خىتاي ئۈچۈن ئىشلەشكە ئىشپيۇن بولۇش شەرت ئەمەس ، دۆت بولسىلا يىتەرلىك

بىلمەك – بىلشنى بىلمەكتۇر، بىلمەك- قانداق بىلشنى بىلمەكتۇر، بىلمەك – ئۆزىنى بىلمەكتۇر، سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداقلىقىنى بىلمسەڭ بۇ قانداق بىلمەكتۇر؟!

ئاپتورى: كۆلىتېگىن

2019 – يىل 29- مارت

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

بىلمەك – بىلشنى بىلمەكتۇر، بىلمەك- قانداق بىلشنى بىلمەكتۇر، بىلمەك – ئۆزىنى بىلمەكتۇر، سەن ئۆزۈڭنىڭ قانداقلىقىنى  بىلمسەڭ بۇ قانداق بىلمەكتۇر؟!

—–يۈسۈپ ئەمرە

 

 دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان ئىش باشقىلارغا باھا بېرىش بولسا كېرەك ، چۈنكى بۇنىڭغا بەك كۆپ ئىزدىنش كەتمەيدۇ. ئون قېتىم توغرا گەپ قىلىپ ئون بىرنجىسىنى ئازراق مۇجىمەل ، خاتا ، ياكى چۈشىنىش قىيىن بولغان جۈملە بىلەن دېگەن بولسا شۇ يەرنى تېپىپ زەربە بەرسىلا بولدى. باھالىغۇچى خاتالىقنى تېپۋالسىمۇ ، توغرىنى خاتا چۈشىنۋالسىمۇ ياكى قەستەن تۆھمەت چاپلاش ئۈچۈن خاتا دەپ باھالىسىمۇ بولىدۇ.

كىرىزىس ئىچىدە قالغان بىر مىللەتتە ھەر خىل ئەيىپ نوقسانلارنىڭ بولىشى تەبئي ئەھۋال بولسىمۇ زور كۆپچىلىكنىڭ بۇ كىرزىسقا خالاپ خالىماي كىرىپ قېلىشى پاجىئەلىك ئەھۋالدۇر. بۇ يازمىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدىكى كىرزىسنىڭ سەۋەبى ۋە ئىپادىلىرى  تەھىلىل قىلىنىدۇ.

ئەڭ ئاۋال بۇ كىرىزسىنىڭ  ئىتپاقسىزلىق ۋە نىشاندىن قېيىپ كېتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتەيلى.ئىجىتمائىي تاراتقۇ ۋاستىللىرىدىكى ئۇششاق -چۈششەك ، لىكىن تۈگىمەيدىغان پىتنە – پاساتلار ۋە بەزى تەشكىلاتلار، لىدىرلار ۋە زىيالىلار  ئارسىدىكى پۇت تېپشىشلەر بۇنىڭ مىسالىدۇر.  بۇخىل  ھالەتنىڭ كىلىپ چىقشىنىڭ ئىككى خىل چۈشەندۈرلىشى بولۇپ بىرىنجىسى ، نادانلىق ۋە دۆتلۈكتۇر. يەنى نىمىنىڭ ۋە نىمە ئۈچۈن جىدەل قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىك. ئىككىنچىسى ، ئىچىدىكى ئاچچىقنى چىقىرۋېلىش. يەنى ئۇزۇن يىل زۇلۇمغا ئۇچراش ، بۇنىڭغا قارىتا ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالالماسلىق سەۋەبىدىن ئىچىگە يىغلىغان غەزەپ ۋە ئوغىنى بىر شەكىلدە چىقرۋالغاندا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھىس قىلىش. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك يۇرتتىن ۋە ئاتا-ئانسىدىن  ئايرىلغاننىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھوقۇقى بولغان ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئالاقە قىلشتىنمۇ ئايرىلىپ قېلىش ئۇيغۇرلارنى كىرزىسىنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر قاينىمغا تاشلىدى. لىكىن بۇ قاينامغا تاشلاندۇق دەپ قاينام بىلەن تەڭ چۆرگىلەش پۈتۈنلەي ھالاك بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەقلىي ھۇشى جايىدا ئادەم بۇ قاينامدىن ئۈزۈپ چىقشقا تىرشىشى كېرەك. لىكىن ھازىرقى ھالەت قاينام بىلەن چۆرگىلەشكە بەكرەك ئوخشاپ قېلۋاتىدۇ. يەنى بۇ يەردە بىز نىمە دېمەكچى ؟ تۆۋەندە بۇ كىرەكسىز تالاش تارتىشلاردىن بىر نەچچىنى مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتىمىز.

