ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى21-دېكابىر
20-دېكابىر «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر ئىچكى ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان. ھۆججەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇققا دەپسەندە قىلىش جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن فەيسبۇك تۋىتتېر قاتارلىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تور ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ ساختا ھېساباتلارنى ئاچقان.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» ئاشكارىلىغان مەزكۇر ھۆججەت بۇ يىل 21- ماي كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە قاراشلىق مەلۇم بىر تارماق ئىدارىسىنىڭ شەخسىي كۆتۈرىگە ئېلىش شىركەتلىرىگە قارىتا چىقارغان ھۆددىگە ئېلىش ئېلانى بولۇپ، ئېلاندىن مەلۇم بولۇشىچە ساقچى تەرەپ يەرلىك شىركەتلەردىن جامائەتنىڭ توردىكى پىكىرلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئورگان تەرەپ ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھۆددىگەر شىركەتلەرگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جامائەت پىكىرلىرىنى نازارەت قىلىپ كەلگەن بولسا، يېقىندىن بۇيان بۇلار بارلىق دىققىتىنى چەتئەللەردىكى جامائەت پىكىرلىرىگە قاراتقان.
ھۆججەتتىن ئاشكارىلىنىشىچە، شاڭخەي ساقچى تەرەپ فەيسبۇك، تۋىتتېر ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا يۈزلىگەن ساختا ھېساباتلارنىڭ قۇرۇلۇپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان، ۋە بۇ ھېساباتلارنىڭ دەل ۋاقتىدا جامائەت پىكىرنى يېتەكلەپ دىققەتنى بۇراش خىزمىتىنى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن ئىككى يىلدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانغا ئوخشاش خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەدھىيەلەيدىغان ساختا «جەسەت» ھېساباتلار تور دۇنياسىدا شىددەت بىلەن كۆپىيىپ بارغان. بۇ تۈردىكى ھېساباتلار بەزىدە خىتاي ئورگان تەرەپ چىقارغان تېمىلارغا كۆپلەپ يۈرەك بېرىپ تارقاتسا، بەزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چىققان ئىنكاسلارغا ھۇجۇم قىلىشنى توختاتمىغان.
يېقىندا فەيسبۇك 500دىن ئارتۇق ھېساباتنى تاقىغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇلار ئاتالمىش ۋېلسون ئېدۋاردس ئىسىملىك شىۋېتسارىيەلىك بىئولوگىيە ئالىمىنىڭ بىر پارچە ماقالىسىنى كۆپلەپ تارقاتقان. مەزكۇر ماقالىدە ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈشىگە دەخلى قىلغانلىقى توغرىسىدا ساختا ئۇچۇرلار يېزىلغان بولۇپ، شىۋېتسارىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بۇنداق ئىسىملىك ئالىمنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەسلىكى توغرىسىدا بايانات بەرگەن. ئەمما خىتاي ئورگان تاراتقۇلىرى بۇ ساختا «ئالىم»نىڭ ئەيىبلەشلىرىنى كۈچەپ تارقاتقان.
خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى قىلمىشلىرى پەقەتلا سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا بولۇپ قالماي بەلكى بۇ «جەسەت» ھېساباتلار ئارقىلىق تور دۇنياسىدا زومىگەرلىك بىلەن تېخىمۇ كۆپ بۇزغۇنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىشىدا بولغان. ساقچى تەرەپ ھۆددىگارلاردىن ئاكتىپ ۋە ئەگەشكۈچىسى كۆپ بولغان ھېساباتلارنى قۇرۇپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان، ۋە بۇ ھېساباتلارنىڭ زۆرۈر تېپىلغاندا ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى بويىچە خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ساقچى تەرەپ يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ساختا ھېساباتلارنى قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تور ساقچىلىرى ئارقىلىق چەتئەللەردىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تور ھېساباتلىرىنى تەكشۈرگەن. 2018-يىلى ئۇلار خىتاي چېگراسى ئىچىدىكى ھەرخىل يوللار بىلەن تۋىتتېرلارغا چىققان ھۆكۈمەت كونتروللۇقىنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەرنى تۇتۇشقا باشلىغان بولسا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا چەتئەللەردىكى تۋىتتېر ھېساباتىنى ئىشلەتكۈچى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتايدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ماقالىلەرنى يېزىشتىن توسىغان. ۋە بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نۇرغۇنلىغان تېمىلارنى شۇنداقلا ھېساباتلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تازىلىۋالغان.
«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە ئاشكارىلانغان ساقچى تەرەپنىڭ ھۆددىگە ئالغۇچى شىركەتلەرگە بەرگەن باھا جەدۋىلى تۆۋەندىكىچە:
چېگرا سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا ھېسابات ئېچىش ھەققى: ئايلىقى 5000 يۈەن؛
چېگرا سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدىكى ھېساباتلارنى پەردازلاشتۇرۇش ۋە ئاسراش ھەققى: ئايلىقى 5000 يۈەن؛
فىلىم ئىشلەش ھەققى: ئايلىقى 40مىڭ يۈەن؛
ھۆججەتنىڭ باشقا ئاشكارىلانغان مەزمۇنلىرى:
تەمىنلىگۈچى تەرەپ سېتىۋالغۇچى تەرەپكە ھەر ۋاقىت چېگرا سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېساباتلىرىنى تەمىنلەپ تۇرۇشى كېرەك، بۇلار فەيسبۇك ۋە تۋىتتېر ھېساباتلىرىنى ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەر ئايدا ھەر بىر سۇپا ئۈچۈن 300 ئەتراپىدا ھېساباتنى تەمىنلىشى شەرت…
چېگرا سىرتىدىكى ھېساباتلار تېخنىكىلىق ئۇسۇللارغا تايىنىپ چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى ھېساباتلارنىڭ كەينىدىكى كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاپ چىقىشى شۇنداقلا بۇ كىشىلەرنىڭ چېگرا ئىچىدىكى ئۇچۇرلىرىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك…
تەمىنلىگۈچى تەرەپ بەلگىلەنگەن تېمىلاردا ۋىدىئولارنى ئىشلىشى، ھەربىر ۋىدىئونىڭ ئۇزۇنلۇقى 2-3مىنۇت ئەتراپىدا بولۇشى كېرەك…
مەنبە : «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى»
https://www.nytimes.com/zh-hans/interactive/2021/12/20/technology/china-facebook-twitter-influence-manipulation-chinese.html?_ga=2.35536290.209459744.1640095672-1343239919.1637245950&fbclid=IwAR0-leaetFYZPssdXphaZzAPFKT631AG4JfJ11M3PsH4YDpPrTK_N8mzYaw
تەرجىمىدە: يۈسۈپجان