خىتاي تاجىكىستان ساقچى تەرەپ ئۈچۈن بازا سېلىپ بەرمەكچى

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاشقۇن» تەشكىلاتلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگراسى يېنىغا تاجىكىستان ساقچىلىرى ئۈچۈن بازا سېلىپ بەرمەكچى بولغان.

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 29- ئۆكتەبىر

مەنبە: گېرمانىيە ئاۋازى تورى

تەرجىمە قىلغۇچى: ئارمان

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئافغانىستان تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاشقۇن» تەشكىلاتلارنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىدىن گۇمانلانغانلىق سەۋەبىدىن خىتاي تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ چېگراسى يېنىغا تاجىكىستان ساقچىلىرى ئۈچۈن بازا سېلىپ بەرمەكچى بولغان.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە تاجىكىستان پارلامېنتىنىڭ بىر نەپەر باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەپ يازغان:« تاجىكىستان پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى خىتاينىڭ گونو -باداخشان ئۆلكىسىگە جايلاشقان ئىشكاكىم رايونىغا بازا قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىدى.» ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ باياناتچى فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: « بارلىق قۇرۇلۇشلارنى خىتاي تەرەپ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن بۇ بازا تاجىكىستان ساقچى تەرەپكە ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىدۇ، خىتاي تەرەپ قۇرۇلۇش چىقىمى ئۈچۈن 8مىليون500 مىڭ دوللار خىراجەت قىلىدۇ.»

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە مەزكۇر ھەربىي بازا: گازارما، ياتاق، ئىشخانا، ئاشخانا، كۆزىتىش مۇنارى، سۇ ساقلاش پونكىتى ۋە بىر قاتار باشقا ياردەمچى ئەسلىھەلەر بولۇپ 10 دىن ئارتۇق بىنانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئومۇمىي قۇرۇلۇش مەيدانى 3550 كۋادرات مېتىر بولغان بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە خىتاي تەرەپ ئاساسلىق مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ، پۈتۈن بازىنىڭ لايىھىلىنىشى، خام ماتېرىيال، كومپيۇتېر، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق ھەرخىل ئىشخانا ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى خىتاي تەرەپ تەمىنلەيدىكەن. 

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ بازا توغرىسىدا سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ: « بىز ۋەدە بېرىمىزكى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھېچقانداق ھەربىي بازىسى يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن. 28-ئۆكتەبىر خىتاي باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ بازا توغرىلىق سورالغان سوئاللارغا « بۇ ھەقتە ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

خىتاي -تاجىكىستان ھەمكارلىقىدا بىرلەشمە جەڭ قىلىش بازىسى ئاللىقاچان مەۋجۇتمۇ؟

تاجىكىستاننىڭ ئومۇمى نوپۇسى 9مىليون 500 مىڭ بولۇپ، ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ياردەملىرىگە ئېرىشكەن، ۋە بۇ ياردەملەر ئارقىلىق تاجىكىستاننىڭ چېگرا پونكىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن. ئۇنىڭدىن سىرت رۇسىيەمۇ بۇ يەردە ھەربىي بازا قۇرغان بولۇپ، بۇ تاجىكىستاندىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى چەتئەل ھەربىي بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تاجىكىستان يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان تالىبان بىلەن تېخىچە مۇناسىۋەت ئورناتمىغان بولۇپ، ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىشتىن ساقلىنىپ كەلگەن. بۇ ھال ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن پەرقلىق ئىكەن. ئافغانىستاندا تاجىكلارنىڭ نوپۇسىمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئافغانىستان بويىچە 2- چوڭ مىللەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. تاجىكىستان رەھبىرى ئىمامئەلى راخمانوف ئىلگىرى تالىبانلارغا خىتاب قىلىپ ئافغانىستاندىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشىنى تەۋسىيە قىلغان، ئۇ يەنە «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى»نىڭ تاجىكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 1300 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا ئەتراپىغا جايلاشقانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ھەقتە تالىبان بايانات بېرىپ تاجىكىستاننىڭ ئافغانىستان ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، تالىبانلار ئاللىبۇرۇن ئافغانىستاننىڭ شىمالىغا جايلاشقان يەرلىك قوراللىق كۈچلەر بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، تاجىكىستان راخمانوف ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. 

ئىلگىرى خىتاي بىلەن تاجىكىستاننىڭ  چېگرىلىنىدىغان رايونىدا ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى «بىرلەشمە جەڭ قىلىش بازىسى» نىڭ ئاللىبۇرۇن قۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئاشكارىلانغان بولۇپ، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» بۇ ھەقتە 2019-يىلى خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، مەزكۇر گېزىت مۇخبىرى بۇ بازىدىكى قۇرۇلۇشلاردا خىتاي تەرەپنىڭ بەلگىلىرىنى شۇنداقلا بازا ئەتراپىدا «شىنجاڭ» ھەربىي رايونىنىڭ بەلگىسىنى تاقىۋالغان ھەربىي خادىملارنى كۆرگەن ئىكەن. ئۇلار ئۈچ يىل بۇرۇن بۇ رايوندا خىتاي -تاجىكىستان ھەربىي بازىسىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ ئەمما ئىككى دۆلەت بۇ بازىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا مەبلىغى ئاستىدىكى ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ 27- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ دۈشەنبىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تاجىكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەۋەتكەن ھۆججەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن مەزكۇر دۆلەتتىكى مەلۇم بىر ھەربىي بازىنىڭ بارلىق باشقۇرۇشىنى بېيجىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ تاجىكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈشى ئۇلارنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان. تالىبانلار ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن خىتاي  ئالدى بىلەن ئۇلار بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» دىن كەلگەن ئۇيغۇر جەڭچىلەرگە زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدىن ئافغانىستانغا، ئاندىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتايغا سىڭىپ كىرىشىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىدىكەن.

25-ئۆكتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تالىبان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئابدۇل غەنى بارادار بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆرۈشۈشتە ۋاڭ يى خىتاينىڭ ئافغانىستان ئىچكى ئىشلىرىغا ئەزەلدىن ئارىلاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن شۇنداقلا تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىلەن بولغان چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«فرانكفۇرت پۇل مۇئامىلە گېزىتى» نىڭ قارىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ «ئالدى ھويلىسى» بولغان تاجىكىستاندا خىتاينىڭ مەبلەغ ئاجرىتىپ ھەربىي بازا قۇرۇشى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە بېيجىڭنىڭ «ئىسلام دۆلىتى» ئىچىدىكى ئۇيغۇر جىھادچىلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتاي ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان، يېقىندىن بۇيان مەيلى « ئىسلام دۆلىتى» بولسۇن ياكى پاكىستان تالىبانلىرى بولسۇن، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ بېيجىڭغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن تەشۋىقاتلار كۆپلەپ پەيدا بولغان، ئۇنىڭدىن باشقا ئافغانىستان تالىبانلىرى ئىچىدىمۇ يۈزلىگەن ئۇيغۇر جەڭچىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئافغانىستاندىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكىنىڭ خىتاينىڭ چېگرا رايونىنى قالايماقانلاشتۇرىۋېتىش ئېھتىماللىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر بېيجىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تالىبانلار ئافغانىستان ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن تاجىكىستان 18- ۋە19-ئاۋغۇست كۈنلىرى دۈشەنبە شەھىرىدە « تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش 2021» نامىدىكى بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزگەن. شۇ چاغدىكى «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن تاجىكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق مەقسىتى ئىككى تەرەپنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خىتاي- تاجىكىستان ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتەك ئىرادىسىنى نامايان قىلىش شۇنداقلا بۇ رايوندىكى تەھدىت پەيدا قىلىدىغان تېررور كۈچلەرگە ھەيۋە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

گۇگىل تەرجىمىسى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان تىللار قاتارىغا قوشتى.(2020 يىل)

يە ئۆكتەبىر 31 , 2021
گۇگىل تەرجىمىسى ئۇيغۇر تىلىنى قوللايدىغان تىللار قاتارىغا قوشتى.(2020 يىل)

You May Like