خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىرىدىن بىرى -كارىزنى ۋەيران قىلىش قەدىمىنى باشلىدى
ھەبىبۇللا ئىزچى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى24-مارت
ئاتام سورىسا، ئانام سورىسا كارىزدا دەڭلەر.
قولى ئىشتا، كۆزى ياشتا يۈرىدۇ دەڭلەر.
تۇرپان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى
يېقىندىن بېرى ئامېرىكىدىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسىدا تارقاتقان، خىتاينىڭ «دوۋيىن» ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدىن ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ۋە قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرىنىڭ كارىزلارنى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى بىلەن توپا-شېغىللارنى تۆكۈپ تىندۇرۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭغا يەرلىكتىكى بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ نارازىلىقى تارقىتىلغان.
بۇ خانىمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ۋىدىوسىدا: ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ كىچىكىدىن كارىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى سۆزلەش بىلەن بىرگە 2009 – يىلىدىن كېيىن يولغا قۇيۇلغان، « كارىزغا 70 مېتىر يېقىنلىقتا قۇرۇلۇش قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن قانۇن تۇرغۇزۇلغانلىقى، ۋە كارىزنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدا ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى تارىخقا ھۆرمەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
سۇنى يەرنىڭ تېگىدىن زېمىن ئۈستىگىچە ئېلىپ چىقىدىغان مەزكۇر كارىزلار، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۈكسەك پاراسىتى بىلەن بىنا قىلغان ئەڭ قەدىم تارىخىي مىراسلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۈنىمىزدىمۇ مەزكۇر كارىز سۇلىرىنىڭ ئېتىز ئېرىقلارنى سۇغۇرۇشقا ئىستېمال قىلىنىش بىلەن بىرگە تۇرپان خەلقىنىڭ ئىچىملىك سۈيى مەسىلىسىنىمۇ ھەل قىلىپ كەلمەكتە. كارىز ئېرىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۇرپان رايونىدا بولۇپ، تارىخ تەتقىقاتچىلىرى كارىزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھون سۇلالىسىگە تۇتاشتۇرىدۇ.
تۇرپان شەھىرى -ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، يارغول قەدىمى شەھىرى، قەدىمى ئۇيغۇرلار قەبرىستانلىقى، تاش ئۆڭكۈرلەر ، تارىخىي ماكانلار، تارىخىي ئەسەرلىرى ۋە بەش مىڭ كىلومېتىرغا سوزۇلغان يەر ئاستى ئېرىقى بولغان كارىز بىلەن مەشھۇردۇر. كارىز يەر ئاستىدىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئىنشائاتى ۋە 1100 ئېرىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر ئاستى سۇ ئامبىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 5000 كىلو مېتىر كېلىدۇ. -«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»
كارىز— بوستانلىق مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتىكى مۆجىزە، ئۇيغۇرلار ئۇزاق زامانلار داۋامىدا ئىككى قولى، ئەقىل -پاراسىتىگە تايىنىپ ئىجاد قىلغان ئەمگەك مېۋىسى. تۇرپاندا: «ئەر ئۆلسە چىراغ ئۆچىدۇ، كارىز ئۆلسە، ئەل كۆچىدۇ» دەيدىغان ماقال بار. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كارىزغا بولغان ئەقىدە، مۇھەببىتىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى دەلىللەيدۇ. تۇرپان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈن بولۇپ، يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار بۇ يەردە ياشاشقا باشلىغان. ياز پەسلى ئىسسىق ھەم ئۇزاق بولغان بۇ قەدىمىي زېمىننىڭ پەسىللىك دەريالىرى كۆپ بولسىمۇ، نوپۇس، تېرىلغۇ يەرنىڭ كۆپىيىشى، سۇ ئىشلىتىشنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە ئېقىنلارنىڭ سەرپىيات ۋە پارغا ئايلىنىشى زورىيىپ، ئېقىنلار تارتىلىشقا، قۇرۇشقا باشلىغان. نەتىجىدە كىشىلەر بۇلاق سۈيىگىلا تايىنىشقا توغرا كەلگەن. بۇ ھال سۇغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا، پاراسەتلىك ئۇيغۇرلار كارىزدىن ئىبارەت مۆجىزىنى ياراتقان.