بىرىنجى ، مۇستەقىللىق ۋە ئاپتونومىيە تارتىشىشى. گەرچە ھىچكىم ياكى ھىچقانداق تەشكىلات بىز ئاپتونۇمىيە ئۈچۈن كۆرەش قىلۋاتىمىز دېمىگەن بولسىمۇ بەزى كىشىلەر بەزى تەشكىلاتلارنى ئاپتونومىيەچى دەپ ماركا چاپلاپ بولدى. ئولارنىڭ دېيشچە بەزى  چوڭ يىغىنلاردا شەرقىي تۈركستان دېمەي شىنجاڭ دېگەنلىكى ئۈچۈن ئولار ئاپتونومىيە تەلەپ قىلغان بولىدىكەن. شۇنى بىلىش كېرەككى ھىچكىم شىنجاڭ دېگەن ئىسمىغا خۇشتار ئەمەس. خۇددى ھىچقانداق ئۇيغۇر چەتئەلدە ئابۇدۇلا، ئەيلىجىياڭ  ياكى پارىزاتى ، ئايىشىيامۇگۇلى دېگەن ئىسملارنى ئىشلتىشكە خۇشتار بولمىغاندەك. لىكىن سىزنىڭ ئىسمىڭىز مەكتەپنىڭ ئارخىپلىرىدا ، يازغان ماقالىلىرىڭىزدە ، قاتناشقان يىغىنلىرىڭىزدا ، كۆچمەنلەر ئىدارسىدە ، بانكىدا دېگەندەك يەرلەردە ئاشۇنداق گاچا خىتاي قويۇپ بەرگەن ئىسىم بىلەن يېزىلدۇ ياكى چاقىرىلدۇ. ھەتتا ئىكس ئىكس ئىكس بۇخەيلىچىيامۇگۇلى دەپ چاقىرىلدۇ. شۇ چاغدا نىمشقا سىزنى شۇنداق چاقىرىغان بانىكىلارغا، مەكتەپلەرگە ، ياق مېنىڭ ئىسىم ئابدۇللا ياكى ئالىيە دىيەلمەيسىز. دېسىڭىز پاسپورتىڭىزنى ئالدىڭىزغا ئاتىدۇ. چۈنكى سىز ئۆز ۋاقتىدا ئاشۇنداق ئۈچ تال ئىكس نىڭ كەينىگە گاچا خىتاينىڭ غەلتە ئاۋازىنىڭ يېزىقتا ئىپادىلىنشىنى ئېشىشىنى توسمىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش ۋەتەننىڭ پاسپورتتىكى ئىسمى شىنجاڭ. باشقا گەپ قىلسىڭىز دۇنيا خەلقى چۈشەنمەيدۇ، ئىشەنمسىڭىز قوشىنمىز قىرغىزىستاندىن كەلگەنلەردىن شەرقىي تۈركستان قەيەردە دەپ سوراپ بېقىڭ. ھېلىمۇ چوڭلار ۋە ئاۋانگارت ياشلارنىڭ كۈچىشى بىلەن شەرقىي تۈركستان ئاتالغۇسى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپ ئىشلتىۋاتىدۇ. ئويلاپ بېقىڭ بۇ تارتىشىشلاردىن كىم پايدا ئالىدۇ؟

