خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇكرائىنادىكى بارلىق خىتايلارنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇكرائىنادىكى بارلىق خىتايلارنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

 خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇكرائىنادىكى بارلىق خىتايلارنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 26-فېۋرال

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋىرى. 26-فېۋرال خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ شۇ جايدىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىمكانقەدەر يوشۇرۇن يۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا كونسۇلخانا ئوخشاش ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ شۇ جايدىكى خىتايلارنىڭ خىتاي دۆلەت بايرىقىنى ماشىنا ياكى ئىشىك ئالدىلىرىغا چاپلاپ، ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىشىنى تاپىلىغان ئىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، كونسۇلخانا يەنە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياۋاش يۇمشاق بولۇپ، كونكرېت مەسىلىلەردە باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى، ئۇكرائىنالىقلار بىلەن ئىللىق مۇئامىلە قىلىشىنى تاپىلىغان. كونسۇلخانىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا ئېنىق قىلىپ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئىمكانقەدەر ئۆز كىملىكىنى يوشۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغان.

پەيشەنبە كۈنى كونسۇلخانا چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا ئۇكرائىنادىن ئايرىلماقچى بولغان خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ماشىنىلىرىغا خىتاي بايرىقى چاپلاپ مېڭىشىنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. خىتاينىڭ بۇ يېڭى بۇيرۇقى « ب د ت» دا خىتاي رۇسىيەنى ئەيىبلەش بېلىتىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىنگە ئۇدۇل كەلگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنادا ھازىر 6مىڭدىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسى ياشاۋاتقان بولۇپ، كونسۇلخانا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇلارنى ئايروپىلان ئارقىلىق خىتايغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما ئۇچۇش ۋاقتى ياكى باشقا تەپسىلىي ئۇچۇرلار تېخى ئېلان قىلىنمىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى رۇسىيە مەركىزى بانكىسىغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئېلان قىلدى

شە فېۋرال 26 , 2022
ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ رۇسىيە مەركىزى بانكىسىغا قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئېلان قىلدى

You May Like