خىتاي ھۆكۈمىتى لاگىردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا خىمىيەلىك قۇراللارنى ئىشلەتمەكتە

ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن نەچچە نەپەر سابىق لاگىر مەھبۇسلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا سولاپ قويۇلغان مەزگىللەردە ئاق پاراشوكتەك خىمىيەلىك دورىلارنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرلانغان.

 

 

ئەركىن سىدىق

2019-5-13

 

 

ئۇيغۇر ۋە قازاقلاردىن نەچچە نەپەر سابىق لاگىر مەھبۇسلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندا سولاپ قويۇلغان مەزگىللەردە ئاق پاراشوكتەك خىمىيەلىك دورىلارنى ئىستىمال قىلىشقا مەجبۇرلانغان. مىنىڭ بىر ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ ئىيتىشىچە، ئۇنىڭ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىكى تونۇشىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىغاندا، ئاق پاراشوگ دورا ئادەمنى ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈدىغان خىمىيەلىك دورا بولۇپ، خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا بۇ خىل دورىنى قانچىلىك مىقداردا قوللىنىش ۋە ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئۆلتۈرۈشتىن بۇرۇن قانچىلىك ۋاقىت لاگىردا تۇتۇپ تۇرۇش توغرىسىدا مۇنازىرە پەيدا بولغان.

 

 يەنە بىر ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىنىڭ 2009- يىلىدىكى 5- ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كىيىن تۇتقۇن قىلىنىپ نەچچە يىل تۈرمىدە ياتقان بىر ئۇيغۇر ياشتىن بىۋاستە ئاڭلىشىچە، ئۇ ياش تۈرمىدىكى ۋاقتىدا ھەر كۈنى ئاق پاراشوگ دورا يىيىشكە مەجبۇرلانغان بولۇپ، ئۇ ھەر قىتىم دورىنى يىگەندىن كىيىن نىرۋىسى قېتىشىپ، بەدەنلىرى تىترەپ، ماغدۇرى قالماپتىكەن.

 

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى ۋە DNA ئا ئارخىپلىرىنى توپلىغان بولۇپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئالىملار ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ DNA ۋە بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرى ئىچكى ئەزا تىجارىتى ۋە بىئولوگىيەلىك تەجىربىلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن. يۇقىرىدىكى يىڭى ئۇچۇر مەلۇم دەرىجىدە بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

 

شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كەڭ كۆلەمدە قىرغىن قىلىنماقتا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاربولساق، تولىمۇ ئىلاجىسىز قالدۇق. خەلقئارا جەمىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئۇيغۇلارنىڭ تىراگىدىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشقا بىز قانداق قىلىپ قوزغىتىشنى بىلەلمىدۇق. ئەگەر سىزنىڭ ياخشى تەكلىپلىرىڭىز ياكى پىكىرلىرىڭىز بولسا بىزگە بىلدۈرۈشىڭىزنى سورايمىز، رەھمەت!

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

گوللاندىيەدە شەرقىي تۈركىستانلىقلار قاققان ئالتۇن قوزۇق

سە ماي 14 , 2019
2019- يىلى 5- ئاينىڭ 10 –كۈنى ئۇلۇغ جۈمە كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن مۇبارەك بىر كۈن بولدى. گوللاندىيەگە جايلاشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتى 6 يىلدىن بىرى بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئاخىرى خىزمەت بىناسى سېتىۋالدى. بۇ ئىشخانا بىناسى ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار تىگىدىن سىتىۋالغان تۇنجى ئىشخانا بىناسى بولسا كىرەك.

You May Like