خىتاي باش ئەلچىسى: خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى توغرىسىدىكى ھەرقانداق جازاسىغا قارىتا ئۆچ ئالىدۇ

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى تەرۇز قىلدى دېگەن باھانە بىلەن مۇقىمسىز شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) رايۇنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالىسا، خىتاي » ئوخشاش نىسبەتتە» ئۆچ ئالىدۇ، بېيجىڭ بۇ رايۇندا تېرورچىلارنى «قايتا تەربىيلەۋاتىدۇ».

رويتېرس ئاگېنلىقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018- يىلى 27 -نويابىر

ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-28

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەيشەنبە كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئامېرىكا ئىنسان ھەقلىرىگە دەخلى تەرۇز قىلدى دېگەن باھانە بىلەن مۇقىمسىز شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) رايۇنىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالىسا، خىتاي » ئوخشاش نىسبەتتە» ئۆچ ئالىدۇ، بېيجىڭ بۇ رايۇندا تېرورچىلارنى «قايتا تەربىيلەۋاتىدۇ«.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تىيەنكەي رويتېر ئاگېنتلىقى بىلەن بولغان زىيارىتىدە ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دىكى ھەرىكەتلىرىنى ئىراق ۋە سۈرىيىدە دائىش بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، خىتاينىڭ خەلقئارا تىرورىزىمغا زەربە بېرىش تىرىشچانلىقى قوش ئۆلچەمنىڭ كونتروللۇقىغا دۇچ كەلدى دېدى.

ئۇ يەنە، «سىز دائىشقا زەربە بىرىشكە مەسئۇل بولغان بەزى ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ جازاغا ئۇچرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟ ئەگەر مۇنداق بىر ھەرىكەت قوللىنىلسا، بىز چوقۇم ئۆچ ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى.

سۈي تىيەنكەي خىتاينىڭ تەپسىلىي قانداق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بەرمىدى.

بېيجىڭ پائالىيەتچىلەر، ئادېمىكلەر، چەتئەل دۆلەتلىرى ۋە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ ) دا ياشايدىغان مۇسۇلمان مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە قاماپ قويۇش ۋە قاتتىق نازارەت قىلىشقا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

-8ئايدا، ب د ت نىڭ بىر كىشىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بىر مىليون ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ » مەخپىيەتلىكلەرگە تولغان زور كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقى ھەققىدىكى ئىشەنچىلىك دوكلاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ترامپ ھۆكىمىتى خىتاينىڭ ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى بىلەن چېتىشلىقى بار شىركەتلەر ۋە ئەمەلدارلارنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دىكى خىتاي كوممىنىستىك پارتىيىسى سېكرېتارى چېن چۈەنگو مۇ بار ئىكەن. سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى بولمىش چېن چۈەنگو خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر قاتلىمىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

سۈي تىيەنكەي مۇنداق دېدى، ئامېرىكا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن تېرورچىلارنى ئۆلتۈرگەن بولسا، » بىز ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنى قايتا تەربىيلەشكە، ئۇلارنى نورمال ئىنسانلارغا ئايلاندۇرۇپ نورمال ھاياتقا قايتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز

ئۇ ئامېرىكا چېن چۈەنگونى جازالىسا خىتاي قانداق ئۆچ ئالىدۇ دېگەن سوئالغا جاۋابەن » بىز نېمە ئىش بولىدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. بىز ھەممە ئىشنى نىسپىتى بىلەن قىلىمىز» دېدى.

سۈي تىيەنكەينىڭ سۆزلىرى ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى تەھدىتىگە  قايتۇرۇلغان ئەڭ قاتتىق ئنكاس ھىساپلىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ چېن چۈەنگودەك نوپۇزلۇق ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنى جازالاش قارارى تىرامپ ھۆكىمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئاساسىي سەۋەب قىلغان كەم ئۇچرايدىغان ئىش. ترامپ ھۆكىمىتى خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى قىلىش بىلەن بىرگە، چاۋشيەن يادرو قۇرال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتەك مۈشكۈل ئەھۋالدا بېيجىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا « يەر شارى ماگنېتسكي قانۇنى» غا ئاساسەن جازالاش چارسى  كۆرەلەيدىكەن، بۇ قانۇن ئامېرىكىنىڭ فېدېرال قانۇنى بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئىنسان ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلغۇچىنىڭ ئامېرىكىدىكى  مال- مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش، ئامېرىكىغا كىلىشىنى چەكلەش ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا قىلىشىنى چەكلەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىدۇ.

