خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا ۋاشىنگتون مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلالامدۇ؟(1)

ئەپسۇس ئامېرىكانىڭ ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىشقا بولغان ئۈمۈدى بىزنىڭ ئۇنى قىلىش ئىقتىدارىمىزدىنمۇ ھالقىپ كەتتى.

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ۋولقان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-25

خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشتا ۋاشىنگتون مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى قىلالامدۇ؟

ئەپسۇس ئامېرىكانىڭ ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىشقا بولغان ئۈمۈدى بىزنىڭ ئۇنى قىلىش ئىقتىدارىمىزدىنمۇ ھالقىپ كەتتى.

ئامېرىكا دۆلىتى يېڭى پەيدا بولۇشقا باشلىغاندا  ئۇلار ئۆز ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىنى ۋە تېخىمۇ يىراقتىكىلەرنى ئازاد قىلىشنى خىيال قىلىشقانىدى. پەقەت ئۇلار بىرقانچە يىلدىن كىيىن ئۆز مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەندىن كېيىنلا يىراقتىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان گىركلارغا ياردەم بېرىش كېرەكمۇ ئەمەسمۇ دېگەننى مۇنازىرە قىلدى،  گەرچە بۇ ئىش ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنىڭ سىرتىدا بولسىمۇ. ئىككى ئەسىردىن كىيىن شۇ قەدەر كۈچلۈك ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم ئوخشاش ئىككىلىنىشكە دۇچ كەلدى. يەنى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان خەلقىگە قىلىۋاتقان ۋەھشىي مۇئامىلىسى، ھەتتا بىر مىليون دىن (بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن) ئارتۇق ئىنساننى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ قويۇشى بولدى. ھاكىممۇتلەقلىق، دىكتاتورلۇق شەكلىدىكى باشقۇرۇش شىنجاڭ (شەرقى تۈركىستان .ت)رايونىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى. باستۇرۇشنىڭ كۆلىمى ئادەمنىڭ نەپىسىنى توختىتىپ قويغۇدەك دەرىجىگە يەتتى. ۋاشىنگتون پوچتىسىنىڭ يازغۇچىسى جوش روجىين شۇنداق دەپ يازىدۇ» جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار، ئايرىمىچىلار ۋە خەلقئاراچىلار، تىرامپ ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى ۋە ھەتتا خىرىستىيالاردىن تارتىپ مۇسۇلمانلارغىچە ھەممىسى ئورتاق ھالدا : بۇ ئاپەتكە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سۈكۈت قىلسا بولمايدۇ. دېگەن تونۇشقا كەلدى »  بىرقانچە ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ شۇنداق يازدى: ھۆكۈمەت بۇ ئەھۋالغا قارىتا ھېچقانداق ئەمەلىي پايدىلىق ھەرىكەت قوللانمىدى. ئۇلار پىرىزدىنتتىن «بېيجىڭنى مەسئۇلىيەت جاۋابكارلىقى» بىلەن ئەيىبلەشنى ۋە «خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەكلىكىنى» تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا قايغۇرغان ھالدا » ھەرقىتىم دۇنيا ئەمدى يۈزبەرمەيدۇ دەپ قەسەم قىلدى، بۇ ۋەدىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىش ۋاقتى زادى قاچان؟»  ئەگەر يادرو قورالى بىلەن تولۇق قوراللانغان كۈچلۈك بىر كۈچكە قارمۇ قارشى كەلگەندە، بۇ ئەمدى يۈز بەرمەيدۇ دېگەن ۋەدىنىڭ مەنىسى نەگە كېتىدۇ؟ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە تولىمۇ ئاجىز بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ خەلقىگە تەسۋىرلىگۈسىز ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزدى. بۈگۈن بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىكى ھەربىي ئارىلىشىشنى خىيالىمىزغا كەلتۈرەلمەيمىز. نەتىجىدە تېخىمۇ كۆپ ئىنسانى قىرغىنچىلىق يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئامېرىكانىڭ ھەقىقەتەن خىتاي بىلەن ئۇرۇش قىلغۇسى يوق . باشقا دۆلەتلەر ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىش تۈپەيلى ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادى چەكلىشىنى ياقتۇرمىغىنى بىلەن بۇ خىل ئارىلىشىش ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئايلىنىپ كەتتى. ئەمما بېيجىڭ باشقا جازاغا ئۇچۇرغان دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدىغان كۈچكە ئىگە. خىتاينىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋىتى ئاسىيا،ياۋروپادىن كېڭىيىپ ئافرىقىغا ھەتتا لاتىن ئامېركىسىغا قەدەر يىتىپ باردى. ئىقتىسادى چەكلەش جازاسى ھەتتا رۇسىيە، ئىران، شىمالى كورېيە، سۇدان، كۇبا، ۋە ۋىنسۇئىلادەك ئاجىز دۆلەتلەرگىمۇ ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمىدى. كۆپ بولغاندا بۇ جازالار تېھرانغا ئوخشاش بەزى دۆلەتلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلتۈرەلىدى. ئەمما ھەرقانداق ئەھۋال بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولالمىدى. ئەمەلىيەتتە جازالاش تەدبىرى شۇ دۆلەت ھۆكۈمىتىدىن بەكرەك خەلقىگە زىيان يەتكۈزدى. ب د ت نىڭ ئەلچىسى مادىلەين ئالبىرايت بىلەن بولغان سېسىق نامى پۇر كەتكەن سۆھبەتتە، جازالاش تۈپەيلى يىرىم مىليون ئىراقلىق كىچىك بالىلارنىڭ ئۆلۈمىنى ئاقلاپ » بىزنىڭچە بۇ بەدەل ئەرزىيدۇ » بۇنى ئىراق ھۆكۈمىتىدىن سوراش كېرەك، دېگەن بايانىنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. ئۇخىل تەنقىدلەرگە جاۋابەن ئامېرىكا ھازىر ئۆزىنىڭ يېڭى بىرخىل «ئەقىللىق»جازالارنى ئىجرا قىلىپ زوراۋان سىياسەتلىرىگە مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارالغانلارنى جازالاۋاتقانلىقىدا چىڭ تۇردى. ئەكسىچە ئۇخىل رەقىب دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئاساسەن ئامېرىكادا تەتىل ئۆتكۈزمەيدۇ ياكى تۇتۇپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزى قوللىغۇچىلىرى بەلكىم غەربتىكى ئېسىل تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما رۇسىيەنىڭ ئولىيگارچلىرى ئۆزىنىڭ ئاق پادىشاھىنى يېقىنقى زامانلاردا ئۆرۈۋىتەلمەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.   دوگ باندوۋ Doug Bandow بولسا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى. ئۇ بۇرۇن رونالد رىگاننىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان ۋە «تاشقى ھاماقەتلەر: ئامېرىكانىڭ يېڭى يەرشارى ئىمپېرىيىسى (Foreign Follies: America»s New Global Empire)» قاتارلىق بىرقانچە كىتابنىڭ ئاپتورى بولغان.   مەنبە: https://www.theamericanconservative.com/articles/saving-chinas-uighurs-can-washington-do-the-impossible/?fbclid=IwAR03iy5T–msdEcxkQeZmjDjMf9gsXVAJ_uzfVt_QkewY1xEIV5HljVS76E  

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

قەھرامان ماراش يىۋۇ بىلەن «قېرىنداش شەھەر»دەپ ئىلان قىلىندى

يە ئاۋغۇست 25 , 2019
قەھرامان ماراش يىۋۇ بىلەن «قېرىنداش شەھەر»دەپ ئىلان قىلىندى تۈركىيەنىڭ سۈتچى ئىمان شەھرى قەھرامان ماراش بىلەن خىتاينىڭ يىۋۇ شەھرى «قېرىنداش شەھەر» دەپ ئىلان قىلىندى. شەرقى تۈركىستاندا 6 مىليۇن شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ خىتاي جازا لاگېرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە مېڭە يۇيۇشقا دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتتە تۈركىيەنىڭ پۈتۈن نارازىلىق ۋە قارشىلىقلارغا قارىماي خىتاي بىلەن بۇخىل يېقىن مۇناسىۋەتلەردە بولىشى شەرقى تۈركىستانلىقلارنى پەرىشان قىلماقتا.

You May Like