ئىككىنچى : زىيالى ۋە موللا جېدىلى. بۇ جېدەل نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايۇنلاردا بولۇپ لىكىن سەۋىيەسىزلىكى بىزنىڭكىگە يىتدىغانلىرى ئاز. ھەر ئىككى تەرەپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت دەردىدە ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ يەنە تارتىشىپ يۈرمەكتە. ئەرەب دېسە گەپنى «موللا» ئۆزىگە ئېلۋالغان، يا سىز ئەرەپمۇ ؟ دىنسىز دېگەن گەپنىمۇ «زىيالى»  ئۆزىگە ئېلۋالغان ، سىز راستىنلا دىنسىزمۇ يا ؟ موللا بىلەن زىيالى زادى نىمە زىيان سالدى بىزگە ؟ ئۇيغۇرلار پۈتۈن تارىخىدا دىنسىز بولۇپ باقمىغان. شۇڭا دىندارلارنى سۆكۈش  ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا چېپشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنداقلا ئۇيغۇرلار باشتا ئۇيغۇر كىملىكى بىلەن ئاندىن مۇسۇلمان كىملىكى بىلەن ياشايدۇ.ئۇيغۇرلار ئەرەب بولمايدۇ ، ئەرەب دېگەن ئاتالغۇ مۇسۇلمان دېگەن ئاتالغۇغا باراۋەر  ئەمەس. ھازىرقىدەك ئەھۋالدا خىتاينىڭ پۇلىنى دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ خورلىنشىغا پىسەنت قىلمىغان ۋە بۇنىڭ ئۈستىگە توغرا قىلدى دەپ مەدھىيە ئوقۇيدىغان ساتقىن ئەرەب ھۆكىمەتلىرىگە نارازى بولۇش ھوقۇقىمىز بار. لىكىن ئەرەبنى ياكى باشقا بىر مىللەتنى پۈتۈنى بىلەن قوشۇپ تىللايدىغانلار ئۆزىنىڭ بىلمى ۋە ئەقلىنى دەڭسەپ باقسا بولىدۇ. ئەلجەزىرەدە خىتايلارنى نەچچە قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالدىدا ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان مەھدى ھەسەن ئەرەبتۇر.

ئۈچىنچى : تۈركلۈك ۋە ئۇيغۇرلۇق جىدىلى. موشۇنى تالاشقانلارغا ھەيران قالماي بولمايدۇ. بۇ چوقۇم ئىككىدىن  بىرىنى تاللاش  ئىشى ئەمەس. خالسىڭىز ئۇيغۇر دەڭ خالسىڭىز تۈرك دەڭ،  بەك چوڭ  پەرقى يوق. تۈرك ئىسىمىنى ئىشلەتسىڭىز كۆپرەك كىشىنى ئۆزىڭىزگە تارتالايسىز. ۋەتەندىكى قازاق ، قىرغىز ۋە ئۆزبىك تاتارلار بىلەن ئاسان بىرلەشكىلى بولىدۇ. لىكىن ئۇيغۇر دېسىڭىزمۇ ھېچكىم سىزنى سەن تۈرك دەپ تۇرۋالمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىگە تاغدەك ئسپاتلار تۇرۇپتۇ، ئەڭ يارقىن  بىر ئىسپاتى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەسرىگە ئۇيغۇر تىللىرى دىۋانى دەپ ئىسىم قويماي تۈركىي تىللار دىۋانى دەپ قويغانلىقى ۋە ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسمىنىڭ تۈركستان بولغانلىقىدۇر. لىكىن ھازىر بىزلەر ئۇيغۇر دېگەن ئىسمغا كۆندۇق ، توغرا ياكى خاتا بولسۇن. بۇنى تۈرككە قايتۇرۇش ناھايتى كۆپ كۈچ ۋە ئەقىل تەلەپ قىلدىغان ئىش. بۇ ئىشنى ۋەتەن ئازاد بولغاندا رەسمىي شەكىلدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلغان ئاساستا تالاش تارتىش قىلىپ بىكتسەك ماس كىلدۇ. ھازىرقى ۋەزىيەتتە كۈچنى بۇ تەرەپكە سەرپ قىلش توغرا ئەمەس ، چۈنكى مىللى كىملىك ئاسان ئۆزگەرتكىلى بولدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇر تۈركى دېگۈچىلەرنىڭ ھەر ئىككلىسىنىڭ توغرا.