خىتاي دائىرلىرى دائىم شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دا مىللىي ياكى دىنىي باستۇرۇش قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ كەلدى. ئۇلار قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى، تەنقىدچىلەر تەرىپىدىن ھەربىي ھالەتكە ئوخشىتىلغان شارائىت، ساقچى تەكشۈرۈش پونكىتلىرى، جازا لاگېرلىرى ۋە كەڭ كۆلەمدە د ن ئا يېغىش،  رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ تەسىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر دەيدۇ.

ئەڭ ئاۋۋال لاگېرلارنىڭ بارلىقىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ئەمەلدارلىرى بەزى » يىنىك جىنايەت» ئۆتكۈزگەن پۇقرالارنىڭ خىزمەت پۇرسىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىندا، 29 ياشلىق مېھرىگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ئايال مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ 10 ئاي جەريانىدا، ئۇرۇندۇققا باغلاپ توك سوقتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە فىزىكىلىق ۋە پىسخولوگىيىلىك قىيناشلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان مېھرىگۈل تەييارلىغان باياناتنى ئوقۇۋاتقاندا، ئۇ يىغلاپ تاشلىدى ۋە تىترەپ كەتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ لاگېرغا قامالغان جەرياندا ئۈچ پەرزەنتى يېنىدىن ئېلىپ كېتىلگەن، تۆت ئايلىق بولغان ئوغلى ھۆكۈمەت تۇتۇپ تۇرۇش جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەن ۋە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بىرىلمىگەن.

ئۇ خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرى كەسپىي تەربىيلەشنى مەقسەت قىلىدۇ دېگەن باياناتلىرىنى رەت قىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، شۇنچە كۆپ كامېرداش ئاياللار ئارىسىدا نۇرغۇنلىرى » دوختۇر، ئوقۇتقۇچى دېگەندەك ياخشى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەنلەر» ئىكەن.

مېھرىگۈلنىڭ دىيىشىچە، ئۇ لاگېرغا قامالغان جەرياندا توققۇز ئايالنىڭ ئۆلۈمىگە شاھىت بولغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېسەل بولۇپ قالغاندىن كېيىن داۋالىنىش تەلىپى رەت قىلىنغانلارمۇ بار ئىكەن.

رويتېر ئاگېنتلىقى ئۇنىڭ سۆزلىرىنى مۇستەقىل ھالدا دەلىللەشكە ئىمكانسىز، بىراق نۇرغۇنلىغان ئىلگىرى لاگېرغا قامالغان كىشىلەر مېدياغا بىرىنچى قول ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى. ۋاشىنگىتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى مېھرىگۈلنىڭ بايانلىرى توغرىسىدا سورالغان تەلەپلەرگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرمىدى.

شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) دا مۇخبىرلارنىڭ ئەركىن خەۋەر بېرىشىگە قۇيۇلغان چەكلىمىلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى مۇستەقىل باھالاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.

ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى مەسئۇلى مىشېل باچېلېت خىتاينى شەرقىي تۈركىستانغا كۆزەتكۈچىلەرنى كىرگۈزۈشكە چاقىرغان، بىراق بېيجىڭ ئۇنىڭغا خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

مەنبە:

https://www.reuters.com/article/us-usa-trade-china-exclusive/exclusive-china-envoy-warns-of-dire-consequences-if-u-s-hardliners-hold-sway-idUSKCN1NW2AQ

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تەرجىمە: قورقۇنۇچلىق بوۋاق تەجىربىسى

پە نويابىر 29 , 2018
خىتاي ئالىمى خې جىيەنكۈي دۇنيادىكى گېنى ئۆزگەرتىلگەن تۇنجى بوۋاقنىڭ يورۇق كۆرگىنىنى ئېلان قىلىشى بىلەن دۇنيانى زىلزىلگە سالدى.گېرمانىيە ئاخباراتى بۇئىشقا ئالاقىدار ئىلىمى تەتقىقات ۋە مۇنازىرىلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بەردى .

You May Like