خىتاي ئادرىئان زېنىستىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى

خىتاي ئادرىئان زېنىستىن ئۆچ ئېلىشقا باشلىدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 9- مارت خەۋىرى
ئارمان

 

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورى 9- مارت ئېلان قىلغان دوكلاتىدا دېيىلىشچە: «شىنجاڭ» (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى بىر قانچە شىركەت بىرلىشىپ، گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنىس (Adrian Zenz) ئۈستىدىن يەرلىك سوتقا ئەرز قىلغان. بۇ توردىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن بىر قانچە شىركەت ئادرىئان زېنس تەرىپىدىن «توقۇلۇپ» چىقىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك «سەپسەتىسى» دىن كېيىن ئىناۋەت ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن كۆپ زىيان تارتقانلىقى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشقان.

 

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئادرىئان زېنىسنىڭ ئىجتىمائىي تور سۇپىلىرىدا ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى «يالغان» تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن چەتئەل كارخانىلىرى خىتايدىن مال كىرگۈزۈشنى توختاتقان، نەتىجىدە پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى ئاساس قىلغان نۇرغۇنلىغان دۆلەت ئىگىلىگىدىكى ۋە شەخسىي كارخانىلار زور ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان. بۇ سەۋەبلىك يەرلىك كارخانىلار بىلەن خەلق بىرلىشىپ، تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنىس ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلغان. ئەمما قايسى شىركەتلەرنىڭ، قەيەردىكى قانۇن ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنغانلىقى توغرىسىدا ئىنچىكە تەپسىلات بېرىلمىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاۋلىجەن سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: «ئادرىئان زېنىس ئىزچىل تۈردە ئاكادېمىك تەتقىقات نى قالقان قىلىپ تۇرۇپ، خىتايغا قارشى ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىپ كەلدى. شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) دىكى نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ۋە خەلق ئۇ تارقاتقان ئۆسەك سۆزلەر تەرىپىدىن ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. بىز يەرلىك خەلقنىڭ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قانۇنىي مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايمىز. بۇ ۋەقە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالىمىز. ئادرىئان زېنىس ۋە ئۇنىڭ ئارقىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەرھامان بىر كۈنى قانۇننىڭ ئادىل سوتىغا تارتىلىدۇ.»

 

ئامېرىكا ئاقىللار ئامبىرى «ئەركىنلىك ئۆيى» نىڭ تەتقىقاتچىسى سارا كۇك (Sarah Cook) نىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق دەۋا ئويۇنى ئەمەلىيەتتە ئىستراتېگىيىلىك پىلانلانغان تاكتىكا بولۇپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنى بەدەل تۆلىتىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. خىتاي بۇ ئارقىلىق «شىنجاڭ» (شەرقىي تۈركىستان\ئۇيغۇرىستان، ت.) مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چەتئەل تەتقىقاتچىلىرى ياكى ئورگانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكچى ئىكەن.

 

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز پىكرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «غەرب دۆلەتلىرىدىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتلار ۋە ئاكادېمىك ئىزدىنىشلار نەتىجىسىدە بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ چەكلىنشى خىتايغا ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار مۇشۇنداق چاكىنا ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ئادرىيان زېنىس قاتارلىق خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلارغا مەركەزلىك ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى نەتىجىسز ئاياغلىشدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ جىنايتىنى پاش قىلغۇچىلار ۋە ئورگانلار ئادرىيان زىنىسلا ئەمەس.»

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

داۋۇت ئوغلى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىزنىڭ باش ئەلچىمىزدىن نېمنىڭ ھىسابىنى سورىدى؟

شە مارت 13 , 2021
داۋۇت ئوغلى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بىزنىڭ باش ئەلچىمىزدىن نېمنىڭ ھىسابىنى سورىدى؟

You May Like