تۆتىنچى : تەشكىلاتلار ئارا تالاش -تارتىش. بۇ ئەڭ نۇمۇس قىلارلىق ۋە  ئەڭ زىيانلىق تالاش -تارتىشتۇر. خىتاي بىلەن كۆرەشتە ۋەكىل بولۇپ ئوتترىغا چىققانلارنىڭ كىچچىكنە ئىش ياكى بۇرۇنقى شەخسى ئاداۋەتلىرى ئۈچۈن بىر بىرىنىڭ ئارقسىدىن غەيۋەت قىلشى، بىرى بار يەرگە يەنە بىرىنىڭ كەلمەسلىگى شۇ كىشىلەرنىڭ پىسخىكسدىكى مەسلىدۇر ، ئەگەر بۇ پىسخىك مەسلىنى يىڭەلمەيدىغان بولسا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدىن ئايرىلىشى كېرەك. سىز ئو يەرگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلغىلى ئەمەس مىللەتنىڭ ئىشىنى قىلغىلى چىقىتىڭىز. ياپۇنغا قارشى كومىنىست خىتاي بىلەن گومىداڭچى خىتتاي بىرلىشەلىگەن ئىدى ،شۇڭا ياپۇنلار تېخىمۇ ئىچكىرىگە كىرەلمىگەن. ئەگەر ھازىرقى ھالەتتىمۇ ئوخشمىغان ئىدىيەلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ بىرلىشەلمىگەن بولسىڭىز دېمەك سىز خىتايچىلىكمۇ ئەمەس دېگەن گەپ، سىزنىڭ پىسخىكىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىزدا مەسىلە بار، ئۆزىڭىزنى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئالدىماي ئو يەردىن ئايرىلىڭ. تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ بىر تەشكىلات بولۇش شەرت ئەمەس لىكىن نىشان ۋە دۈشمەننى بىلىش شەرت.

بەشىنچى : «موللىلار» ئارا ۋە «زىيالىلار» ئارا زىدىيەت. بۇ ساختا بىلمدارلارنىڭ جىدىلىدۇر. سەئۇدىينىڭ موللىسى، مىسرنىڭ موللىسى ۋە تۈركىيەنىڭ موللىسى ئارسىدىكى جىدەل قوسقىدا ئومىچى يوقلار ئارسىدىكى جىدەلدۇر. ھەقىقى بىلملىك دىنىي ئۆلىمالارغا قارسىڭىز ھىچكىمنىڭ دىلىنى ئاغرىتمايدۇ. چۈنكى دىن زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس ئەخلاق ۋە ئىلىم بىلەن كىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. لىكىن بىر مەدرىسىدىن چىقپلا ئاۋۇ كاپىر ماۋۇ جوھۇت ، يەنە بىرى ناسارا ، مەندىن باشقا ھېچكىم توغرا ئەمەس دەيدىغانلار دىندىن قىلچە خەۋىرى يوقلاردۇر، بۇنداقلارچە بولغاندا بالىلار پەندە ئوقسا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، ئايال كىشىگە ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ھارام ، ئەرەب تۇپراقلىرى  شەرقىي تۈركستان تۇپراقلىرىدىن قۇتسال ، تۈركلەر شەيتان ، مىسرلىقلار جاھىل ، سەئۇدىيلىقلار ئاشقۇن. داۋا قىلماي ئۆيدە ئولتۇرۇپ دۇئا قىلىڭ دەيدۇ. ئىش قىلغاننىڭ ئىشىغا ئەمەس، كىيگەن كىيمى ، يېندا تۇرغان ئادىمنىڭ ئىتقادىغا قارايدۇ. ئونداقلاردىن يىراق تۇرغان ياخشى. ( بۇ خىسلەتلەر پەقەت موشۇنداق ئىللەتلىك ئاتالمىش موللىلارغا ئائىت بولۇپ ، توغرىنى بىلگەن ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكى ۋە ۋەتەن داۋاسى ئۈچۈن سەپنىڭ ئالدىدا تۇردىغان ھەققىي موللىلىرىمىز باردۇر ۋە ئولار ھۆرمەتكە لايىقتۇر)

