خىتاي ئەنگىلىيەدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلماسلىق بىلەن تەھدىت سالدى

ئەنگىلىيە تىلگىراف گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتى ئەگەر ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋىي شىركىتىنى چەكلىسە، 230 مىلىيارد فونىستىرلىڭ قىممىتىدىكى ئ

     

ئۇيغۇر ئاگىتنلىقى

تەييارلىغۇچى: ئەردەم

2019-6-23

ئەنگىلىيە تىلگىراف گىزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دىپلوماتى ئەگەر ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى خۇاۋىي شىركىتىنى چەكلىسە، 230 مىلىيارد فونىستىرلىڭ قىممىتىدىكى ئەنگىلىيە كالا گۆشىنىڭ خىتايغا ئىمپورت قىلىنىشى چەكلىمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئاينىڭ بىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتى 90- يىللاردىكى يۇقۇملۇق كالا گۆشى ۋىرۇسى كىرىزىسى سەۋەبلىك، ئەنگىلىيەدىن كالا گۆشى، چوشقا گۆشى ئىمپورت قىلماسلىق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىۋىتىشكە قوشۇلغان ئىدى.

بىراق بۇ كىلىشىم  ئەنگىليە تور سىستىمىسىنى 5ج تورغا كۆتۈرۈشكە خۇاۋىي تېخنىكىسىنى قوللىنىش قوللانماسلىققا باغلىق بولۇپ قالماقتا.

خىتاي مىنىستىرى خۇ چۈنخۇا ئەنگىلىيەنى زىيارەت قىلىپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن، ئەنگىلىيەدىن كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشقا قوشۇلغان، گەرچە خىتاينىڭ ئىمپورت مىقدارى ئارانلا 2.2 پىرسەنت، بارلىق چوڭ دۆلەت ۋە رايونلار قاتارىدا ئەڭ ئاز بولسىمۇ، ئەنگىلىيە كالا گۆشى كارخانىچىلىرى خىتاينى يەنىلا يوشۇرۇن بازار كۈچىگە ئىگە زور بازار دەپ قارايدۇ.

بىراق، نەچچە كۈن ئۆتۈپلا خىتاينىڭ خۇاۋىي شىركىتىنى كالا گۆشى ئىمپورتىغا چىتىۋىلىشى، خىتاينىڭ ھارۋىدا توشقان تۇتىدىغان خاراكتىرىنى يەنە بىر قىتىم ئاشكارىلىغان.

مەنبە:

https://www.bbc.com/news/uk-wales-48668026

https://www.telegraph.co.uk/news/2019/06/21/200mbritish-beef-exports-could-risk-uk-government-freezes-huawei/

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

تۈركىيە دىموكراتيسى:ئ‍ستانبۇللۇقلار ئەكرەم ئ‍ىمامئوغلۇنى ئىككىنچى قېتم يەنە سايلىدى.

يە ئىيۇن 23 , 2019
يەكشەنبە كۇنى،2019-يىلى 23-ئىيۇن،ئ‍ېستانبۇللۇقلار ساندۇق بېشىغا بىرىپ،جۇمھۇرىيەتچى خەلق پارتىيسىنىڭ نامزاتى ئەكرەم ئىمامئ‍وغلۇنى سايلىدى.بۇ سايلامدا پىرىزدىنىت رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پارتىسيى ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسى نامزاتى ،سابىق تۈركىيە دۆلەت باش منستىرى بىنالى يىلدىرىمنى ئۇتۇپ ،ئ‍ستانبۇل بۇيۇك شەھەر باشلىقى بولدى.بۇ 25 يىلدىن بىرى بۇ شەھەر باشلىقلىق ۋەزپسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئادالەت تەرەققىيات پارتىيسنىڭ قولىدىن چىقىپ كېتىشى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.ئەكرەم ئىمامئوغلۇ 45%كە قارشى 54 % ئاۋاز بىلەن ، تەخمىنەن ئ‍ون پىرسەنت ئەتراپىدا زور پەرق بىلەن ئۇتتى. ي

You May Like