خىتاي ساختا تەشۋىقات ۋە تۆھمەت بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە پاراكەندىچىلىك سالماقتا!

يېقىندىن بۇيان ئامېركا باشچىلىغىدىكى دۆلەتلەرنىڭ<< ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى >>ئېتراپ قىلىشى ۋە ئەنگىليەدىكى مۇستەقىل سوت كوللېگىيىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي يالغان مەيدان ۋە ساختا ھىساپلار بىلەن ئاممىۋى ئۇچۇر سۇپىلىرىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچلەرنى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىشقا باشلىدى.

ھەبىبۇللا ئىزچى

 

يېقىندىن بۇيان ئامېركا باشچىلىغىدىكى دۆلەتلەرنىڭ<< ئۇيغۇر  ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى >>ئېتراپ قىلىشى ۋە ئەنگىليەدىكى مۇستەقىل سوت كوللېگىيىسىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدىن ئەنسىرىگەن خىتاي يالغان مەيدان ۋە ساختا ھىساپلار بىلەن ئاممىۋى ئۇچۇر سۇپىلىرىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچلەرنى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى پاراكەندە قىلىشقا باشلىدى.

 

  ئا رقا –ئارقىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتىچلەرگە تۆھمەت قىلىشقا ،ۋە خىتاينىڭ ئەسىرلىك زۇلمىغا قارشى قوزغالغان خەلق سادالىرىنى يالغانلار بىلەن باستۇرۇشقا ئۇرۇندى.

 

   خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان ئاممىۋى سۇپىسى فايسبوك ۋە تىۋىتتەر ئاكونتلىرى بولۇپ،بىرىنجى خل ئۇسۇلى بولسا ھەر خىل دەبدەبىلىك ئىسىملار بىلەن ئېچىلغان ساختا ھىساپلار ئارقىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى دوستلۇققا قوشۇپ ئارقىدىن ئۇلارنىڭ دوستلۇقىدىكى كىشىلەرنى تەگلىك قىلىپ ختاينىڭ ساختا ئۇچۇرلىرىنى تارقاتماقتا.

 

     ئىككىنجى خىل ئۇسۇلى بولسا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچقان تىك توك  ھىسابىغا دوستلۇق ئەۋەتىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باي-باياشات،خوشال –خورام ياشاۋاتقان مەنزىرىلىرنى كۆپلەپ تارقىتىپ ،چەتئەللەردىكى بەزەن پىسخىكىسى ئاجىز ئۇيغۇرلارغا روھى داۋالغۇش ۋە پىسخكىلىق بېسىم پەيدا قىلماقتا.

 

     ئۈچىنجى خىل ئۇسۇلى : بىر قىسىم دىنى ئىسىملارنى قويغان ئەمما تارقاتقان ئۇچۇرلىرى ھەممىسى ساختا مەنزىرىلەرنى ئاساس قىلغان ھېساپلار ئارقىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى دوسلۇققا قوشۇپ ئۇلارنى تەگلىك قىلىپ،رادېكاللىق تۈسىنى ئالغان تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ ، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى قارىلاشقا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا ئۇيغۇرلارنى رادېكال ، ئەسەبى كۆرسىتىشكە  ئۇرۇنماقتا.

 

        تۆتىنجى خىل ئۇسۇلى: چەت ئەللىك مۇخبىرلار نامىدا خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئاقلايدىغان ساختا ماقالە ۋە تەشۋىقاتلار ئارقىلىق چەتئەل تەشۋىقات ماتېرياللىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا قارشى سادالىرىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ۋە  ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنى يالغانغا چىقىرىپ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى خەلقارا جامائەتچىلىك ئالدىدا قارىلاشقا ئورۇنماقتا.

 

      بەشىنجى خىل ئۇسۇلى : خىتاي ھۈكۈمىتى تۈركىيەدىكى ئايدېنلىق گېزىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە بىۋاستە ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندە قىلماقتا.

 

خىتاي ئايدىنلىق گېزىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئامېركا جاسۇسى ،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئادالەت تەلەپ قىلغان سادالىرىنى ئامېركا پروجىسى دەپ تەشۋىق قىلىپ، ئىسلام ۋە  تۈرك دۇنياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئورۇنماقتا. ئايدېنلىق يېقىنقى زامان ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى،ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنى ئامېركا جاسۇسى دەپ تۆھمەت قىلغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ  تۈرۇك دۇنياسىدا ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.  بەزەن لاگېر شاھىتلىرىنى تېرورچى دەپ ئېغىر ھاقارەت تۈسىنى ئالغان تۆھمەتلەرنى قوللانغان بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا سولانغانلىقىنى ،مىليونلارچە ئىنساننىڭ زۇلۇم ئىچىدە ئىڭراۋاتقىنىنى يالغانغا چىقىرىش ۋە خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەپ تارقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قارىلاش، تۆھمەت قىلىش، ھاقارەت قىلىش قاتارلىق رەزىل ۋاستىلەر ئارقىلىق بىۋاستە ھۇجۇم قىلماقتا.

 

     ئالتىنجى خىل ئۇسۇلى : بىۋاستە پاراكەندە قىلىش بولۇپ بۇ ئەڭ كۆپ ئۇيغۇرلار مەركەزلەشكەن تۈركىيەدە بەزەن ئۇيغۇرلارنى دائېش بىلەن ئالاقىسى بار دەپ يالغان تۆھمەت بىلەن تۇتقۇزۇپ پاراكەندىچىلىك سالماقتا.

 

   يەتىنجى خىل ئۇسۇلى :شەرقى تۈركىستاندا ئىسلامنىڭ نومۇسىنى دەپسەندە قىلغان،قۇرئانلارنى كۆيدۈرگەن،مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا سولاپ قىرغىن قىلغان خىتاي بىر دومىلاپ خەلقارا سەھنىدە ۋە ئەرەپ –ئىسلام دۇنياسىدا ئۆزىنى پەلەستىن تەرەپدارى،ئىسلام تەرەپدارى كۆرسىتىپ خەلقارانى ۋە كۆزى كور ئەرەپلەرنى ئالداشقا ئورۇنماقتا ۋە ئالدىماقتا!

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاينىڭ بۇداپېشتتا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇش پىلانى سۇغا چىلاشتى

پە ئىيۇن 10 , 2021
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ماي ئېيىنىڭ بېشىدا ۋېنگىرىيە ھۆكۈمىتى "فۇدەن" ئۇنىۋېرسىتېتى تارماق مەكتىپىنىڭ بۇداپېشت شەھىرىدە قۇرۇلۇش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى، ھەمدە بۇ پىلاننىڭ شەرتسىز ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى، ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارى ۋېنگىرىيە خەلقىنىڭ قاتتىق توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. 5- ئىيۇن نەچچە مىڭلىغان بۇداپېشت خەلقى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ شەھەردە قۇرۇلۇشىغا قارىتا قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

You May Like