يەنە بىر تۈركۈم «زىيالى» دەپ ئاتالغان لىكىن بۇ ئىسىم زىيادە كېلىپ قالغان كىشىلەر بولۇپ بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ھىچكىمنى ياراتماسلىق. بەك جىق نەرسە بىلىپ كەتكەندەك ھىس قىلىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنش ياخشى ئەھۋال لىكىن بۇ ئىشەنچ رىئاللىق بىلەن ماس كېلشى كېرەك. ماگسترى ، دوكتورى، پىراففسورى ھىچبىرى بىر بىرىنى ياراتمايدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار. بۇلار دىپلومىغىلا ئىشىندۇ. دىپلومنى قانداق ئالغىنىنى ئىچىدە بىلسىمۇ سىرتتا تىرە تاراقشىتىپ يۈرىيىدۇ. يا بىر تال ماقالىسى ، يا بىر تال كىتابى يوق. يا مىللەتكە پايدىلىق بىر ئىشى يوق ، يا پىلان يوق ، ماۋۇ يەرگە كەل بىر ئىش بار قىلايلى دېسە قېتىپ تۇرۋالىدۇ. ئەمما ھىچكىمنى ياراتمايدۇ. ئولارچە بولغاندا ھەممە كىشىنىڭ قىلغىنى خاتا، ئەتراپلىق ئەمەس ،ئۆزى ئاجايىپ دانا ۋە ئەقىللىق، چۈنكى ئالىي مەكتەپتىكى چاغدا ياتاقتا تولا ئۇخلاپ زىرىكىپ كېتىپ ، دەرسكە ئانچە مۇنچە چىقىپ مۈگدەپ ئولتۇرۇپ قۇلاقلىرىغا كىرىپ قالغان ئىلم پۇرقى بار گەپلەرگە ئىشىندۇ. «زىيالى»لىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپتىدە ياستۇقىنىڭ ئاستىغا قويۇپ قويغان ۋە ئىلھامى تۇتۇپ قالغاندا بەش ئون بەت ۋاراقلاپ قويغان كىتابىغا ئىشىندۇ. شۇنىڭ بىلەن تورلاردا ۋە باشقا سورۇنلاردا ئاقساقاللىق قىلىپلا يۈرىيدۇ. باشقا بىر زىيالى گەپ قىلسا ئونى ياراتمايدۇ، موللىنى ئەسلا ياراتمايدۇ. ئۆزىدە ئاجايىپ قابىليەت باردەك ھىس قىلدۇ. لىكىن ئەملىيەتتە قىلغان بىر ئىشى يوق. ھە دېسىلا بىر ئىشقا باش بولغۇسى قىلىپ كېتىدۇ. بىرى باشلاپ بولغان ئىشنىڭ پايدىلىق ۋە ئۆزى پىلانلاپ يۈرگەن ئىش بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ ئونىڭ يېنىغا بارمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى باشقا بىر تەشكىلات يا گۇرۇپ قۇرۇپ ئوخشاش ئىشنى قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئوقىغان مەكتۋى ۋە كەسپىنى ۋە تۇرۋاتقان دۆلىتىنى داڭلايدۇ، باشقىلارنىڭكىنى چۈشىرىدۇ. گىپىگە شۇنداق ئىلمي ئىنكاس قايتۇرسىمۇ ھۆل تامغا ئىشەك تەپكەندەك جاۋاب بېرىدۇ. بۇلارمۇ ئوخشاشلا تۇرۇپلا باشقا بىر زىيالى بىلەن خوشى يوق بولۇپ قالىدۇ،. سەۋەبى بىر يەردە قارىسام قارىمىغان ، بىر گۇرۇپتا پىكىرىگە باشقىچە ئىنكاس قايتۇرغان، ياكى ئۆزىدىن داڭلىقراق بىرى ۋە ياكى كۆپرەك ئىش قىلىپ نام قازانغان  …..بۇلار ئەڭ بىچارە كىشلەردۇر. شۇنچە يىل ئوقۇپ نىمىنىڭ ئىلمي نىمنىڭ جاھىللىق، نىمنىڭ ئەخلاق نىمنىڭ قوتورلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەنلەردۇر. (تەبئي، زىيالىلىقنىڭ ھەققىنى ئاشۇرۇپ بىرۋاتقان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز بار ، بۇ يازما كىرزىس ھەققىدە بولغانلىقى ئۈچۈن پەقەت  بۇ كىرزىسنىڭ قەھرىمانلىرىلا  تىلغا ئېلىندى ).

