خىتاينىڭ 35 تىرلىيون دوللارلىق مەسىلىسى: مالىيە مۈلىكىنى باشقۇرۇش ئاسان ئەمەس

مالىيە بالانىس جەدىۋىلىدىكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردىن كىيىن ،خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مالىيە مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاگاھلاندۇرغان.

ئەلفىرىد لىيۇ ۋە بۇنيامىن روبېرتسون

بىلۇمبېرگ تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئوسمان قازى

تەھرىر: تارىم ئۆتۈكەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچۈنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

مالىيە بالانىس جەدىۋىلىدىكى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان سانلىق  مەلۇماتلاردىن كىيىن ،خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مالىيە مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش مۇۋاپىق بولماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاگاھلاندۇرغان. مۇشۇ ھەپتە پەيشەنبەكۈنى خىتاي مالىيە مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان مالىيە دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مالىيە كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈكى 2017-يىلى 34.7 تىرلىيون دوللارغا ، مالىيە مەجبۇرىيتى31.3 تىرلىيون دوللارغا يەتكەن. دوكىلاتتا قەيىت قىلىنىشىچە، خىتاي مالىيە مىنىستىرى لىيۇ كۈن :«گەرچە دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مالىيە مۈلۈكى باشقۇرۇشىنى بارا-بارا ئەلالاشتۇرغان بولساقمۇ،  تېخىچە ھەل قىلمىساق بولمايدىغان قۇرۇلما ۋە تۈزۈم خاراكتىرلىك مەسىلىلەر مەۋجۇت، مالىيە خەۋىپىنى ئالدىنى ئىلىش يەنىلا قىيىن مەسىلە سۈپىتىدە ساقلانماقتا» دەپ ئېيىتقان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بانكىچىلىقى مۈلىكى ئامېرىكىنىڭكىنى بىر ھەسسە قاتلايدۇ.

ئاگاھلاندۇرۇش نۆۋەتتە خىتاي سىستىمىلىق مۇھىم دەپ قارىغان مالىيە ئورگانلىرىنى كۆپەيتىش پىلانىنى يۈرگۈزىۋاتقاندا بىرىلگەن. خىتاينىڭ دۆلەت قەرىزى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتكەن ۋاقىتتا خىتاينىڭ سىياسەت تۈزگۈچىلىرى كىرىزىسىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەدبىرلىرى قوللىنىشقا باشلىغان. دوكىلاتتا ئېيتىلىشچە،  دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مۈلۈكلەرنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش زۆرۈر ئىكەن. بىلۇمبېرگ توپلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مۈلۈك جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تۆت بانكا خىتاينىڭ ئىكەن. خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىلا 4.1 تىرلىيونلۇق مۈلۈككە ئىگە ئىكەن. ئون يىل بۇرۇن دۇنياغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان پىڭ ئەن سۇغۇرتا شىركىنىڭ مۈلۈكى ۋورېن بافېتنىڭ بېركشىر خەتئەۋەي شىركىتىنىڭ مۈلىكىدىن 45% كۆپ ئىكەن.

 

تەرجىماندىن: مۈلۈك مەجبۇرىيەت «قەرز» بىلەن كاپىتالدىن تەركىب تاپىدۇ. نۆۋەتتە خىتاي دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى مالىيە كارخانىلىرىنىڭ مۈلىكى مەجبۇرىيەتنى ئاساس قىلغان.

مەنبە: https://www.bloomberg.com/news/articles/2018-10-26/china-warns-of-financial-asset-mismanagement-after-initial-tally?utm_source=facebook&utm_campaign=socialflow-organic&cmpid=socialflow-facebook-business&utm_medium=social&utm_content=business

UT-Uyghur Reporter 9

Next Post

ئامېركا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 2018-يىللىق جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى خاتىرلەش پائالىيىتى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى

چا نويابىر 7 , 2018
ھەممىڭلارنى پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز بىلەن قۇتلۇقلايمىز! 20-ئەسىردە ۋەتىنىمىزدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن ھاياتتا ياشاش شۇنداقلا مۇستەقىل مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىش يولىدىكى تەۋرەنمەس مىللىي ئىرادىسىنىڭ يىمىرىلمەس تارىخىي دەلىلىدۇر.

You May Like