خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇرغان فىلىمى تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

9- ماي ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزىگە توختىماي ئۇرغان كۆرۈنۈشى كەڭ تارقالدى. بۇ قىسقا فىلىم بىر كۈن ئىچىدە فەيسبۇك، ئىنستاگرام، تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ تۋىتتېر سۇپىسىدا ئىنگلىزچە، تۈركچە، فىرانسۇزچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلدى، كۆپلىگەن قېتىم ھەمبەھىرلەندى.

ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 10- ماي

 

9- ماي ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ يۈزىگە توختىماي ئۇرغان كۆرۈنۈشى كەڭ تارقالدى. بۇ قىسقا فىلىم بىر كۈن ئىچىدە فەيسبۇك، ئىنستاگرام، تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بولۇپمۇ تۋىتتېر سۇپىسىدا ئىنگلىزچە، تۈركچە، فىرانسۇزچە، ئەرەبچە قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ تارقىتىلدى، كۆپلىگەن قېتىم ھەمبەھىرلەندى.

 

تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ بۇ توغرىلىق ئىنگلىزچە تارقاتقان تىۋىتى 150 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەسر يارىتىپ، 20 مىڭ قېتىمغا يېقىن كۆرۈلۈپ، 500 قېتىمدىن ئارتۇق ھەمبەھىرلىدى. چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ يۈزدىن ئاشتى. ئىنكاسلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەھشىيلىكى تەنقىد قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ئىپادىلەندى. Sunil Dhoundiyal  ئىسىملىك تورداش مۇنداق دەپ ئىنكاس يازغان: «خىتاي بۇ ئېسىل كاچاتنى پاكىستان، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستان، تۈركىيە، مالايسىيا، قاتارلىق بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئۇردى. مانا بۇ خىتاينىڭ ئۇلارغا قىلغان مۇئامىلىسى.» بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن تورداشلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئەيىبلەپ ئىنكاسلارنى قالدۇرغان. يەنە بەزى تورداشلار خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنى يېزىشقان. ئامېرىكىلىق تورداشلار بولسا يېقىندىن بۇيان خىتاينى قوللاپ نام چىقارغان داڭلىق ۋاسكېتبول ماھىرى جەيمىس لېبورن lebronjames نى تەگلىك (@) قىلىپ ئىنكاسلارنى يېزىشقان، مەلۇم تورداش ئۇنى تەگلىك قىلىپ مۇنداق يازغان: «مانا بۇ سەن قوللاۋاتقان ھۆكۈمەت، ئۇلار ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، ئۇلارنى قۇل قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ سەن ئۈچۈن بىر نومۇستۇر.

 

سېيىت تۇمتۈرك ئەپەندىنىڭ تۈركچە تارقاتقان تۋىتتىمۇ 50 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ، 1000 غا يېقىن ئىنكاس چۈشكەن. مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۈرك تورداشلار ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى ئىپادىلىگەن، دۇئا تىلەكلىرىنى يېزىشقان. بەزى تورداشلار تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغاننى خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىرغان.

 

بۇ قىسقا فىلىم خىتايچە تۋىتتېر دۇنياسىدىمۇ كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھەرخىل ئىنكاسلار چۈشكەن. ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى خىتاي تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە تۇتقان پوزىتسىيىسى باشقىچە بولغان. گەرچە بەزى ئىنكاسلاردا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش پوزىتسىيەسى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، يەنە نۇرغۇن ئىنكاسلاردا بۇ فىلىمدىكى ئادەم ئۇرغۇچى ئوقۇتقۇچىنى خىتاي ئەمەس دېگەندەك پىكىرلەر بولغان. يەنە بەزىلەر بولسا ئادەم ئۇرغۇچى پەقەت ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرا دېيىشكەن. ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى خىتايچە تارقاتقان تۋىتتېرىمۇ كەڭ ھەمبەھىرلىنىپ نۇرغۇن ئىنكاسلار چۈشكەن، ئىنكاسلار ئىچىدە يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك بۇ ئىشنى كىچىكلىتىپ تەشۋىق قىلغان خىتايچە ئىنكاسلارمۇ كۆپلەپ ئۇچرىغان. بۇ ئىنكاسلارغا قارىتا بىر تورداش مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ قىسقا فىلىم ئىككى كۈننىڭ ئىچىدە تور دۇنياسىدا شىددەت بىلەن تارقالدى، بۇ ھال خىتاي كوممۇنىستلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلدى، شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان تور يازارلار پەيدا بولۇپ، يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ ئىشنى كىچىكلىتىپ يوقىتىشقا كۈچەۋاتىدۇ. ئەمما بۇلار ھەرقانچە كۈچەپ باقسىمۇ بۇ ئادەم ئۇرغۇچى خىتاي ئوقۇتقۇچى، تاياق يېگۈچى بولسا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى، بۇ ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ، بۇ ئاتالمىش ئوقۇتقۇچىلار ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىستلىرى تەربىيەلىگەن ھەقىقىي ئاشقۇنلار، ئىرقچىلاردۇر!»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۇيغۇرلارغا چەكسز ئۆچمەنلىك: خىتاي دېموكراتىيە جەڭچىسى ۋىي جىڭشىڭنىڭ ئۇيغۇر ئۆچمەنلىكى، مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەققىدە

شە ماي 15 , 2021
بۇ ماقالىدە ۋىي جىڭشىڭ، ئۇنىڭ خىتاي دۇنياسدىكى ئورنى ۋە تەسرى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قاراشلىرى، بۇنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنى قوللاۋاتقانلار ھەققىدە توختىلىمىز.

You May Like