خىتاي قەشقەر ئايرودرومىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشنى ئىلىپ بارماقتا، غەرەز نېمە؟

خىتاي قەشقەر ئايرودرومىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشنى ئىلىپ بارماقتا، غەرەز نېمە؟

 ئافراسياپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10-ئاۋغۇست

خىتاينىڭ خەلق تورىدا بەرگەن خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي شەرقى تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) نىڭ قەشقەر شەھەر ئايرودرومىنى غايەت زور شەكىلدە كېڭەيتكەن.

خىتاينىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايرودروم «ئاۋىئاتسىيە بىناسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنىڭ بېزەش باسقۇچىنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر ئايرودرومىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش تۈرى قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، مۆلچەرلىنىشىچە، يىل ئاخىرىدا بارلىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىلىرى تاماملىنىدىكەن.

ئايرودرومىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرى شىنجاڭنىڭ «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدىكى خەلق ئاۋىئاتسىيەسى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن يېڭى، كونا ئاۋىئاتسىيە بىناسىنىڭ كۆلىمى 56 مىڭ 800 كۋادرات مېتىرغا يېتىدىكەن.

خىتاينىڭ قەشقەر ئايرودرومنى شىددەت بىلەن كېڭەيتىشتىكى مەقسىتى: قەشقەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، نوپۇس يۆتكەشنى پىلانلاش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا ئالاقىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىماقتا. بۇ خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىش پىلانىنىڭ چوڭقۇرلىشۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر كوللېكتىپى توربېكىتى رەسىم سېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

سە ئاۋغۇست 10 , 2021
ئۇيغۇر كوللېكتىپى" رەسىم سېزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ"

You May Like