خىتاي باياناتچىسى لاگىر مەسىلىسىنى يەنە ئاقلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 20 نەچچە ئەزا دۆلەت خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تەييارلىغۇچى: زۇلپىقار

2019-7-12

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 20 نەچچە ئەزا دۆلەت خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن ئىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى 22 ئەزا دۆلەت ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىپلىدى ۋە خىتتاينى ئۇيغۇر قاتارلىق باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى خالىغانچە تۇتۇش، قاماپ قويۇشتەك قىلمىشلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

11- ئىيۇل، خىتتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى گىڭ شۇاڭ مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا:«

«شىنجاڭ مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەممىدىن بەك سۆزلەش ھوقۇقى بار، ھەرقانداق دۆلەت ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ دەخلە قىلىشىنى قوبۇل قىلمايمىز.تىرورىزىم ۋە ئەسەبىيلىكنىڭ قاتتىق ۋەسىمىسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن شىنجان ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونىدا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىدە زور بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى. شىنجاڭدا ئىككى ئايدىن بىرى زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، جەمىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق، خەلق خاتىرجەم، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بەخىت تۇيغۇسى، مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي تەدبىرىنى چىن كۆڭلىدىن قۇۋۋەتلىمەكتە»دىدى.

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى :ئۇيغۇر خەلقى ئنسانپەرۋەر 22 دۆلەتكە رەھمەت ئېتىيدۇ:سلەرنى تارىخىمىزغا يازىمىز!

جۈ ئىيۇل 12 , 2019
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئ‍نسانى ھوقۇق كونسۇلىغا ھەق-ھوقۇقلىرى ختتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت ۋە ئ‍نسانپەرۋەرلىك نۇقتسدىن ھەق سۆز قىلغان

You May Like