خىتاي كونسۇلىغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئېلان ئېنىقلاندى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى13-ئۆكتەبىر

ئامېرىكا مېدىئالىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئېنىقلانغان. خەۋەر قىلىنىشىچە مەزكۇر ھۇجۇمچىنىڭ ئىسمى ياڭ جەنيۇەن بولۇپ يۇرتى شەندۇڭلۇق ئىكەن.

ساقچىلار ياڭ نىڭ تۇرالغۇسىدىن سىياسىي سۇيىقەستكە ئائىت كىتاب ماتېرىياللار، بىر دانە يالغان تاپانچا، پىچاق قاتارلىق نەرسىلەرنى بايقىغان. سان فىرانسىسكو يەرلىك خەۋەر قاناللىرىدا دېيىلىشىچە، ئۇ 2014-يىلى شەندۇڭدىكى «چۈفۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى»نى پۈتتۈرۈپ ئامېرىكىغا كەلگەن. ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغۇچىلارنىڭ دېيىشىچە، ياڭ ئادەتتە كىشىلەر بىلەن كۆپ باردى كەلدى قىلمايدىغان گېپى ئاز، ئىچ مىجەز كىشى بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئامېرىكىدا نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ساقچىلار ياڭ نى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. نەق مەيداندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ياڭ كونسۇلغا ھۇجۇم قىلىپ كىرگىنىدە: «خىاي كوممۇنىست پارتىيەسى، قېنى سىلەر؟!» دەپ ۋارقىرىغان.

Arman

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

يېڭى دوكلات: ئاتالمىش «تەربىيەلەش »لاگېرىدىن چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئىشچىلىققا سىلىنۋاتقانلىقى رەسمىي ئىسپاتلاندى

سە ئۆكتەبىر 17 , 2023
ئەھمەتجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى17-ئۆكتەبىر يېقىندا ئۇيغۇر ھوقۇق تەتقىقاتچىلىقى ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىم ئادرىيان زەنز يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش تەربىيەلەشتىن چىققان ئۇيغۇرلارنى ئۇدۇل زاۋۇتلارغا ئاپىرىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالىدىغان پروگراممىسىنى ئاشكارىلىغان. ئادرىيان زىنزنىڭ ئىسپاتلىشىچە، خىتاي مەزكۇر پروگرامما ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ۋە ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ۋە قارشىلىقنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت كۆپ […]

You May Like