئالساق، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى لاگېرلاشتۇرۇپ كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش نەزەرىيەسىنى شۇ ۋاقىتتىلا ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ پىلاننى قەدەممۇقەدەم ئىجرا قىلغان ئىدى.

يەنە بۇ كىتابتا جاڭ زېمىننىڭ «ئىچىمىزدىكى دۈشمەن كۈچلەرنى يىلتىزىدىن تازىلاش، چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى ئىدىيە جەھەتتىن پارچىلاپ يوقىتىش» دېگەن نەزەرىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ،بۇنىڭدا تۈركىيە پىلانى خېلى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

بۇ پىلاندا، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن خىتايغا مايىللىقى ئاشىدىغانلىقى، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى تۈرك خەلقىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىپ تاشلاشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ ھەقتە«تۈركىيەنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتلىرى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە. ئەمما خەلق ئىچىدىكى قوللاش ۋە تۈرك مىللەتچىلىك نەزەرىيەسىنىڭ تەسىرىدىن تۈركىيەدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلەر بازار تاپماقتا. بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىنى ئاساس قىلىش، ئىقتىسادىي ئاجىز ۋە ياۋروپانىڭ بوسۇغىسىدا تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان تۈركىيەنى كەلگۈسىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن تېخىمۇ بېقىندى ھالەتكە كەلتۈرۈش» دەپ يازىدۇ.

ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ھەققىدە بولسا:« چەتئەللەردىكى شەرقى تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى تۈركىيە ۋە غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە بازار تاپماقتا. بۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران قىلىپ،تۈرك خەلقى ئىچىدە ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش. بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر مۇھاجىرلارنى ئىقتىسادىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ يۆلەپ چىقىرىش ئارقىلىق تۈرك خەلقىگە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش، غەربتىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنى ئىدىيە جەھەتتىن پارچىلاپ يوقىتىش» دېگەن مەزمۇنلار يېزىلغان ئىدى.

كىتابنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمىدىن بىرى، ئۆچۈرۈلگەن ئىسىملار ۋە تۆمۈر داۋامەت دەۋرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۆمىن ئابدۇللا باشلىق بىر قىسىم زىيالىيلارنى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئائىلىسىگە نەسىھەت قىلىشقا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت نامىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بولۇپ، شۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ مۆمىن ئابدۇللا تۈركىيەدە قېلىپ قېلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى، مۆمىن ئابدۇللانىڭ رەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىن تۈركىيە زىيارىتىدىن كېلىپلا  ئەتىسى ئەتىگەندە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئائىلىسىدە بولغان بىر قېتىملىق كەچلىك تاماق زىياپىتىدە بولۇنغان سۆھبەتلەر ۋە ھەتتا كۆرگەنلىرىنى، سۆھبەتتە دېيىلگەنلەرنى تۆمۈر داۋامەتكە دوكلات قىلغانلىقىنى يازىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى باستۇرۇشتا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە  شۇ دەۋردىكى تۈركىيە ۋە غەربتىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى بىلەن ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقىنى قانداق بۇزغانلىقى ھەققىدىمۇ بەزى مەزمۇنلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ يەردە ئافغانىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەقىدە ۋە كۆز قاراشلىرىدىن قانداق پايدىلانغانلىقى ۋە تالىبان كۈچلىرىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنىڭ بىرلىشىش ئارزۇسىنى ۋەيران قىلىپ، خىتايغا قارشى قوراللىق كۈچلەر بىلەن غەربتىكى دېموكراتىك ئەللەردىكى پائالىيەتچىلەر ئارىسىغا نىزا تېرىشنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ھالقىلىق چارە ئىكەنلىكى تەپسىلىي بايان قىلىنغان ئىدى.

بۇ كىتابلارنى 1993-يىلىدىن كېيىن تارقاتقان ئورۇنلاردىن تىزىملىك بويىچە يىغىشقا باشلىدى. 

1996-يىلىنىڭ ئاخىرى يەنە «دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا» ناملىق يەنە بىر كىتابنى خىتايچە نەشر قىلدى. بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى نەشرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىغىۋالدى، بۇ كىتابتا قورچاق رەئىس زاكىروپ ئائىلىسى ھەققىدە بەزى مەزمۇنلار بولۇپ، ئۇنىڭدا زاكىروپنىڭ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتى دەۋرىدىلا سوۋېت ئىشپىيونى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئالدىدىكى تازىلاشلاردا قوغدىغانلىقى، سوۋېت خىتاي مۇناسىۋىتى بۇزۇلغاندا تۇتقۇن قىلىنىپ، زاكىروپنىڭ قوش تەرەپلىك ئىشلەپ شەرتى بىلەن يەنە قوغداپ قېلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە « بىز زاكىروپنىڭ سوۋېت ئىشپىيونى ئىكەنلىكىنى بىلسەكمۇ، ئەمما سوۋېت جۇڭگو مۇناسىۋىتى يىرىكلەشكەن ئۇنىڭ بەزى پايدىلىنىش قىممىتىنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ شۇ دەۋردىكى بوران چاپقۇنلاردىن قوغداپ قالغان ئىدۇق» دەپ يازىدۇ.

بۇ كىتاب كىتابخانىلارغا سېلىندى ۋە ئارقىدىن دەرھال يىغىۋېلىندى، سېتىلغانلارنىمۇ كىتابخانىلار سېتىۋالغۇچىنىڭ كىملىكى ۋە ئىدارىسىنى تىزىملاپ ساتقان بولغاچقا ئۇنىمۇ يىغىۋالغان ئىدى. ئەمما ئارقىدىن قايتا نەشر قىلدى. لېكىن ئىككىنچى نەشرىدە زاكىروپقا تەۋە قىسمى چىقىرىۋېتىلىپ قايتا نەشر قىلىنغان ۋە سېتىۋالغۇچىلارنى تىزىملاپ ساتقان ئىدى.

شۆھرەت زاكىرنىڭ ساندۇقتىن چىققاندەكلا ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولۇپ قېلىشىنى بۇ كىتاب ۋەقەسىگە بىرئاز قىياسلىساق، دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئائىلىنى ئىككى ئەۋلاد ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېنىنى تۆكۈش ۋە شەرقى تۈركىستاننى ئەبەدىيەتكە يۇتۇۋېلىش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن دېمەي تۇرالمايمىز.

خۇلاسە شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قاچان ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان بىلەن، مىلياردلاپ مەبلەغ سېلىپ مەيلى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى بولسۇن،مەيلى تىبەتلەر بولسۇن، مەيلى خىتاي دېموكراتلىرى بولسۇن پارچىلاپ يوقىتىش سىياسىتىدىن ھېچقاچان ۋاز كەچمىدى. ۋە تېخىمۇ ئەتراپلىق پىلانلار بىلەن زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ.

ئەمما بىز بۇنىڭدىن دەرس ئالدۇقمۇ؟

  

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ 7 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دىئالوگى بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلدى

پە ئاپرېل 6 , 2023
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراننىڭ 7 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى دىئالوگى بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلدى

You May Like