خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئامىرىكاپارلامىنتى ئاۋام پالاتاسى تەرپىدىن ماقۇللىغان ئۇيغۇر قانۇن لاھىيسنىڭ تەستىقتىن ئۈتىشىگە قارىتا رەزىل باياناتىغا رەددىيە _ئابدۇرەھىم غىنى

شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغان زىمىن بۇلۇپ خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ كۈرشى مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشتۇر

شەرقىي تۈركىستان ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغان زىمىن بۇلۇپ خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرنىڭ كۈرشى مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئوتتۇرسىدىكى كۈرەشتۇر، سەن مۇستەملىكە قىلغان زىمىن شەرقى تۈركىستاندا 21- ئەسىردە دۇنيانىڭ كۆز ئالىدىدىلا ئېنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ياۋۇز،ئەڭ ۋەھشىي، كۈلىمى ئەڭ چوڭ بولغان جازا  لاگىرىلىرىنى قۇرۇپ خەلىقئارا كىشلىك ھۇقۇق قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىپ شەرقى تۈركىستان خەلقىنى ئۇچۇق- ئاشكارا قىرغىن قىلىىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ جازا لاگىرىنى تاقاش، بىگۇناھ ئىنسانلارنى قۇيۇپ بىرىش ھەققىدىكى قارارىنىمۇ كۆزگە ئىلماي، قىرغىنچىلىقنى تېىخىمۇ ۋەھشى ئۇسۇلدا داۋاملاشتۇرساڭ، ئۇيغۇر مەسلىسى قانداقمۇ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشى بولسۇن؟! ئۇيغۇر مەسلىسى ھازىر خەلىقئاراۋى مەسىلىگە ئايلاندى. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ھەرگىزمۇ كىشلىك ھۇقۇق مەسلىسى ئەمەس بەلكى مۇستەملىكە قىلىنغان زىمىننى قايتۇرۇپ ئېلىش مەسلىسى. شەرقىي تۈركىستاندا ئەزەلدىن تېرۇرىزىم ياكى ئەسەبىيلىك مەۋجۈت ئەمەس، ئەگەر تېرورىزىم بار دېيىلسە بۇ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتنى يۇقۇتۇشقا ۋاستە تاللىماي يۈرگۈزۈپ كەلگەن دۆلەت تېرورىزىمى بار.

 

ئامىرىكاپارلامىنتى ئاۋام پالاتاسى تەرپىدىن ماقۇللىغان ئۇيغۇر قانۇن لاھىيسنىڭ تەستىقىن ئۈتىشى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېرورىزىمنى چەكلەش جەھەتتە باسقان تۈنجى قەدىمىي بۇلۇپ ئۇيغۇرلارغا غايەت زور مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامىرىكا ھۈكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە چەكسىز مىنەتدارلىقىمىنى بىلدۈرىمەن.ئامىرىكاپارلامىنتى ئاۋام پالاتاسى تەرپىدىن ماقۇللىغان ئۇيغۇر قانۇن لاھىيسنىڭ تەستىقىن ئۈتىشى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېرورىزىمنى چەكلەش جەھەتتە باسقان تۈنجى قەدىمىي بۇلۇپ ئۇيغۇرلارغا غايەت زور مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامىرىكا ھۈكۈمىتىگە ۋە خەلقىگە چەكسىز مىنەتدارلىقىمىنى بىلدۈرىمەن.

 

قورچاق رەئىس شۆھرەت زاكىر بىلەن ئابدۈشكۈر داموللام ئەمىليەتتە سەن خىتايلارنىڭ قۇلدىكى زەنجىردە باغلاغلىق ۋىجدانسىز، ئۆز مىللىتىگە خىيانەت قىلىشنى ياشاش مىزانى قىلۋالغان ئۇمرۇتقىسىز ھايۋانلاردۇ. بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلنىپ كەتكەن ئىنسان قېلپىدىن چىققان ۋەھشى جازا لاگىرنى يەنە پەردازلاپ كەسپى ماھارەت تەلىم تەربىيە مەركىزى دەپ سۆزلىتىشىڭ بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلنىپ بولغان جىنايەتلىرىڭنى ھەرگىزمۇ ئاقلىيالمايدۇ. شۇنداقلا كۇڭزىنىڭ بىزدىن بولمىغانلارنىڭ نىيتى يامان دىگەن مەپكۇرىسى بۇيچە ئۈزەڭنىڭ مىلىتىدىن بولمىغانلار سىنىڭ نەزىرىڭدە مەڭگۈ دۈشمەن. ئۈزۈڭ بىر قوللۇق تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن، ساڭا ساداقەت بىلەن ئىشلىگەن، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئۇستىلىق بىلەن پايدىلانغان قورچاق نۇربەكرىنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلشىڭ بۇنى ئەملىي ئىسپاتىدۇر.

 

بۇ رەسىمدىكى ئايال ئايگۇل سۇلتان 53 ياش،ئونسۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىزمەتچىسى جازا لاگىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى ھالىتى بۇ،ئاتالمىش كەسپى ماھارەت تەلىم تەربىيە مەركىزىدىكى  تەربىيلىنىشتىن كىيىنكى ھالىتى بۇ تۇرسا،جازا لاگىردىكى ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ھالىتىنى قانداق تەسەۋۇر قىلىمىز؟ ئۇلار ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈالمەكتە، ئىچكى ئەزالىرى ئوغۇرلانماقتا، ئاياللار جىنسى خورلۇققا ئۇچۇرماقتا، ئەۋلات قالدۇرۇش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قېلىنماقتا.    

 

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سەرخىل ئىنسانلىرى بولغان مۇھەممەت داموللام، …… قاتارلىق سەرخىللىرىمىزنى جازا لاگىردا ۋەھشى ئۆلتۈردىڭ؟ بۇلارنىڭ گۇناھى نىمە؟ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدا مەڭگۇ گۇناھكار دەپ، ئۈزەڭنىڭ مىللىتىدىن بومىغانلارنىڭ ھەممىسى سىنىڭ نەزىرىڭدە مەڭگۈ جىنايەتچى.  

 

قۇللۇقتىن ئۈلۈم ئەلا، ياشىسۇن مۇستەقىللىق.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

24 بەتلىك مەخپىي ھۆججەت قانداق ئاشكارىلاندى؟

دۈ دېكابىر 9 , 2019
16- نويابىر، نىيويورك تايمىس گىزىتى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك 403 بەت مەخپى ھۆججەتنى ئاشكارىلاپ، خىتاي دەسلەپ ئىنكار قىلىپ ئاندىن پەردازلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان قايتا تەربىيەلەش لاگىرلىرىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلاپ، دۇنيانى زىل-زىلىگە سالغان ئىدى.

You May Like