يۇقارقى كىرىزسلار ئۇيغۇر دىئاسپوراسىنى ھە دېگەندىلا كىشەنلەپ قويماقتا. بۇلار ئۆزلىرىنىڭ جاھىللىقىنى ئۆزى بىلەنلا قويماي ئارقسىغا بىر تۈركۈم ئىنسانلارنى ئەگەشتۈرۈپ زىدىيەتنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋاستىللىرىگىچە سۆرەپ كىرمەكتە. موشۇ تاپتا بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقانلارنىڭ بەزىللىرىدە يۇقارقىدەك ئىللەت ۋە خۇيلار بار. لىكىن تولىمۇ ئېچىنشلىق بولغىنى بۇلار ئۆزلىرىدە بۇ ئىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. ئوقۇۋېتىپ ئۆزى ياقتۇرمىغان كىملەرنىدۇر خىيالىغا كەلتۇرۇپ ئونىڭ «جاھىل»لىقىغا كۈلىدۇ. مەندە بارمۇ يوق دەپ سورايدىغانلار بەك ئاز. ياكى ئۆزىدىكى يۇقارىدەك ئىللەتكە بىر باھانە تېپىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئالدايدۇ. ياكى ، بۇنى يازغان سولتەك ئۆزۈڭنى بىل باشتا دەپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ۋەزىيەتنىڭ ئەڭ ئىچىنارلىق تەرىپى دەل بۇ. دۇنيادا ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ جاھىللىقىنى بىلمەسلىكىدىن چوڭ قاباھەت بولمىسا كېرەك. مانا بۇ جاھىللىق ئاللىبۇرۇن سىزنى دۈشمەن ئۈچۈن ئاۋانگارت ئەسكەر قىلىپ بولدى. دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش ياكى ساتقىن مۇناپىق بولىشىڭىز ئۈچۈن چوقۇم جاسوس بولىشىڭىز شەرت ئەمەس، دۆت بولسىڭىزلا بولدى.

ئاخىرىدا ئۆزىڭىزنىڭ دۆت ئىكەنلىكىنى قانداق بايقايسىز ، ئۇسۇلى تولىمۇ ئاددى ، يەنى مۇنداق :

كۆپرەك ۋاقتىڭىزنى كومىنست خىتاينى ئەيپلەش ۋە ئونىڭ بىلەن كۆرەش قىلشقا  ئەمەس ، تۈرلۈك باھانە بىلەن (ھەرقانداق باھانە بولسا بولسۇن ) بىچارە ئۇيغۇرغا ، بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەرەبكە ۋە خىرستىيانغا، قازاق ۋە قىرغىزلارغا…سەرىپ قىلغان بولسىڭىز سىز دۆت دېگەن گەپ 

سىز ھەقىقەتەن ئۆزىڭىز ھىس قىلغاندەك ۋەتەنپەرۋەر، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنى ئويلايدىغان بىلىملىك زىيالى ، تەقۋا دىندار ، ئاۋانگارت پائالىيەتچى ، دانا رەھبەر ۋە داۋاگەر ئۇيغۇر بولسىڭىز يۇقارقى ئىللەتلەردىن ئۆزىڭىزنى تارتىڭ. قىلغان ئىشمىدىن مەن قانچىلىك راھەتلىنىپ كەتتىم ئەمەس دۈشمىنمگە پايدىلىق بولدىمۇ  ياكى زىيانلىق بولدىمۇ  دېگەننى ئويلاڭ.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

قىزىم: دادا، تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىللە ئۆتكۈزەمدۇق؟

جۈ مارت 29 , 2019
بۈگۇن سەھەر ئويغانسام كاللامدا ھەر كۈندىكى تاتلىق ئەمما ئازاپلىق ئەسلىمە، قىزىمنى كۆرۈپتىمەن، ئۇ چوڭ ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرغۇدەك، تېلېۋىزۇرنىمۇ ئاچماپتۇ، ئەزەلدىن چىرايلىق كىيىملەرگە ئامراق قىزىم تۈزۈكرەك كىيىممۇ كەيمەپتۇ.

You May Like