كانادا: خىتاي دۇنيادىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان چوڭ دۆلەت

كانادا: خىتاي دۇنيادىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان چوڭ دۆلەت

 كانادا: خىتاي دۇنيادىكى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىنى ئالغان چوڭ دۆلەت

ئارمان 

2022-يىلى 28-نويابىر

27-نويابىر كانادا ئۆزىنىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدا خىتايدىن كېلىش ئېھتىماللىقى بولغان «بۇزغۇنچىلىق» خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 2 مىليارد 300 مىليون كانادا دوللىرى خىراجەت ئاجرىتىدىغانلىقىنى دېدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى Melanie Joly بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: « ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ كەلگۈسى بىزنىڭ كەلگۈسىمىز دېمەكتۇر، بىز بۇ رايوندىكى ئاساسلىق تەشكىللىگۈچى رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن،  سەمىمىي ۋە ئىشەنچلىك بولغان ھەمكارلاشقۇچىغا ئايلىنىشىمىز زۆرۈر.» ئۇ مۇخبىرغا قىلغان سۆزىدە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: « ھۆكۈمىتىمىز كارخانىلارنى خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، بۇ مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم، بار بولغان خەتەرنى ئەسكەرتىشىم كېرەك. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتى قىلغاندا گېئوپولىتىكىلىق خەتەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز مۇھىمدۇر…».

كانادا تەرەپ يەكشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا خىتاينى دۇنيا مىقياسىدىكى «بۇزغۇنچىلىق» خاراكتېرىنى ئالغان كۈچ دەپ تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت تېخىمۇ يىرىكلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى يېتەرلىك ئوزۇق يىغىپ قويۇشقا ئەسكەرتتى

دۈ نويابىر 28 , 2022
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى يېتەرلىك ئوزۇق يىغىپ قويۇشقا ئەسكەرتتى

You May Like