خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن پارىژغا يېتىپ كەلگەن

خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن پارىژغا يېتىپ كەلگەن

 خىتاي دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋاڭ يى ياۋروپا زىيارىتى ئۈچۈن پارىژغا يېتىپ كەلگەن

ئارمان 

2023-يىلى 15-فېۋرال

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزى بيۇروسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى ۋاڭ يى بۈگۈن (15-فېۋرال) ياۋروپا زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولغان پارىژغا يېتىپ كەلگەن. فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئەل ماكروڭ شۇ جاي ۋاقتى چارشەنبە كۈنى چۈش سائەت 12دە پرېزىدېنت مەھكىمىسىدە ۋاڭ يى نى كۈتۈۋالغان.

مەتبۇئاتلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ۋاڭ يىنىڭ بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان «جاسۇس شارى» سەۋەبلىك ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلەشكەن ۋاقىتلىرىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، فىرانسىيەدىن سىرت ئىتالىيە، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ زىيارەتتە بولىدىكەن. 

ۋاڭ يى بۇ ھەپتە ئاخىرى گېرمانىيەدە ئېچىلىدىغان «ميۇنخېن بىخەتەرلىك يىغىنى» غىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە يىغىنغا ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خاررىس، ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلىنسكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەئىسى ۋوندېر لاين قاتارلىق ئەربابلارمۇ قاتنىشىدىكەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ۋاڭ يى گېرمانىيە زىيارىتىنى تۈگىتىپ رۇسىيەگە بېرىپ پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشتە بولىدىكەن.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

تۈركىيە يەر تەۋرەشكە ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (16-فېۋرال)

پە فېۋرال 16 , 2023
تۈركىيە يەر تەۋرەشكە ئائىت يېڭى خەۋەرلەر (16-فېۋرال)

You May Like