خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىكى بىرلەشمە باياناتقا قارشى ئىنكاس بىلدۈرگەن

خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىكى بىرلەشمە باياناتقا قارشى ئىنكاس بىلدۈرگەن

 خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىكى بىرلەشمە باياناتقا قارشى ئىنكاس بىلدۈرگەن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 15-ئىيۇن

14-ئىيۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا 47 دۆلەت بىرلىكتە  بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  گوللاندىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جەنۋە ئىش بېجىرىش ئورنىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى پائۇل بېككېرس (Paul Bekkers) ئەپەندىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: « دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان چوڭ كۆلەملىك كۆزىتىش ھەرىكەتلىرى ۋە ناھەق تۇتۇش سىياسەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ… ئۇيغۇرلار رەھىمسىزلەرچە قىيناش ۋە جازالاش، مەجبۇرىي تۇغماسلىق، جىنسىي خورلۇق، مەجبۇرىي ئەمگەك قاتارلىق جىنايەتلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرى مەجبۇرىي ھالدا ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ مەسىلىلەرگە جىددىي تۈردە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى قاماشنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز.» مەزكۇر باياناتتا يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان باستۇرۇپ قويغان ئۇيغۇرلارغا ئائىت كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى دەرھال ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ جەنۋەدە تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى چېن شۈ مەزكۇر بىرلەشمە باياناتقا قارشى مۇنداق دېگەن: « بىر قىسىم دۆلەتلەر يالغان ياۋىداق سۆزلەر بىلەن خىتاي دۆلىتىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، بىز يۇقىرىقىدەك ئەيىبلەشلەرگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بۇ دۆلەتلەر يوقنى بار قىلىپ، باشقىچە سىياسىي مۇددىئاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى…» ئۇ يەنە باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتىنى ماختاپ، ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقانلىقىنى تەكىتلىگەن.    

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

مەشھۇر ئىنقىلابچى، سىياسىيون مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى ئەسلەيمەن

چا ئىيۇن 15 , 2022
مەشھۇر ئىنقىلابچى، سىياسىيون مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانى ئەسلەيمەن

You May Like