كارىز خەلقىمىزنىڭ زامانلاردىن بۇيان ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىدىكى بىر ئەۋزەل سۇ ئىنشائاتى بولۇپ، تەبىئەت بىلەن ئادىل، ماسلىشىپ ياشاش شارائىتىغا ئۇيغۇنلاشقان ئاجايىپ مۇھىم ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ئىگە. كارىزلارنىڭ مەنبەسى تەڭرىتاغدىن ئېرىگەن قار-مۇز سۈيىنى ئاساس قىلغان، بۇلاق ئېقىن سۇلىرى بولۇپ، ئىلگىرى يازدا دېھقانچىلىقتا پايدىلىنىلسا، قىشتا تەبىئەتكە قويۇپ بېرىلەتتى. ياز پەسلىدە سوغۇقراق، قىش پەسلىدە ئىلمان بۇ تاتلىق سۇ بايلىقى بىھۇدە ئىسراپ بولۇپ كەتمەيتتى، ھەتتا سۇ چىقىرىشتا زامانىۋى سۇ قۇدۇقلىرىدەك توك – ئېنىرگىيەمۇ كەتمەيدۇ، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، ئەكسىچە، مۇھىتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، نورمال ياشاش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. مانا بۇ كارىزنىڭ ئاجايىپ تەبىئىي ئەۋزەللىكى.
كارىزنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنىپ ياراتقان تەبىئىي يېشىل مۇھىت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەل ئىچى مەدەنىيىتىنىڭ سورۇنى بولۇپ، بۇ تۇرپان، قۇمۇللاردا كارىز مەشرىپىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇندىن باشقا، تۇرپان خەلقىدە كارىز چېپىش ئەمگىكىگە قاتناشقانلارنى چوڭ كۆرىدىغان، ھۆرمەتلەيدىغان ئادەت بار. شۇڭا، ئەل ئارىسىدا «قۇدۇق چاپقاندەك چوڭ گەپ قىلما»، «يۇقىرى – تۆۋەن چېپىپ بەگ ئاتالغۇچە، كارىز چېپىپ ئەر ئاتال» دېگەندەك ماقاللارمۇ مەۋجۇت.
كارىز ھەققىدە ئەلجەزىرەنىڭ مۇخبىرى راپىئ ئەبۇ رەھمە شۇنداق يازىدۇ : «تۇرپان ھاۋا كىلىماتىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق بولۇشى، يامغۇرنىڭ ئاز يېغىشى، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش نىسبىتىنىڭ بەك يۇقىرى بولۇشى، قەدىم زاماندىكى تۇرپان خەلقىنى سۇ دىن ئىبارەت ھاياتلىق جان تومۇرىغا قارىتا مۇقىم چىقىش يولى تېپىش ھەققىدە چارە ئىزدەشكە مەجبۇرلايدۇ. ياز كۈنلىرى ئىسسىقلىق دەرىجىسى 50 سېلسىيە گرادۇسقىچە چىقىدىغان، يىللىق يامغۇر يېغىش نىسبىتى 17 مىللىلىتىردىن ئاشمايدىغان، لېكىن سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش نىسبىتى 3000 مىللىمېتىردىن ئاشىدىغان قۇرغاق بىر زېمىندا سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەر ئاستىغا سۇ ئامبارلىرى بىنا قىلىش ئارقىلىق چىقىش يولى تاپقان بولىدۇ. كېيىنچە سۇ ئامبىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ كۆپىيىشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەجرىبە ساۋاقلارنىڭ ئېشىشى نەتىجىسىدە چوڭقۇر سۇلۇق قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيىنى يەر يۈزى يانتۇلىقىدىن پايدىلىنىپ، يەر ئاستى ئېرىقلىرى ئارقىلىق يەر يۈزىگە ئېلىپ چىقىدىغان سۇ قۇرۇلۇشى بولغان كارىزنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مەزكۇر كارىزلار بىر تەرەپتىن سۇ ئامبىرى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن رايوندا كەلكۈنگە تاقابىل تۇرىدۇ، شۇنداقلا سۇنىڭ بىكارغا ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇ ئېرىقلارنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىنى قاپلىغان دەرەخلەر مەزكۇر سۇ ئامبىرىدىكى سۇلار نىڭ پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كارىزدىن ئىبارەت بۇ خىل يەر ئاستى قانال ئادەتتە بۇلاق بويلىرىدىن ياكى يامغۇر سۈيى توختاپ قالغان ئازگاللاردىن بىنا قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر يەر يۈزىدە يىگىرمە نەچچە مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇپ بىر- ئىككى مېتىر ئەتراپىدا ياكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇر تىك قۇدۇق قازغان، تىك قۇدۇق بىلەن تەشمىنىڭ تەكشىلىكى بولسا يەر يۈزى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش كېلىدىغان تەشمە بىلەن تۇتاشتۇرغان،بۇ تەشمىلەر تىك قۇدۇقلارنى بىر-بىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ تاكى ئېتىزلارغا ۋە باغلارغا يېتىپ بارغۇچە داۋاملاشقان،سۇ بولسا، تەشمە ئىچىدە شىلدىرلاپ ئېقىپ يەر ئاستى قاناللارنى شەكىللەندۈرگەن ».
كارىز دۇنيادا ئەڭ باشتا شەرقى تۈركىستاندا ۋە ئىراندا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شەرقى تۈركىستاندىكى كارىزلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»دا 5000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ دەپ يېزىلغان. كارىز ھەققىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ئۆتكەن خىتاي تارىخشۇناس ۋاڭ گوۋى «غەربىي رايونلاردىكى كارىزلارنى تەكشۈرۈش» دېگەن ئەسىرىدە «شىنجاڭدىكى كارىزلار بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى خەن دەۋرىدىلا بار ئىدى» دەپ يازغان. دېمەك، بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇرلار كارىز مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
ئەمما شەرقى تۈركىستان خىتاي ئىشغالىغا چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان كارىزنىڭ قوغدىلىشى ۋە رېمونت قىلىنى يېتەرلىك بولمىغاچقا ۋە ئائىلىلەرگە ئىچىملىك سۇ تۇرۇبا ئارقىلىق يەتكۈزۈشكە باشلىغاندىن بۇيان تېرىلغۇ ۋە ئۈزۈمچىلىك كەسپىدىلا ئىشلىتىلىپ كارىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە قوغدىلىشى كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە.
ۋەھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاننىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىدىن كېلىدىغان كىرىم ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن كارىزنى تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرغان ئىدى. پەقەت بۇ ساياھەتچىلىك ئۈچۈن ئېچىلغان بىر قىسىم رايونلار كارىزلارنىڭ قوغدىلىشى ۋە مەدەنىي تارىخى گەۋدىلەندۈرۈلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كارىز سۈيىدىن تېرىقچىلىق ۋە ئۈزۈمچىلىك قىلىدىغان باشقا رايونلار خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قالايمىقان قۇدۇق قېزىشى ۋە يەر ئاستى سۈيىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش سەۋەبىدىن خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ بۇ ھەقتە 2016-يىلى تۇرپاننىڭ بۇيلۇق يېزىسىدا كارىزنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن بىر قېتىملىق كەسكىن توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى.
بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەپ تارتماستىن ئوچۇق -ئاشكارا كارىزلارنى تىندۇرۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي تارىخى ئىزلىرىنى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەلتۆكۈس يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك قارا نىيىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئاشكارىلاپ بەردى.
مۇشۇنداق بىر ئۆزگىچە ‹‹مەدەنىيەت›› بۈگۈنكى كۈندە خىتايدىن ئىبارەت ۋەھشىي ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەت ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مىللەت سۈپىتىدە بىرلىشىپ قىلغان زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا.