خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئايرۇپورتلارنى جىددي كۆپەيتمەكتە

خىتاي« خەلقئارا ئايرۇپورت ئۇچۇرلىرى تورى»نىڭ قەيت قىلىشچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 2020- يىلى يولغا قويماقچى بولغان 10 ئايروپورت قۇرۇلۇش تۈرى جىددىي ئېلىپ بىرىلماقتا ئېكەن .

ئەلكىزەر

 

2020-10-3

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

 

 

خىتاي« خەلقئارا ئايرۇپورت ئۇچۇرلىرى تورى»نىڭ قەيت قىلىشچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 2020- يىلى يولغا قويماقچى بولغان 10 ئايروپورت  قۇرۇلۇش تۈرى جىددىي ئېلىپ بىرىلماقتا ئېكەن .

 

شۇ ئايرۇپورت قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىن بولغان جۈندۇڭ (گۇچۇڭ) ئايروپورتى،   9ئاينىڭ 28 -كۈنى ، بايىنبۇلاق ۋە بارىكول ئايروپورت تۈرى 9 ئاينىڭ 29 كۈنى ئايرىم -ئايرىم ھالدا قۇرۇلۇش تۈرلىرى باشلانغان.  

 

قەشقەر، ئاقسۇ، غۇلجا، كېرىيە، موڭغۇلكۈرە قاتارلىق جايلاردىكى مەۋجۇت بولغان ئايروپورتلا كېڭەيتىلىپ  قۇرۇلۇلغان ھەمدە  ئاقسۇ ۋە غۇلجا ئايرودروملىرىنىڭ يېڭى تېرمىنال قۇرۇلۇشى بۇ يىل پۈتۈپ  ئىشقا كىرىشىدىكەن .

 

2021 يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايروپورتلارنىڭ سانى 30 غا يىتپ  بارىدىكەن ، بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ تۇرۇش جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ تۇرۇپ، ئەمدىلىكتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاساسىلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا غايەت زور دەرىجىدە مەبلەغ سېلىشى شۈبھىلىك ئىكەن.

 

ئانالىزچىلارنىڭ بۇ ھاۋا قاتناش تۈرلىرىنىڭ زور دەرىجدە نورمال بولغان ئېھتياجدىن ئېشپ كەتكەنكەنلىكى ، كەلگۈسىدە بۇ ھاۋا قاتناش يوللىرىنىڭ يولۇچى توشۇشنى ئەمەس، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا غايەت زور ساندا نوپۇس كۆچۈرۈش ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقىنى تېخىمۇ زور مىقداردا تالان تاراج قىلىش  يۆتكەپ كېتىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئالغا سۈرمەكتە. بۇ ئايرۇپورتلار يەرلىك خەلىقلەرگە ھېچقانداق مەنپەئەت ئېلىپ كېلەلمەيدىكەن.

 

 خىتاينىڭ ئېلگرىكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاجىكىستانغا چېگرىداش تاشقورغاندا ئايروپورت ياسىغانلىقى تەكىتلەنگەن.  خىتاي بۇ ئايرۇپورتلارنى ساياھەتكە ياسالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن بۇ رايونغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، بۇ تاجىكلاردىكى گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.

 

  «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر يول ۋە ھاۋا قاتنىشىغا بۇنچە كۈچەپ كېتىشى ئۇلارنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېز سۈرئەتتە ھەربىي قىسىملارنى يۆتكەش ئېھتىياجىنى ئەڭ چوڭ نىشان قىلغان،» ئېكەن .

 

【新疆又有三个新建机场工程配套项目相继开工 – 今日头条】https://m.toutiaocdn.com/

 

https://www.passengerterminaltoday.com/news/airport/xinjiang-plans-extensive-airport-investment.html

 

https://www.reuters.com/article/us-china-economy-aviation-idUSKCN1NO094

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئاقسارايدا يەنە كىملەر مۇسبەت چىقتى؟

شە ئۆكتەبىر 3 , 2020
ئامېرىكا سايلىمىغا يەنە بىر ئاي بار، پرېزىدېنت ترامپ ئۆزىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى، بۇ قېتىملىق پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى سايلامنى تېخىمۇ نامەلۇم ئەھۋالغا ئېلىپ كىردى.

You May Like